بىل دۇنيا گوياكى بىر تېرىلغۇ يەر ،
گەر نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالۇرسەن .
ھاياتتا قىلمىساڭ ياخشىلىق ئېھسان ،
ھامانە بىر كۈنى دەتتە قالۇرسەن .
 
 
قولۇڭدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىلساڭ ،
ئالەمدىن ئۆتسەڭمۇ ئۆچمەيدۇ نامىڭ .
ياخشىلىق ئېھساننى تۇتمىساڭ قاياش ،
روھىڭمۇ غېرىپ ھەم قىينىلار جانىڭ .
 
 
ئۆزگىگە قىلىنغان ياخشىلىق ئېھسان ،
ئىككىلا ئالەمدە پايدا ئۆزۈڭگە .
رىياسىز قىلساڭلا شۇ ئەمەللىرىڭ ،
ھازىر ھەم تاڭلا كۈن نۇردۇر يۈزۈڭگە .
 
 
يىغىۋال ھەركىتىڭ تىلىڭ دىلىڭنى ،
ياخشىلىق قىلىشقا بولمىساڭ قادىر .
ياخشى سۆز بولمىسا سەبىر ئەيلىسەڭ ،
بولغۇسى ھەر زامان ئىززىتىڭ نادىر .
 
 
 
ئاپتۇرى:مۇھەممەتئەلىجان.چۇڭقۇرچاق
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 04:52 PM