|
|
|
|
|
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پىروفىسور - رەيھان بەكتۇر ! f, b" V0 z- R$ o7 k
ئاپتور: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە
* d+ H2 g* c- n% p
! z6 l2 {: _: r, l& I
% W. K# y# e* ~$ S, s' J; nبىز كۈندە دېگۈەك نۇرغۇن شەخىسلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بەزىلىرىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۇنتۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن. مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرۇپ كەلگەن شەخىسلەر مەن تونۇشتۇرمىساممۇ خەلقىمىز قەلبىدىن ئاللىقاچان ئورۇن ئالغان كىشىلەر بولۇپ، پەقەت ماڭا تونۇشلۇق بولغان ئەمەلىي ۋەقەلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇشىنى ئويلايمەن. شەخىسلەرنى تونۇشتۇرۇش مەن قىلىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن ئەمەس چۈنكى ئۆزى يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن كۆپ ئەۋزەل. ئەمما ھاياتىمىزدا شۇنداق كىشىلەر بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ خىسلەتلىرى، ئىش-ئىزلىرىنى يازماي دېسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنىمايدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇشنىڭ ئۆزى كىشىنى گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا مەھكۈم قىلىدۇ. بۇ قېتىم مەن يازماقچى بولغان رەيھان ھەدەم ئەمەلىيەتتە شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىنسان. ئۇنىڭ ھۆرمىتىمگە سازاۋەر بولۇشى ۋە قەلبىم تۆرىدىن ئورۇن ئىلىشى پەقەت ئۇنىڭ گۈزەل بىر قەلىبكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە تونۇشقىنىمدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل ۋە مەردانىلىكى، كىچىك پىئىل-خۇشپىچىملىقى، كەم تېپىلغۇدەك سەمىمىيىتى ۋە قەيسەرلىكى، ئەڭ مۇھىمى مەيلى ئىنسانىي خىسلەتلەردە ۋە ياكى كەسىپچانلىقتا بولسۇن نەقەدەر نوچىلىقى مېنى ھەيران قالدۇرۇشتىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغانلىقىدىن، دەپ ئويلايمەن. يىللاردىن بىرى يوشۇرۇنچە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە، باسقان ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشىپ كەلدىم. ئىچىمدىكى قايىللىقىمنى تېشىمدا دەپ باقمىدىم-يۇ، ئەمما ئۇنىڭدەك بىر كىشى بولۇشقا ئىرادە باغلىدىم. يېقىندىن بىرى مەن ھۆرمەتلەيدىغان بىر قانچە ئۇلۇغ كىشىلەر مەن ئۇلارغا كۆڭلۈمدىكىنى دېيىشتىن بۇرۇن بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقانلىقىنىدىن ئەپسۇسلانغىنىم ئۈچۈنمۇ-تاڭ، رەيھان ھەدەمنىڭ ھېكايىسىنى يېزىش خىيالى كاللامغا كىرىپلاۋالدى. مېنىڭچە، ئۆزىگە تەسىر قىلمىغان كىشىلەر ھەققىدە يېزىش تولىمۇ قۇرغاق ۋە زېرىكىشلىك بىر ئىش. مەيلى كىم بولسۇن ماڭا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىگەن كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى قەلەمگە ئېلىشىم تولىمۇ تەسكە توختايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەمما شۇنداق قىلالايدىغانلارغا قايىل بولىمەن. ئىشىنىڭكى، مەن سىزگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بۇ ئىنساننىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇغىنىڭىزغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىز.
