«يېڭى ناۋا»دىن كەلگەن «يېڭى سادا»
بىزدە«ئادەم ماڭمىغان يول يامان، ئىگىسى چىقمىغان سۆز يامان»«ئاتنىڭ سىرىنى كۆزىدىن بىل،ئ ادەمنىڭ سىرىنى تىلىدىن بىل»«ئاغزىغا كەلگەننى دېمەك ناداننىڭ ئىشى»«ئاۋۋال ئويلا،ئاندىن سۆزلە»«ئادەم تىلىدىن كېتەر،قېرىغاندا بېلىدىن كېتەر»«ئاغزىنى ساقلىغان جان ساقلار»«ئات بېشىدىن باغلىنار،ئادەم ئاغزىدىن»«ئاغرىقنىڭ سانجىقى يامان،سۆزنىڭ ئاچچىغى»«ئېغىز كۇركى تىلدۈر،تىل كۇركى سۆزدۇر»«ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنى ياخشى،گەپنىڭ قىسقىسى»«ئات چاپتۇرساڭ ئالدىڭغا قارا،گەپ قىلساڭ ئاغزىڭغا»،«ئەرنىڭ ئۆزى ئەر ئەمەس،سۆزى ئەر»«باش يارىسى كېتەر،سۆز يارىسى كەتمەس»«بىزەپ ئېغىزدىن سېسىق سۆز چىقار»«بىلگەن ئەپلەپ سۆزلەر،بىلمىگەن كەپلەپ»«پۇت سېسىقىدىن ئېغىز سېسىقى يامان،يەل سېسىقىدىن گەپ سېسىقى»، «تاتلىق سۆز خوش قىلار،ئاچچىق سۆز غەش»«تۈلكە تۆلىدىن ئۆلەر،يىگىتتىلىدىن»«تولا گەپ داغ بولار،قىسقا گەپ ياغ»«تىلى پاكنىڭ دىلى پاك»«دۇمباقنىڭئاۋازىغا زەن قوي،سۆزنىڭ ۋەزنىگە»«سۇنىڭ سۈزۈكى ياخشى،گەپنىڭ تۈزۈكى»....دېگەندەك نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك،تالاي سىناقلاردىن ئۆتكەن،پاساھەتلىك،دۇردانە،يەنە تالاييىللاردىن كېيىنمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدىغان،پۇتۇن دۈنيا كىشىللىرى ھەيرانقالارلىق دەبدەبىلىك ماقال-تەمسىللەر بار.
بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ شۈنچىلىك ياقتۈرۈپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئېستانسىسى(ھازىر ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئېستانىسىى ئۆز ئۈستىگە ئالغان)ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان،سەنئەت فىرگىراممىللىرىدىكى چوڭ سەھنىلەرنىڭ بىرى بولغان«يېڭى ناۋا» فىرگىراممىسىنىڭ 2015.يىلى2.ئاينىڭ13.كۈندىكى يېڭى بىر سانىنى كۆرۈپ،ئىختىيارسىز بۇ فىرگىراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىككى ياش ھەققىدە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،خۈددى بۇ فىرگىراممىغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق جاپاكەش،جەڭگىۋارماھىرلارغا،تۆۋەندە ئولتۈرۈپ باھا بىرىۋاتقان ئۇستازلارغا ئوخشاش بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلغۇم كەلدى.
«ئېككى قىزنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ناخشا ئېيىتسا ئاجايىپ پەيزى بولىدۇ ھە»«خېيال سۈرۈپ ئولتارسام،دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتىم»«بۇ ناخشىنى ئاڭلىسا يىراقتىكى يىگىتىڭىزمۇ قايىتپ كەلگۈدەك ھە»...(باشقا سانلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تېتىقسىز پاراڭلارنى بىر-بىرلەپ دىگۈم يوق)ھەقىقەتەن كونىلار ھەقىقەتەنمۇ دۈرس ئېيىتقان.«ئويلىماي سۆز قىلغىنىڭ،نىشانسىز ئوق ئۇزگىنىڭ»دەپ.
