ھەممىگە داۋا دورىلار ۋە شەربەتلەرنى ئىچەمدۇق؟
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە
ئامېرىكىدا ياشاۋىتىپ مەن تا ھازىرغىچە بىرەرىنىڭ راك كېسىلى ياكى ھەر قانداق كېسەللىك ئۈچۈن نونى شەربىتى ياكى كىيانى شەربىتى دېگەندەك مېۋە شەربەتلىرىنى سېتىۋىلىپ دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلغىنىنى ياكى بۇنداق كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن كوللاگېنلىق پېپتىد ۋە ياكى ئاللىقانداق ئاقسىللارنى يەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەمما دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سۈت پاراشوكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكىدا ئانىلارنىڭ يەنىلا ئانا سۈتىنى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ئوزۇقلۇقى دەپ قاراپ بالىلارنى ئىمكانقەدەر ئېمىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدىم. دېمەكچى، ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىك، ئوزۇقلۇق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى خەلقىمىزنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىدىكەن. ئامېرىكىدا ئۇقۇملار ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، كىشىلەر يۇقىرىدا دېيىلگەندەك يېمەكلىك قاتارىدىكى ماددىلارنى ئەڭ كۆپ دېگەندە ساغلاملىق مەھسۇلاتى ياكى بەدەندىكى مەلۇم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىدىغان مېنىرال، ۋىتامىن بىلەن تەمىنلىگۈچى مەھسۇلات دەپ ئىستىمال قىلسا قىلىدىكەنۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ كېسەل داۋالايدىغان دورا دەپ ئالدىنىپ قالمايدىكەن.
شىنجاڭدا يۇقىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاجايىپ بازارلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئۈندىداردا تارقالغان ئېلانلىرىغا دېققەتمۇ قىلىپ قالدىم. بۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياسالغان ۋە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار قۇرغان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭمۇ ھېچقانداق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتمىگەن مەھسۇلاتلىرىنى ساناقسىز كېسەللەرگە شىپا قىلىدىغان «ھەممىگە داۋا» دورا قاتارىدا تەشۋىق قىلىپ سېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىل دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى سالامەتلىككە زىيانلىق بولماسلىقى مۇمكىن ھەم كىشىنى روھلۇق ۋە كۈچ-ماغدۇرى بار قىلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇنىڭلىق بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ غايەت زور پەرقى بار. ئەگەر سىز روھلۇقراق بولۇش ياكى كۈچ-ماغدۇرى بار ھېس قىلىش ئۈچۈن بۇ دورىلارنى داۋاملىق سېتىۋالماقچى بولسىڭىز بولىۋىرىدۇ، پەقەت نېمىگە پۇل تۆلىگەنلىكىڭىزنى ئېنىق بىلسىڭىزلا كۇپايە. ئەمما سامسىغا پۇل تۆلەپ گىردە سېتۋالىدىغان ئىش يۈز بەرمىگىنى ياخشى. مەن يېقىنقى مەزگىلدە بۇ يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىغا ياخشى بىر كىتاب سۇنۇش مەقسىتىدە ساغلاملىق توغرىسىدا بىر پارچە كىتاب يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمەن، ئەمما ۋاقتىم قىس بولغانلىقتىن كىتاب پۈتۈپ نەشىردىن چىققۇچە جەمئيىتىمىزدە يامراۋاتقان ھەر خىل نونى شەربىتىگە ئوخشاش مەھسۇلاتلار تەرىپىدىن قايمۇقۇپ قالغان خەلقىمىز نېمىنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلىپ سېتىۋالسۇن دېگەن ئۈمىدتە بۇ يازمىنى سۇندۇم.
تۆۋەندە مەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان نونى شەربىتىدىن ئىبارەت بىر مېۋە شەربىتىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىمەن.
نونى شەربىتى
نونى شەربىتى شەرىقى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئاۋىستىرالىيەگە يەرلىك بولغان مورىندا سىترىفولىيا دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن ئايرىۋىلىنىدىغان مېۋە شەربىتىدۇر. نونى شەربىتى نۇرغۇنلىغان ئىنسان كېسەللىرىنى داۋالايدۇ دەپ سېتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل دارۋاڭنى قوللايدىغان ئىلمىي پاكىت مەۋجۇت ئەمەس.
