كەتتىڭ سەن قايان
( تەنھا 612 )
كەلگەن ئىدىڭ شۇنچە خۇشپىچىم ،
باھار باشلاپ زىمىستانىمغا .
يۈرەك تىترەر ئىدى جان گۈلۈم ،
باقساڭ قىيا كۆزۈڭدە ماڭا .
باھارىم دەپ يۈرگەن ئىدىمغۇ ،
كۆزلىرىڭگە قارايتىم ئۇزاق .
جۈپ كۆزلىرىڭ ئاتەش بۇلاققۇ ،
بىلىق ئىدىم ئۇندا شوخ ئويناق .
بەخىش ئەتتىڭ ھاياتىمغا سەن ،
بۇ ئۆمرۈمگە يەتكۈدەك مەنا .
ئەللەيلىدىڭ چىن سۆيگۈڭ بىلەن ،
يەتتى بېشىم كۆككە ساماغا .
ئۆتتى كۈنلەر شۇندا بىر مەھەل ،
قىسقا ئەمما تولىمۇ قىسقا .
ئۆتۈپ كېتەر ھەممە بىمەھەل ،
يۈرمەكتىمەن غەم بىلەن تەنھا .
قايان كەتتىڭ يۈرەكنى تىلغاپ ،
ئەي بىپەرۋا قاچقۇن سۆيگىنىم .
قەلىب يارام كەتتىغۇ قاناپ ،
نىمانچىلا قىينايسەن سەنەم .
باھارىمنى ئېلىپ كەتتىڭغۇ ،
مېنى چەكسىز ئەلەمدە قويۇپ .
يۈرەك باغرىم يۇلۇپ كەتتىڭمۇ ،
روھسىز تەندەك قالدىم ئولتۇرۇپ .
مەنبە : يۈرىكىم ( تەنھا كۈيلىرى )
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 01:11 AM