-رىياسەتچى دوستۇم،سىزسۆز قىلىۋاتقان بۇ پىرۇگراممىنى نۆۋەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەڭ چەت يېزا قىشلاقلىدىكى ئەڭ جاپاكەش خەلىق ئاممىسىغىچە(يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچەچوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال)نەچچە مىليۇنلىغان خەلىق ئاممىسى قىزىقىپ كۆرىۋاتقان،خەلىقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قەلبىدىن ئورۈن ئالغان،جەلىپ قىلارلىق فىرگىرامما بولۇپ،بەلكىم سىزئەشۈ سەھنىگە چاچلىرىڭىزنى پەردازلاپ،يوللۈق كىيىملىرىڭىزنى قاتۈرۈپ كىيىپ،مەغرۈرقەدەملەرنى بېسىپ چىققاندا سىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۈرۈشقان مىليۈنلىغان كىشىلەرنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلمىغان بولىشىڭىز مۇمكېن ۋەياكى سەھنە ئارقىسىدىكى ئۆزلىرىدە بار بولغان تالانتنى كەڭكۆرۈرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن تالاي قېتىم مەشىق قىلىپ،نۈرغۈنلىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ يەرگە بېرىپ،پۇت-قوللىرى تىترەپ،سىزنىڭ سەھنىگە تەكلىپ قىلىشىڭىزنى،سىزدىن شۈنچىلىك سۆيۈملۈك،تاتلىق سۆزلەرنى كۈتۈپ تۇرغانماھىرلارنىڭ بارلىغىنىمۇ ئۇنۇتقان بولىشىڭىز مۇمكېن.شۈنداق،سىز نەچچە يىل بەلكىم مۇشۇ خىل كەسىپلەردە ئوقۇپ پىشقان،نۇرغۈن سىناقلاردىن ئەشۈنداق يۇمۇرىستىك سۆز تالانتىڭىز بىلەن تەمتىرىمەي ئۆتكەن ماھىر بولىشىڭىز مۇمكېن.ئەمما شۈنىمۇ ئۇنتىماڭكى-خەلىق ئەڭ ياخشى باھالىغۈچى.سىز پەرۋاسىزلارچە ھەممىسى مېنىڭ راسىت دەپ سۆزلەۋاتقان ئەشۈ مىنۇتلاردا،سىزنىڭ كىيىنىش،مېڭىش-تۈرۈش،سۆز-ھەرىكىتىڭىزدىنتارتىپ ھەممىسىگە تۆۋەندىكى تاماشىبىنلار بىرمۇ بىر باھالاپ نومۇر قويۇپ ئولتۇرىدۇ.سىز بۇنىڭغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ يوق؟-ئېيتىڭە؟سىز بىر ناۋا فىرگىراممىسىغا كەلگەن ماھىر بولۇڭ،قېرىنداشلار باسقۇچىدا سىز بىر نەۋرە سىڭىلىڭىز ياكى ئۆز سىڭلىڭىز،ئايالىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ناخشا ئېيتىڭ ياكى ئۇسۇلئويناپ ماھارەت كۆرسىتىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا باشقا بىر رىياسەتچى ياندىن قوپۇپ«-گۇزەل قىزلارنىڭ ئارىسىدا تۈرۈپ شۈنداق لەرزان پىرقىراپ ناخشا ئېيىتسا نېمە دېگەن راھەتھە»دەپ ئېيىتسا شۈ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شۈنچىلىك بىر تەمتىرەشلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر نومۇرنى ئاران ئورۈنلاپ ئۇھ دىگەن سىزگە نىسبەتەن بۇ سۆز قانچىلىك تەسىر بىرەر؟نېمىلەرنى ئويلاندۈرار؟يېنىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولۇپ كەلگىنى ئۆزسىڭلىڭىز بولغىنىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن سەھنىدىن چۈشۈپ بىر ياقلارغا قېچىشنىڭ ئېمكانىيىتىمۇ بارمۇ؟ئەگەر ئاپىڭىز بولۇپ قالسىچۇ؟....