نونى شەربىتى تارىخى
نونى مېۋىسى دەسلەپ كاپسۇللۇق ۋە تالقان شەكلىدىكى مەھسۇلات بولۇپ، 1992-يىلى ھاۋايدىكى ھېربېرت مونىز تەرىپىدىن ئىچىمىلىك شەكلىدە بازارغا سېلىنغان.
دورا باشقۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە بىخەتەرلىك سىناقلىرى
2004-يىلى ئاۋغۇستتا، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نونى شەربىتىنى بازارغا سالغان فىلورا شېركىتىگە 201 نومۇرلۇق ھۆججەت ۋە فېدراتسىيە يېمەكلىك، دورا ۋە گېرىم بۇيۇملىرى ھەرىكىتى 321 نومۇرلۇق ھۆججەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. فىلورا شېركىتى نونى شەربىتىنىڭ سىناقتىن ئۆتمىگەن 12 خىل كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى بار دەپ تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شەربەت دورا كاتاگورىيىسىدە دورا باھالاشتىن ئۆتكۈزۈشكە دۇچ كەلگەن. قانۇننىڭ كۈچى ئاستىدا، بۇ ئەھۋالدا نونى شەربىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ئۈچۈن ئىنسانلاردىكى دېيىلگەن 12 خىل داۋالاش ئۈنۈمىگە كىلىنىكىلىق سىناق ئىلىپ بېرىلىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان.
FDA نىڭ ئاگاھلاندۇرۇش خېتى يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:
1) نونىدىكى ئىنسانلارغا پايدىلىق دەپ قارالغان فىتو-خېمىيىلىك تەركىبلەر ۋە لېتىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئىنسان تېنىدە ھەر قانداق بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىلمىي پاكىتلار مەۋجۇت ئەمەس.
2) نونى شەربىتىنى تېپىپ چىققان دوكتور ئىزابېللا ئابوت ۋە دوكتور رالف خېينىكلار ئوتتۇرىغا قويغان ساغلاملىققا بولغان پايدىلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن نونى شەربىتىنىڭ بىر تارماق ماركىسى بولغان تاخىشى نونى 2002-يىلى بىر خىل يېڭىچە يېمەكلىك سۈپتىدە ياۋروپا ساغلاملىق ۋە ئىستىمالچىلارنى قوغداش كومىتېتى دېرىكتورىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا، بۇ تەشكىلات نونى شەربىتىنىڭ ساغلاملىققا پايدا قىلىدىغانلىقىنى قوللىمىغان.
2005-يىلى، ئىككى كىلىنىكىلىق سىناق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىدە نونى شەربىتى ئىستىمال قىلىش بەزىدە جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەسىلە ئاساسلىقى نونى شەربىتى تەركىبىگە قوشۇلىدىغان نونى مېۋىسى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىدىكى ئانتىراخېنون ماددىسىدا بولۇپ، بۇ ماددا جىگەر ۋە باشقا ئەزالارغا زەھەرلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ياۋروپا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى نونى شەربىتى تەركىبىدىكى بۇ ماددىنىڭ بىۋاستە جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. كېيىنكى بىر قانچە تەتقىقاتلاردىمۇ نونى شەربىتىنىڭ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئورگانلار جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر بۇ يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. بەزى خۇلاسە ماقالىلەردە، گەرچە نونى شەربىتى بىخەتەر دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئىلمىي جەھەتتىن يېتەرلىك دەللىلەنمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
نونى دەرىخى ۋە شەربىتى بىر قىسىم يەرلىك مېدىتسىنا دوختۇرلىرى تەرىپىدىن ئەيدىز كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە راك كېسەللىرىنى تەلتۆكۈس داۋالايدىغان دورا دەپ تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما، نونى مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە يۇقىرى مىقداردىكى كالىي بولغاچقا، كالىيدىن ساقلىنىشى كېرەك بولغان ۋە كالىينى ئازلىتىدىغان دورا يەيدىغان بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى نونى مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشتىن چوقۇم ساقلىنىشى زۆرۈر.
ئامېرىكا راك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيتى نونى شەربىتى توغرىسىدا مۇنداق يەكۈن چىقارغان:
نونى شەربىتىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى راك كېسىلى ۋە باشقا ھەر قانداق ئىنسان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بارلىقىغا ئىشەنچلىك كىلىنىكلىق پاكىت يوق.
http://en.wikipedia.org/wiki/Noni_juice
نونى شەربىتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكىدا 10-20 يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنىپ بازار تاپالمىغان قانداقتۇر شەربەتلەرنىڭ بۈگۈنىمىزگە كەلگەندە خەلقىمىزنى ئالداپ پۇل تېپىشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. مەن يېقىندا تورداشلارنىڭ سەمىمگە سېلىشى بىلەن كىيانى شەربەتلىرى ھەققىدىمۇ ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم. بۇ بۆلجۈرگەن ئائىلىسىدىكى ئالياسكىدا ئۆسىدىغان بىر كۆك بۆلجۈرگەن دەپ ئاتالغان مېۋىنىڭ شەربىتى بولۇپ تەركىبىدە دەرۋەقە مول مىقداردىكى ۋىتامنىلار بار ئىكەن. ئەمما ئۇلار تور بېتىدە ئوچۇق-ئاشكارا قىلىپ كىيانى مەھسۇلاتلىرىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغانلىقى، قان ئايلىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلى ۋە يۈرەك-مېڭىنى ياخشىلايدىغانلىقى قاتارلىق بىر مۇنچە «چوڭ» گەپلەرنى تىزىۋاپتۇ.
http://www.kyanisupplementsonline.com/kyani-nitrofx.html
شۇنىڭ بىلەن مەن FDA گە خەت يېزىپ بۇ گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇلار نازارەت قىلمايدىغانلىقى ھەم ساغلاملىق يېمەكلىكى دەپ بازارغا سېلىنغانلىقى ئۈچۈن كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى ۋە مېنىڭ يەنە بىر ئورگانغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشىمنى ئېيتىپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. مەن يەنە بىر ئورگانغا تېخى خەت يازغۇدەك بولمىدۇم، ئەمما پات ئارىدا بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتىمەن.
ئاخىرىدا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ئەسكەرتمىسىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمەن.
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئۈچ خىل خاتا كۆز قاراش:
1. «قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى»
2. «تەبئىي بولسىلا بىخەتەر بولىدۇ» ۋە «تەبئىي بولسا تېخىمۇ ياخشىراق»
3. «مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىلىپ كەلگەن، شۇڭا چوقۇم ئۈنۈمى بار»
ناچار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سېتىۋالماڭ:
1) دوختۇرنىڭ رىتسىپى بىلەن ئالىدىغان دورىلاردەك ئۈنۈمگە ئىگە دەپ دەرۋاڭ سالغان دورىلار
2) ئورۇقلاشنى ۋەدە قىلغان مەھسۇلاتلار
3) ھورمۇن قوشۇلمىغان، ئەمما مۇسكۇل چىقىرىدۇ ياكى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ دەپ ساتقان مەھسۇلاتلار
ساغلاملىق بىر چوڭ تېما بولۇپ، مەن بۇ ھەقتە بىر ئومۇمىي چۈشەنچىلەرنى تەمىنلەيدىغان كىتاب يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر تېمىغا ئوخشاش ماقالىلىرىمگە ئۆز پىكىرلىرىنى قالدۇرۇشى مېنى ئوبدان يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ساغلاملىقمىز ھەققىدە قېنى بەھۇزۇر مۇنازىرە قىلىشقايسىلەر. ھەممىڭلارغا ئالدىنئالا رەھمەت!
بىلگەجان
(تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئېنىستىتۇتى)
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى قوشۇپ يېزىپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۆزۈم (تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە) دە. بۇ ماقالە شەخسىي بىلوگىم «بىلگە بىلوگى»دا دەسلەپ ئېلان قىلىندى. بىلوگ ئادېرىسى: http://bilge.eldawa.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 04:00 PM