( n& j( l; a0 C. p- _; K" |
, J& n8 ]: U* f' o! {* ?- P! Cبىز ھاياتىمىزدا قانداق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ قانداق ھاياتنى ياشاشنى بىلەلمەيمىز. ئەمما ئېنىقكى، بىز تونۇشۇش نېسىب بولغان كىشىلەر ھاياتىمىزغا ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلىرى بىردەملىك شادلىق ياكى مالاللىق ئىلىپ كەلسە، يەنە بەزىلىرى بىزگە ئۆمۈرلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەردۇر. مەن ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئېسىل كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم ۋە ئۇلاردىن كۆپ ئىلھام ئالدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكىنمنى ئاساسەن بىلمەيمەن، ئەمما باشقىلارنىڭ ماڭا بولغان تەسىرلىرىنى ئەلۋەتتە ئېنىق بىلىمەن. ئەسلى يېزىشقا تىگىشلىك بولسا، تۇنجى بولۇپ دادام ۋە ئاناملارنى، ئايالىم ۋە قىزىمنى يېزىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئۇلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئىپى كەلگەندە خاتىرەمگە پۈتۈپ مېڭىۋاتىمەن. ئەمما ماڭا ئالاھىدە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھېكايىسى باشقىلارغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ قارىغان شەخىسلەر ھەققىدە يازغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن. مەن رەيھان ھەدەمنىڭ ئۆز-تەرجىمالىنى كۆرۈپ باقمىغان ھەم بۇ ماقالىنى يازىدىغانلىقىمنىمۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ باقمىغاچ بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن سوئال سوراپمۇ باقمىغان. تۆۋەندە ئۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن، ئاندىن ھەقىقىي ۋەقەلەر داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
* n7 p: ~. P6 M+ G& f' x& i8 Q2 H
- `8 X9 T/ L+ {; ]/ E' h/ \* H" |دوكتور رەيھان بەكتۇر ئاقسۇدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاقسۇدا تاماملىغاندىن كېيىن ئەلا نەتىجە بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى ئېلېكتىر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىىسىدە ماگىسىتىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا ئامېرىكا كىلەمسېن ئۇنىۋېرستېتى (Clemson University) ئېلىكتىر ئېنژىنىرلىقى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ 2005-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتى كومپىيۇتىر ۋە ئېلېكتىر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسى بويىچە ياردەمچى پىروفىسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە تەبئىي پەنلەر ساھەسىدە ئامېرىكا تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى بۇ خىل ئۇسۇلدا پىروفىسورلۇق خىزمىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى ۋە تا ھازىرغىچە بىردىنبىر ئۇيغۇر بولۇپ قالغان. ئۇ قىسقىغىنە ئون نەچچە يىللىق تەتقىقات ھاياتىدا ئامېرىكىدىكى نوپوزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ئۆز ساھەسىدىكى ئامېرىكا ئىلمىي جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈچۈن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان. ئالاھىدە دېققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى، ئۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئۇيغۇر دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارنى يېتشىتۈرگەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر پىروفىسور بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنجان ياسىن (ھازىر دوكتور تۇرسۇنجان ياسىن، ئوخشاشلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى مەكتەپدىشى) پىروفىسور رەيھان بەكتۇرنىڭ تەجىرىبخانىسىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا كۆپ قېتىم ئېرىشىش ئىنتايىن تەس بولغان تەتقىقات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندىن باشلاپلا ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەش ۋە تەتقىقات فوندىغا ئېرىشىشكە تەڭ كۈچەپ ھەر ئىككىلى جەھەتتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. دوكتور رەيھان بەكتۇر ئامېرىكىدىكى ئايال تەتقىقاتچىلار ئىچىدە نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 2009-يىلى ۋە 2011-يىلى ئىككى نۆۋەت «ئاياللار تېخنىكا مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 16 نامزاتى تىزىملىكىگە كىرگەن. ئۇ 2011-يىلى «يىللىق مۇنەۋۋەر پىروفىسور مۇكاپاتى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. دوكتور رەيھان بەكتۇر ئېرىشكەن كاتتا مۇكاپاتلار ئىچىدە، ئۇ 2013-يىلى ئېرىشكەن «دون دۇدلىي مائارىپ مۇكاپاتى» ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ 6 يىل ياردەمچى پىروفىسورلۇق خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەردىن پىشقەدەم پىروفىسورلار ۋە ئۇنىۋېرستېتنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەسمىي «مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىنغان پىروفىسورى» بولۇپ قالغان ۋە ئورۇنباسار پىروفىسورلۇق ئۇنۋانىغا كۆتۈرۈلگەن. بۇ ئامېرىكىدا ھەقىقەتەن كىچىك ئىش ئەمەس. دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ تەتقىقاتلىرى يۇقىرى تېخنكىلىق ئانتېنا ياساشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھازىر ئۇ ئۆز ساھەسىدە ئامېرىكىدىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىرىدۇر.