مەن مۇشۇ سۆزلىرىڭىزئېيتىلغاندا يەنە بىرى«يىراقتىكى مۇھەببىڭىزمۇ قايىتىپ كەلگۈدەك»دىگەندەك بىرنەچچەجۈملە سۆزلىرىڭىزنى ئېيىتقاندا، بىرگە يېنىمدا بۇ فىرگىراممىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان ئون ياشلىق ئوغلۇمنىڭ «-بۇ رىياسەتچى ھەجەپ تېتىقسىز گەپلەرنى قىلىدىكىنە»دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ،سىزنىڭ شۈندىن بۇيانقى ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىدىغانبولدۇم.راسىت،سىز سۆزگە پىشقانكەنسىز،ئەمما بەزى سۆزلەرنى قىزىقچىلىق قىلىش يۈزسىدىن ئالدىراپ ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ سېلىپ ئارقىغا يېنىپ بولالمايدىكەنسىز. يۇقۇردا مەن سىزنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى ھەر بىر سۆزلىرىڭىزگە دال بولغۈدەك ماقال-تەمسىللەرنى بىر كۈن ئولتۈرۈپ تېپىپ چىقتىم،«بەلكىم ئەقىللىق ئاتقا قامچا كەتمەس دەپ»شۈڭا ھەر بىر ماقال-تەمسىلنى نېمە ئۈچۈن سىزگە تەۋسىيە قىلغىنىمنى ۋاختىڭىز چىققاندا بىرمۇ-بىر ئويلىنىپ كۆرەرسىز؟!
يەنە شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي،يىراق سەھرالاردىكى ئېتىز باشلىرىدىن تارتىپ،ئوقۇتقۈچى،دوختۇر،سېستىرا،ساقچى،مەمۇرياكى كەسپىي خادىملارغىچە سەنئەتكە بولغان ئوتتەك ئېشتىياقى بىلەن جاپالىق مەشىققىلىپ،سىزنىڭ ئالدىڭىزغا بېرىۋاتقىنى ئۇنچە ئاددى كىشىلەر ئەمەس.سىزنىڭ نەزەرىڭىزچە ئۇلار ھېلىقىدەك بىر قىسىم مەسخىرلىك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىغۈچى ۋە ياكىسىزدىن تېگى يوق،ئاچچىق،تۈزسىز پاراڭلارنى ئاڭلىغىلى بارغانلار بولماستىن تۆۋەندىكى باھالىغۈچى ئۇستازلاردىن،كەڭ تاماشىبىنلاردىن ئۆزلىرىگە مەدەت تېلەپ بارغۈچى ھاجەتمەنلەردۈر.بىراۋنىڭ ھاجىتىنى ئۆزىدە بار قۈدرەتلەر بىلەن ئىللىقچىراي ھالدا راۋا قىلغان كىشىدەك ئۇلۇغلار يوق ئەلۋەتتە.شۈڭا سىزنىڭ «ئىش ئىگىسى بىلەن،قۈش مېڭىسى بىلەن»دىگەندەك ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان دائىرە ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى،«ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمەسلىگىڭىزنى،ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمەسلىگىڭىزنى»دوستانە سۈپەت بىلەن ئۆتىنىمەن.چۈنكى سىز مۇشۇ فىرگىراممىدىكى ئەينەك بولۇپ،ئۆزىڭىزدىكى بارچە گۈزەللىكلەرنى(بولۇپمۇ ئىچكى گۈزەللىك،تىل گۈزەللىگىنى) ھەمىشە ساقلاپ تۇرۇشقا تىرىشىڭ. شۈندىلا سىزنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى ئابرۇيىڭىزمۇ ئېشىپ،قەلبىڭىزمۇ بىر خىل ئازادىلىككە تولىدۇ. تېلىۋىزور ئېكران ئالدىدىكى بارچە كىشىلەرمۇ سىزدىن سۆيىنىدۇ،«ئاغزى ئىتتىك تۇمشۇقىغا يەر»دىگەندەك تۇمشىقىڭىزغىمۇ يەپ قالمايسىز.«ئاغزى ئەسكى ئەلنى بۇلغار»دىگەندەك باشقىلارنىمۇ بولغاپ قالمايسىز،باشقىلارمۇ سىزدىن بىزار بولۇپ قالمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى «يېڭى ناۋا»دىن گۈزەللىككە تولغان «يېڭى سادا»لار كەلسۈن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 02:08 PM