ئالىي ئەزا
قولۇمدا بار ۋاقىت تىزگىنى قاراخان
ئىشقا چىقتىم بەش مىنۇت بۇرۇن، ئىشتىن چۈشتۈم بەش مىنۇت كېيىن. ھەر كۈن سەھەر، چۈش يا كەچقۇرۇن. قولۇمدا بار ۋاقىتقا تىزگىن. يىل ئاي كۈنلەر تېرىقتىن تولا، كېلىپ كېتەر سەپەر ئايلىرى. ۋاقىت ئالتۇن ،دىسەم تۇتىيا، بوستان بولار قەلب سايلىرى. ئالدى باھار ،ئاخىرى غازاڭ، ھايات دىگەن پەقەت قونالغۇ. قالما ۋاقىت قۇش دىسەم ھاڭ-تاڭ، ۋاقىت ئاسراش-بۈيۈك ئاتالغۇ. كۈن ئۆرلىسە سايە قىسقىرار، يىل ئۆرۈلسە كېتەر ئۆمۈرمۇ . زامان قايتماس ئۆتسەم بىقارار، چىرىپ تۈگەر پولات تۆمۈرمۇ. ۋاقىت ماڭا تۈگىمەس بايلىق، ۋاقىت مېنىڭ ھايات-ماماتىم. ۋاقىت بىلەن شاھلىق- گاديلىق، ۋاقىت بىلەن ھاسىل مۇراتىم. قىلغانلىرىم ۋاقىت غەلۋىسى، ۋاقىتقا مەن بولىمەن ئاشنا. ۋاقىتنىڭ مەن ئاشىق تەلۋىسى، ھەر دەقىققە يۈرىگىم تەشنا. 2015-يىلى 17-فېۋرال
پاش قىلىش
مەخەتجان
تەجىربىلىك ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
دائىملىق ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