مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2002|ئىنكاس: 41

ھۆكۈمران: شائىرلارغا شېئىرىي چاخچاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2549
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21639
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9882 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 08:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شائىرلارغا شېئىرى چاخچاق

ئەخمەد ۋاھىدى ئاكىمىزغا

«بورانلىق كېچە»دە تېنەپ «بەختىگۈل»،
كېتىپتۇ «كەلپىن»گە بەختىنى ئىزلەپ ؟
«ئامېرىكىغا سەپەر»مۇ قىلدىڭ.
بىزگە بەرگىن تەسىرات سۆزلەپ.

ئۇنتۇلمايدۇ «تۇنجى مۇھەببەت»،
ئۇنتۇلسىمۇ تالاي «ئەسلىمە».
«ئۇستازىم»دەك يازغىن ياخشىنى،
يازغانلىرىم يېتەر بەس دېمە.

ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىيغا

«بىر زابوينىڭ دەردى»نى سۆزلەپ،
«ئېچە-ئىچ»تە يۈرەمسىز كۈندە.
«نادانلىق»قا ئوت ئېچىڭ ئەمدى،
«قېنى بىز؟» دەپ توۋلىماي تۈندە.

«پارىخور»دىن ئالايلى ئىبرەت،
«ئاھ، ئاتام»دەك تۇتۇپ توغرا يول.
«سورىقى بار جاھان بۇ» شۇنداق،
بىزگە «كېرەك» ئەمەس «ھارام پۇل».


قاسىم سىدىققا

«كۆرەلمەسكە» تىغ ئۇرغان قەلەم،
ئەسىر بوپتۇ «ئۇيقۇ»غا بۈگۈن،
«خۇتۇن» دەردى كەلدىمۇ ئېغىر،
«خەپ سېنى»، قەلبىمدە قالدۇردۇڭ تۈگۈن.

«دوست» بولىمەن دېسەڭ مەن بىلەن.
تاشلىمىغىن  قەلەمنى ھەرگىز.
«ئەخمەقلەرگە»، «جاۋاب» ھاجەتسىز،
شېئىرىڭدا سانجىغىن بىگىز.

ئابدۇرېيىم زۇنۇنغا

«شەھەرلىك خېنىمغا» قاش ئېتىپ قۇيۇپ،
«يارىدار كىيىك»كە ئوخشاپ قالدىڭىز،
«يۇرت سۆيگۈسى» ئېزىپ يۈرەكنى،
«مۇقەددەس تاغلار»نى ئەسكە سالدىڭىز.

«قىزىم» ماڭغان «ئاشۇ كوچاڭ»دا،
«نوچىمەن» دەپ ماڭغىنىڭ «يالغان».
«يالماۋۇز مەن» دەپ قورقۇتماڭ مېنى،
ئونۇتماڭ بۇرچنى «خەلقىمىز» سالغان.



مەخەتجان ئابدۇرېيىمغا

«سەھرادىكى پاراڭلار»دىن گەپ ئاچساڭ،
«ۋىجداننىڭ سۇئالى» قىينايدۇ شۇنچە.
«بىر شېشە ھاراق»نىڭ كەيپىنى سۈرۈپ،
بەزدۇرمە ھاياتتىن ئۆزۈڭنى بۇنچە.



سەمىمىي ئەسكەرتىش: مۇنبەردىكى قەلىمى كۈچلۈك بىر قىسىم شائىرلارغا تولۇقلاپ يېزىلىۋاتىدۇ. چاخچاق قىلغان ئاكىلىرىم، دوستلىرىم رەنجىيدىغان ئىش بولسا سەمىمىي ئۆزرە. ياقمىغان تەرىپى بولسا، ماڭا ئۇچۇر قىلساڭلار ئۆچۈرۈۋېتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 10:22 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45596
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6528 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 08:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك چاقچاق بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 08:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقچاقنى ئوبدانلا كەلتۈرۈپ قويۇپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6072 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 08:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلتۈرۈپ بۇ چاقچاقنى،
تەرلەتتىلا توقماقنى.
سىلى قانداق ئۆگەنگەن،
شېئىر بىلەن سوقماقنى؟

مەن تېخى بىر ھەۋەسكار،
يازغىنىمدا ئىللەت بار،
پېقىر قانداق كۆتەرسۇن،
“شائىر”دىگەن قالپاقنى؟!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 11:33 PM  


ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 781 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 08:43:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 08:04 PM
تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك چاقچاق بوپتۇ.

بىريۇلتۇزنى كىم ئىلىۋالغاندۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كاشكارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 11:46 PM  


يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1795 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 08:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرغا ھېچكىم چاخچاق  قىلمايدىكەن دىسە   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 08:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چاقچاق بوپتۇ....

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 09:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 08:45 PM
شىرغا ھېچكىم چاخچاق  قىلمايدىكەن دىسە

ھويلىڭىزدىكى ئالما دەرەخنىڭ كۆچىتى بارمۇ ....   ئالما كۆچىتى لازىمتى ... تەشتەككە ئالما نەشپۈت ئۇرىقى تېرىسام ئۈنمەيۋاتىدۇ ...

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4582
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 09:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،چاقچاقلار ئۈزۈلمىگەي!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111447
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 835
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 09:44:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ شەكىلدىكى شېئىرىي چاقچاقلارنى بەك ياقتۇرىمەن. بۇ بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئىيتىشنى ئۇنۇتمايمەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش