پارچىلار(3)
دۈشمىنىڭ ئالدىدا ئەگمە بېشىڭنى ،
تەڭرىدىن زارلىنىپ تۆكمە يېشىڭنى .
باتۇر ھەم جەسور بوپ، ياشىغىن مەغرور ،
بولمىسا دۈشمىنىڭ يەيدۇ گۆشۈڭنى .
* *
ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ مەيدەڭنى كېرىپ،
جىدەل تېرىپ ھەر يەردە قاپاقنى يېرىپ .
جاۋاپكار بوپ گاھىدا تۆرمىگە كىرىپ ،
ئۆتمىسۇن بۇ باھارىڭ ياش تۇرۇپ قېرىپ.
* *
بەزىلەر ئالدىڭدا ۋاي دوستۇم دەيدۇ ،
نەپ ئېلىش كويىدا ئاي دوستۇم دەيدۇ .
ئېھتىيات قىلمىساڭ سەن ئۇنداقلاردىن ،
ئاسقىغا ئىسۋىتىپ گۆشىڭنى يەيدۇ .
* *
ئۆتتى بۇ ھاياتىم بەكمۇ مەنىسىز ،
گوياكى چېقىلغان چاقماق كەبى تىز .
بالام دەپ ،كالام دەپ ھەر ياققا چېپىپ ،
قالمىدى ئەل-يورتقا ئۈچمەس بىرەر ئىز .
مەنبە: ئۆزۈم (ئالىم ئىلى لۈكچۈن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا borkut- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-14 12:27 AM