|
|
|
|
ئىدېئال كۆزنىكى پروگراممىسى
مەزكۇر پروگرامما قارامايدىكى پروگرامما ئىشلەشكە، رىياسەتچىلىككە قىزىقىدىغان بالىلاردىن يىغىلغان ئىدېئال مېدىئاسى سۈرەتكە ئېلىپ، كىرىشتۈرگەن ئەسلىدىكى <<ئىدېئال ئېكرانى>> پروگراممىسىدىن <<ئىدېئال كۆزنىكى>> پروگراممىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ، مەخسۇس ئۇتۇق قازانغان، شەرەپ قۇچقان كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. پروگراممىنىڭ 1-سانى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 7-كۈنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا سۈرەتكە ئېلىنىپ، 3-4 كۈن ۋاقىت ئىچىدە، كىرىشتۈرۈپ ئىشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي تورغا يوللاندى. ئىدېئال مېدىئارىمىزنىڭ 2015-يىللىق باشلىنىشى ئىنتايىن گۈزەل بولدى، ئىشىنىمىزكى بۇندىن كېيىنكى باسقان قەدەملىرى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى. پروگراممىمىزنىڭ 1-سانىدا قارامايدىكى يارەن مۇزىكا ستۇدىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى قەيسەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە بىلكيار كىتابگاھىنىڭ ئويۇشتۇرغان <<كىتابخانا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5يىللىقى ۋە مەرھابا 2015 كىتاب ئوقۇش يىلىم>> تېمىسىدىكى پائالىيىتى چۈشەندۈرۈلدى. پروگراممىمىز نەچچە سائەت ئىچىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى 400 دىن ئاشتى. قوللايدىغانلارنىڭ جىق بولۇشى، تارقىتىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى بىز ئۈچۈن زور خوشاللىق. پروگراممىمىز تەتىل ۋاقتىدىلا سۈرەتكە ئېلىنىپ، ئىشلىنىدىغان بولۇپ، ئارلىقتا كۆپ ۋاقىت قالدۇرۇلىدۇ، كەچۈرگەيسىلەر. لېكىن، ئىدېئال مېدىئا گۇرۇپپىمىز بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، يېڭى يېڭى مەزمۇنلارنى سىلەرگە تەقدىم ئەتكۈسى.
تۆۋەندىكىسى ئىدېئال كۆزنىكى پروگراممىسى 1-سانى، ھوزۇرلىنىپ، تارقىتىپ قويغايسىلەر. ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمىز.
http://v.qq.com/page/x/g/q/x01471jwbgq.html
پروگرامما رىياسەتچىسى: ئەكرەم ئابدۇكېرىم ئوپېراتورى: ئىلپەت مەمەت ئاپتورى: ئەكرەم ئابدۇكېرىم
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىدېئال مېدىئا گۇرۇپپىسى
|
|
|
|
|
|