* \) Q/ [1 S" u: [* ]( ]9 S
" \) j* o. q# R) Zئەمدى دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ مەن بىلىدىغان ھېكايىلىرىنى ئاڭلايسىلەر. / e" y# {1 j8 l* _
5 s7 q& {: I, W( v9 E9 F0 F! _
(1) رەيھان ھەدەم بىلەن تونۇشۇش - ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتىمدىكى ماياك
# w$ n% H4 g2 f, X$ g
8 ^- ?5 q: w& K, C4 h2009-يىلى ئامېرىكىغا يېڭى كەلگىنىمدە دوكتورلۇقتا ئوقۇش بېسىمىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقى، يالغۇزلۇق ۋە زېرىكىشنىڭ يامانلىقىدىن يۇرتقا قايتىپ كېتىپ سېڭگەن نېنىمنى يېيىشنى نەچچە رەت ئويلاشقانمەن. شۇنداق ۋاقىتلاردا مېنى توسۇپ قالغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل بۈگۈنكى ھېكايەمنىڭ باش قەھرىمانى - دوكتور رەيھان بەكتۇر. مەن ئامېرىكىغا بېرىشتىن بۇرۇن رەيھان بەكتۇر دەيدىغان بىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، ئەمما ئامېرىكىغا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئوقۇۋاتقان ۋايومىڭ شىتاتىغا خوشنا يۇتاھ شىتاتىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرىستېتلارنىڭ بىرى بولغان يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىدا بىر ئۇيغۇر ئايال پىروفىسورنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەي قالغان ئىدىم. بۇ دېگىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ياكى ئايال بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىدا پىروفىسور بولۇشنىڭ نەقەدەر قېيىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالغانلىقىمدىن ئىدى. ئامېرىكىدا ماڭا دەرس بېرىۋاتقان شۇ پىروفىسورلۇرۇمنىڭ بىلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىدىن ھەيران قالاتتىم، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ شۇنچىۋالا بىلىملىك بوپ كەتكىنىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيتتىم، پەقەت قانداق قىلسا ئىمتىھان سوئاللىرىنى شۇنچىلىك تەس قىلىپ چىقارغىلى بولىدىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلاپلا، ئۇلارنىڭ بوش ئادەملەردىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلاتتىم. نەق شۇ پىروفىسورلۇرۇمنىڭ بىلىمى مېنى ھەۋەسلەندۈرەتتى، ئۇلار بىلىملىك بولۇپلا قالماي بەكمۇ ئەقىللىق بولۇپ ماڭا تۇنجى قېتىم مەندىن ئەقىللىق ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ ماڭا مەنمەنچىلىكنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاشنى ئۆگەتكەن ئىدى (شۇنداق، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئاجايىپ كاتتا چاغلىغان ۋاقىتلىرىم بولغان، شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام ھازىر يۈزۈم قىزىرىدۇ). ئۇلارنىڭ ھەممىگە شۇنچىلىك قاتتىق تەلەپ قويۇشلىرى بىر تەرەپتىن ئۆچلۈكۈمنى كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بەلكىم مۇشۇنداق ئۇلارغىمۇ مۇشۇنداق تەلەپلەر قويۇلغاچ شۇنچىلىك كاتتا بىلىم ئىگىلىرىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن مەن ئىشىنىشنى خالىمايدىغان ئازاپلىق خىيالغا كەلتۈرۈپ ئىلگىرىكى «كاتتا تىرىشچانمەن» دەيدىغان ئىددىيەمنى چۆرۈپ تاشلاتقۇزغان ۋە تىرىشچانلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىدى. بۇنچىۋالا كۆپ كاتتا پىروفىسورلار ۋە تالانتلىقلار قوشۇنى بۇ دۆلەتنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. قىسقىسى، ماڭا ئوخشاش تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يۇرتتا ئۆسۈپ يېتىلىپ ناھايىتى ياش تۇرۇپلا ئامېرىكا تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى تەبئىي پەنلەر بويىچە تۇنجى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسى بويىچە پىروفىسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بىلىش ماڭا قامچا بولۇپ تەگدى.
9 }3 K, A0 B3 v: r
4 ?- y. Z, x' p3 ^+ l `( j0 Rشۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم بويىچە، ماڭا ئوخشاش تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزى يالغۇز ئامېرىكىغا كىلىپ فىزىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، بىر توپ ماڭا «ساراڭلىق دەرىجىسىدىكى بىلىملىك» بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئامېرىكا پىروفىسورلىرى قوشۇنىغا كىرەلىگەن يەردە مەن بىر يىلغا چىدىماي كېتىپ قالسام بەكمۇ نومۇسلۇق ئىش بولاتتى. شۇنداق، مەن كۆرۈشمەي تۇرۇپلا ئىچىمدە ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ بولغان ئىدىم. شۇنداق، ئالدىمىزدا بىز بېسىش ئالدىدا تۇرغان يولنى بېسىپ بولغانلارنىڭ بولۇشى بىزگە ھەم ئىلھام بېغىشلايدۇ ھەم ئۆگىنىشكە بولىدىغان تەجىرىبە ساۋاقلاردىن دېرەك بېرىدۇ. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپ 2011-يىلى ئۈمۈت ئېيىدا (ئاپېرىلدا) ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئاخىرى نېسىپ بولدى. ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن بىز فېيىسبۇك (چەتئەللەردە ئىشلىتىلىدىغان ئالاقە تورى) ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. مەن ئۆتكەن بەش يىلدا مەيلى دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا بولسۇن، مەيلى تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەردە بولسۇن، ۋە ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىدا خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا بولسۇن ئۇنىڭ ناھايىتى ئەمەلىيەتچىل ۋە كېرەكلىك ساۋاقلارنى بېرىشى، ئۆز تەجىرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى بىلەن نۇرغۇن قەدەملەرنى ئوڭۇشلۇق باسالىدىم ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ياردەملىرىگە ئېرىشىپ كەلدىم. مەن ئۇنىڭدىن باشقىلارغا قانداق ياردەم قىلىشنى ئۆگەندىم. 8 n7 z- {5 R9 w! U/ ]
/ E& h$ O, g7 C- bداۋامى بار.....
, }' X! @" T2 L; Q بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 02:50 AM / K( u7 T: }# l7 o. _* A, m
& C1 ^5 j6 W8 S( D7 ]
|
|
|
|
|
|
|