يېنىمدا ئەمەس ئالدىمدا ئولتۇر
كۆزلىرىڭنىڭ پەرىشانلىقى بېشىمدىن ئېغىر،
سۆزلىرىڭنىڭ جىمجىتلىقى تەشنالىقىمدىن چوڭقۇر.
بارلىقىڭ بىر قەدەھ ئۆتكۈر شاراب مەن خالايدىغان..
سەن ماڭا يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇر.
ئەي يېرىم كۆڭلۈمدەك تويماس ئايال،
ئەي مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەبىتىمدەك تەلۋە ئايال.
يېزىۋاتقان شېئىرلىرىمنىڭ باشلىنىشى سەن،
ئاخىرلاشتۇرۇشقا يوق مەندە ئامال.
سېنى سۆيۈشنىڭ خاتىمىسى يوقلىقىنى بىلىمەن،
بىلىمەن، بۇ سۆيۈشنىڭ يالغۇزلىقىنى ھەم.
مەنمۇ يالغۇز مۇشۇ سۆيگۈدەك،
ئاۋۇ يالغۇز بىر تۈپ تېرەكتەك.
سەندىن باشلاندى بارچە سېغىنىش،
سەندىن باشلاندى كۆرمەسكە سېلىش.
سەندىن باشلاندى پەقەت بىر سەندىن،
ئۆز قولۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ جېنىنى ئېلىش.
مەن قاخشىمايمەن سۆيگىنىم ئۈچۈن،
بىرلا ئىشىكمەن ساڭا ئېچىلغان.
كەل، مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسى بول،
بىزگە چۆچەك سۆزلىسۇن ئاسمان.
بىزدىن باشقا رېئاللىق يوقتۇر،
چۈش يوقتۇر، ئازاب يوقتۇر.
قولۇمدىكى گۈلنى ئال، ئاندىن،
يېنىمدا ئەمەس ئالدىمدا ئولتۇر!
يۇقۇملانغۇچى
بەلكىم مەن بەكمۇ ئۇلۇغ، چەكسىز ئازابلارغا ئىگە بولغان بۇلۇشۇم مۇمكىن
يۈرىگىمنى كۆيدۈرۈپ ئوتكەن تاماكامنىڭ سەلتەنەتلىك غېرىبلىقى،
مېنىڭ ئەڭ چوڭ يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىمنى ئىقرار قىلدى.
ئۆلۈم ۋەھىمىسنىڭ شۇملۇقتىن بىشارەت بەرگۈچى كولدۇرما ئاۋازى،
دەبدەبە ۋە يالغان قەسەملەرگە تولغان شەرمەندە ئاشىقنىڭ ۋاپاسىز مەشۇقىغا يازغان
ئەڭ ئاخىرقى تۆۋەنامىسى...
قېچىپ كېتىۋاتقان جىنايەتچىنىڭ تۇيۇقسىز ئوق تەككەندىكى ئىچنىشلىق ئاھى...
تېنىمنى قاقشاتقان ئۆلۈم گۈللىرى،
چانالغان روھىمدا يانجىلار قات-قات.
تۈگىشىش-ئاخىرقى ئۈمۈتتۇر بەلكىم،
ماڭ چىڭ چاپلاشقان ئەزەلىي مامات!
يۈرىكىم
دۇنيا كۆزۈمگە تېقىلىپ كەتمەكتە..
قەلبىمدىكى ئاۋازلارنى تىڭشايمەن.
مېنىڭ يۈرىكىم-يۈرىكىمدۇر تەشنالىقتا چاك-چاك يېرىلغان،
يۈرىكىمدۇر-خاراب چۆلدە قان گۈللىرى ئېچىلغان.
ئېچىرقايمەن-قان-يىرىڭداپ قاقشاپ كەتكەن بۇ تېنىم،
شەرمىساردۇر غەم سۈيىگە چىلانغان.
مەن كۈيلەيمەن باھاردىكى جۇدۇننى،
سېنىڭ ئۈچۈن ئۆلمەكتىمەن، ھەي،جانان!
ۋاز كېچىش
ئەڭ چوڭ بەخىتتۇر بەخىتسىزلىك دېگەن،
ياشاش بەلكىم ئازاپ ئەمەستۇ..
سېغىنىش ئاشۇنداق دەششەتلىك بۇلىدۇ،
كۈيۈپ كېتەر يۈرەكلەر پىژ-پىژ.
سەن بىر كالۋا
ياكى بىر كالا،
چۈشەنمەيسەن سېغىنغىنىمنى،
ئىشەنمەيسەن يالغۇزلىغىمغا.
ئايدىڭ كېچە پەرىشان چاقنىماقتا يۈرىگىم،
ئۆلگەن يۇلتۇز جەسەت ئارا تاماشاغا تۇتۇلغان
شېئىر يازماق سەن ئۈچۈن بۈيۈكتۇر بەك قارا،
ئۆلۈپ كەتسەڭ ئۆلۈپ كەت،سېغىنمايمەن ئەبەدىي!
.
ئەڭ چوڭ بەخىتتۇر بەخىتىسزلىك دېگەن،
ياشاش بەلكىم ئازاپ ئەمەستۇ...
ئۇزۇن مىسرالار ياكى ئۇيقۇسىزلىق،
سېغىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاشكارلىنىشى.
كېچە بىلەن ئۆزۈمنى يۇشۇرىمەن،
كۆرۈپ قېلىۋاتقاندەك مېنى بىرسى.
مېنى كۆرۈپ قالسا ياستۇق كۆرۈپ قالىدۇ،
يىرىمى يوق ياستۇق.
مېنى كۆرۈپ قالسا جىمجىتلىق كۆرۈپ قالىدۇ،
ئوتتۇرىسى ئېغىر، باشلىنىشى يوق.
تامغا قارايمەن، ماڭا يېقىن تامغا،
ئۇ گويا ئىككىمىزنى ئايرىپ تۇرغۇچى.
مېنىڭ بۇ مۇھەببەتلىك ھاياتىم،
دېرىزە سىرتىدىكى ئاھ،ئۇرغۇچى.
تاماكا چېكىشنى ئويلايمەن، تاماكام كۆيۈپ بولغان.
ئۇنى سۆيۈشنى ئويلايمەن، بۇ سۆيگۈدىن قان تېمىۋاتقان...
ئۇنىڭ كۆزلىرى غەمكىن چاقنايدۇ، ھېكايىسى رېئاللىققا پاتمايدۇ،
ئاھ،مەن بىر ئاشىقمەن قول باغلاپ تۇرغان.
قانداق ئادەم يېرىم كېچىدە ئۇسسايدۇ،
سۇ ئىچىدە تۇرۇپ.
يېنىمدا بىرسى ئۇخلايدۇ،
تەقدىرىمگە بېشىنى قويۇپ.
مەن ئۆزۈمنى ئىچىمەن،
ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش ئۈچۈن.
تاڭنىڭ ئاتقىنىنى كۆرىمەن،
باشقا بىر ئاسماندىن يەنىلا پۈتۈن.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 10:29 PM