مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 4

باغرىمنى كۈل قىلغان كۆزۈڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112670
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 172
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 03:55:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باغرىمنى كۈل قىلغان كۆزۈڭ


ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم


بۇ كېچە ،
ئۇيقۇ قاچتى، بېشى قايغان تەرەپكە ،
پىغان بىلەن قارىدىم كۆككە .
شوخلۇق قىلىپ كۆز قىستى يۇلتۇز ،
شۇنچە ئوتلۇق ، شۇنچە پارقىراق ،
كەلدى ئېسىمگە مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭ بىراق .
ئەينى چاغدا ،
ئاشۇ كۆزۈڭدىن چىقىپ بىر يالقۇن ،
تۇتاشقان مۇشتەك يۈرەكنىڭ بېغىشىغا .
قاراپ تۇر ئىشەنمىسەڭ ،
بىچارە كۆزۈمنىڭ سېنى كۆرگەندە گۇناھكاردەك يەرگە بېقىشىغا ،
ماگمىدەك قىززىق بىر نەرسىنىڭ ئىچ باغرىمنى كۆيدۈرۈپ ئېقىشىغا .
شۇ كۆزلىرىڭ ،
ئېلىپ كەتكەن غەمسىز تۈنۈمنى ،
ئېلىپ كەتكەن كۈلكىگە جۆر كۈنۈمنى ،
بىللە قوشۇپ ئېلىپ كەتكەن ئەڭ تاتلىق كۈيۈمنى .
شۇ كۆزلىرىڭ ،
سېلىپ قويغان ئىز ،
قەلبىمنىڭ ئىز چۈشمىگەن پىنھان دالاسىغا ،
شۇ كۆزلىرىڭ ،
تېرىپ قويغان ،
بىر پاتمان ئازاپ كۆڭۈل گۈلزارىمنىڭ  خىلۋەت ئاراسىغا .
ئوھ ...
ئۆچ بولدۇم يار كۆزىنى ئەسكە سالغان ئەسكى  يۇلتۇزغا .


ئەقىل بىلەن ھېسىياتنىڭ مۇناسىۋىتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈ ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:45:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1539
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 547 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 12:02:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 10:14:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبرازلىق شېئىرىي تىللارنى ياخشى ئىشلىتىپسىز، شېئىر ياخشى چىقىپتۇ.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 02:47:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز ،،

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش