خوتەن ئىلىم چېيى لېكسىيەسىنىڭ فىلىمى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: `; t6 N" G7 B/ k& q: g/ ?
2-ئاينىڭ 14-كۈنى(شەنبە) شىنجاڭ «راۋان»كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باشچىلىقىدا خوتەندىكى لوپ قەلبداشلار دوختۇرخانىسى، كائىنات ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، قابىل تېلېگراف مۇلازىمىتى، ئەلمۇراد (جۇڭدا)،ئەلزەپەر، پارلاق، ئاق چېچەك قەغەزچىلىكى، ھەمبەھىر تور تېخنىكىسى قاتارلىق سەككىز ئورۇننىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بارلىق چىقىمنى يۇقارقى كارخانىچىلىرىمىز ئۈستىگەئېلىپ خوتەن خەلقىگە بىر مەيدان ھەقسىز ئىلىم چېيى دەستىرخىنى ھازىرلىغان ئىدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، مەن پائالىيەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن «خوتەن كارخانىچىلىرىنىڭ ھەقسىز ئىلىم چېيى دەستىرخىنىدىن تەرمىلەر» دېگەن تېمىدا كەڭ تورداشلىرىمىزغا سۇنغان ئىدىم. ئۇلىنىش ئادرىسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-135192-1-1.html
بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان تورداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بۇنداق ھەقسىز ئىلىم چېيى قىلغانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا داۋاملىق مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھەمدە تېمىغا ئىنكاس يازغان كۆپىنچە تورداشلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن خەۋەرسىز قېلىپ قاتنىشالمىغانلىقىدىن بەك ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شىنجاڭ «راۋان» كارخاناباشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى لېكسىيە مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىش ئىستىكىدە، پائالىيەت جەريانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىملەرنى قىسقا ۋاقت ئىچىدە رەتلەپ «ھەمبەھىر»تورىغا چىقىرىپتۇ. لېكسىيە پۈتۈن بىر كۈن سۆزلەنگەن بولۇپ ئېلىنغان سۈرەتلىك فىلىمنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن، سېغىمى كۆپ بولغاچقا ھەمبەھىر تورىدا بىر نەچچە قىسىمغاپارچىلاپ يوللىنىۋېتىپتۇ. مەن ھەممە قىسمىنى بۇ يەرگە يوللاشنى قولايسىز كۆرۈپ،يەنىلا تورداشلىرىمىزنىڭ ھەمبەھىر تورىدىن كۆرۈۋېلىشىنى لايىق تاپتىم. ئادرىسى:
http://hembehir.com/ted_info.php?uchur_ted=164&bid=231
ھەمبەھىر تورىنىڭ باش بېتىگە كىرىپ تېلېفۇن ئەپ نۇسخىسىنى چۈشۈرۋالسىڭىز، تېلېفۇن ئارقىلىقمۇ بارلىق لېكسىيەلەرنى كۆرەلەيدىكەنسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- Q' N; U, `9 r4 }6 a شىنجاڭ «راۋان» شىركىتى 2014-يىلىدىنبۇيان ئىزچىل تۈردە ئاتاقلىق ئالىم، پىروففىسور، دوكتۇر، ئەدىب، ناتىقلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇشۇنداق چوڭ كۆلەملىك لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى لېكسىيەلەرنىڭمۇ كۆپىنچە ھەقسىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 X: Z4 B+ ] s, Q" U: ~5 c5 v
مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان كىشىلەرئارىسىدا خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرى خېلى ئەۋج ئالدى. بولۇپمۇ كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە كارخانىچىلىرىمىزنىڭ قىلغان خەيىر-ئېھسانلىرى كىشنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. ئۆتكەن بىريىلنى ئۇيغۇرلارنىڭ «خەيىر –ساخاۋەت يىلى» دەپ ئاتىساق، ئۆتكەن يىلى ئاساسەن ماددىي جەھەتتىكى خەيىر-ساخاۋەت ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى»دا، مانايۇقىرىدىكى كارخانىچىلىرىمىز مەنىۋىي جەھەتتىكى خەيىر-ساخاۋەت قىلىپ، بىلىم زاكىتى بېرىۋاتىدۇ. ئىنساندا ماددىي ئېھتىياج ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېھتىياج بولغىنىدەك، خەيىر-ئېھسان، ئۆشنە-زاكاتمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىككى جەھەتتە تەڭپۇڭلاشقاندا ئاندىن ئۆز جايىنى تاپىدۇ. نۇرغۇن نامرات كىشىلىرىمىز بار، ئۇلارغا بىر قاراپلا خەيىر-ساخاۋەتكە ئېھتىياجلىقكەن دەپ بىلىۋالالايمىز. ئەمما ئەتراپىمىزدا يەنە نۇرغۇن ھال-كۈنى ياخشى كىشىلەر بار، ئۇلارنى ماددىي جەھەتتە بايبولغىنى بىلەن روھىي جەھەتتە«نامرات» ئەمەس دەپ ئېيتامدۇق؟ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولغان بىلەن مەنىۋىي جەھەتتىكى «خەيىر-ساخاۋەت»كە موھتاج ئەمەس دەپ دېيەلەمدۇق؟!
نىھايەت، مەن خەلقىمىزنى بېيىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان خەير-ساخاۋەتچى كىشىلەرگە ھەقىقەتەن قايىل. لېكىن، «راۋان» شىركىتىگە ئوخشاش خەلقىمىزنىڭ«مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان كىشىلەرگە تېخىمۇ قايىلمەن. بولسا باشقا كارخانىچى، بايلىرىمىزنىڭمۇ بۇ توپقا قېتىلىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا، كەڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ ئۆز بىلىمىنى ئايىماي مۇشۇنداق خەير-ئېھسان يولىدىكى لېكسىيەلەر ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىشىنى سورايمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ b7 Y8 u5 y) M$ ^- @9 q! ?# Qبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: \9 ~1 q# L7 i6 I: Y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 g" M$ a7 t& @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z) q- T& W# t5 M$ w- k7 Qتېما يوللىغۇچى: مەردان مەتقاسىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. ^: ?5 I1 r# | k& G7 f! @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: n, Q% n. i1 _: Uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- _9 x( @/ P' \. j* P) {- w
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitapxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-18 04:35 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 q! `0 Y" ?" C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% q& [/ z% H6 A/ V }8 _