يامغۇرنى سىغىنىش
سەنەۋۋەر ئابدۇراھمان
نەگە كەتتىڭ ئېيتقىنە يامغۇر،
ئۇنتۇدۇڭمۇ مەندەك بىر قىزنى؟!
مۇھتاج بولدۇم ساڭا شۇ قەدەر،
يۇشۇرالماي كۆز ياشلىرىمنى.
ئېسىڭدىمۇ ھەر ياغقىنىڭدا،
چوڭ كوچىغا چىقۋالغىنىم.
ھەر تامچەڭنىڭ باھانىسىدە،
قېنىپ-قېنىپ يىغلىۋالغىنىم.
داد ئېيتىمەن قۇرغاقچىلىقتىن،
لېۋىمنى گەز باغلىدى نەۋاق.
شىۋىرلايدۇ ماڭا ئوخشاش دەپ،
شاخلاردىكى ئۇسسىغان ياپراق.
يېغىشىڭنى ئويلىسام ھەر رەت،
ئەڭ مۇڭلۇق كۈي كېلەر يادىمغا.
ئۇنى پۈتكەن ھازىدار كەبى،
سېغىنىشتىن توختايمەن ئاستا....
مەنبە: يەكەن مەدەنىيتى
2014-يىلى 4-سان