ئانامغا
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
رازى بۇل مېھرىبان پەرىشتە ئانا،
پەپىلەپ ھاپاشلاپ باققانلىرىڭغا.
ئۇخلىماي تۈنلەردە غەملىرىمنى يەپ،
مېھرىلىك باغرىڭغا ياققانلىرىڭغا.
ئانامسەن دۇنيادا ئۇلۇغسەن ئۇلۇغ،
دۇئا قىپ بەختىمگە مەڭزىمگە سۆيگەن.
ھەسرەتتە ئۆرتىنىپ تۆكۈلسە يېشىم،
دەردىمگە دەرمانە ئىشقىمدا كۆيگەن.
گۈزەلسەن گۈزەلدە يوقتۇر تەڭدىشىڭ،
گۈزەللىك تارالغان نۇرلۇق چېھرىڭدە.
ئايرىلسام يولۇمغا باقتىڭ تەلمۈرۈپ،
چوڭ بولدۇم، يېتىلدىم، ئىللىق مېھرىڭدە.
رازى بول جان ئانا باققانلىرىڭغا،
مېھرىلىك باغرىڭغا ياققانلىرىڭغا.
2014-2-25
قاقشاتمىغىن ئاتا-ئاناڭنى
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئاتا-ئاناڭ غېمىڭنى ئويلاپ،
ئىزلەپ يۈرەر ئىزىڭنى بويلاپ.
مۇڭداش بولۇپ ھالىغا يەتكىن،
يۈرىۋەرمەي ئىشرەتتە ئويناپ.
ئانا دېگەن ئۇلۇغ پەرىشتە،
پەرزەنتلەرگە مېھرى نۇر چاچقان.
دادا دېگەن تاغدەك بىر يۆلەك،
قەدەملەرگە كەڭرى يول ئاچقان.
قاقشاتمىغىن ئاتا ئاناڭنى،
ئادا قىلغىن بۇرچىنى ئاقلاپ.
غەم يېمىسۇن يەتسۇن مۇرادقا،
يوللىرىڭدا تۇرمىسۇن ساقلاپ.
ئامان بولسۇن باغدەك ئانىلار،
ئامان بولسۇن تاغدەك دادىلار.
2015-1-5
مەيلىمۇ
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ساڭا سۆيگۈ ئىزھار قىلالماي،
ئوتلورۇڭدا كۆيسەم مەيلىمۇ.
چۈشلىرىمدە ۋەسلىڭگە قېنىپ،
لەۋلىرىڭگە سۆيسەم مەيلىمۇ.
ھېلال ئايغا تەلمۈرۈپ قاراپ،
خىياللارغا چۆكسەم مەيلىمۇ.
ئازاپلاردا ياشلار ئاققۇزۇپ،
دەرتلىرىمنى تۆكسەم مەيلىمۇ.
سىنى ئويلاپ چۆللەرنى بويلاپ،
پەرىشاندا يۈرسەم مەيلىمۇ.
ۋىسالىڭغا تەلمۈرۈپ ھەر چاغ،
ھىجرانىڭدا ئۆلسەم مەيلىمۇ.
بىلەلمىدىڭ كۆيگەنلىكىمنى،
سىزەلمىدىڭ سۆيگەنلىكىمنى.
2015-2-7
ئاچچىق ئەسلىمە
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئاخىرقى رەت ئۇچراشقان كىچە.
ئۆستەڭ بويى كۆكتە ھىلال ئاي.
قۇچاغلىشىپ لەۋلەر يىقىشىپ،
ھاياجانغا تولغان تىنالماي.
مۇھەببەتنىڭ قايناملىرىغا،
غەرېق بولغان سۆيۈپ قانالماي.
«خوش تاتلىغىم » دىيىشكەن بىراق،
قىيالماستىن ئۇزاپ ماڭالماي.
كۆز ئالدىمدا ئاچچىق ئەسلىمە،
ماڭغان يارنىڭ ياندا قالالماي.
ئەمدى چۆلدە چۈشەيمەن خالاس،
سىغىنساممۇ ئەسلەپ بارالماي.
2015-2-8
تاتلىق
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
نەزەر سالسام سەرۋى بەستىگە،
چولپان ، خۇمار كۆزلىرى تاتلىق.
رۇخسارىدىن ئەقلى ھۇشۇم يوق،
تەبەسسۇمدا يۈزلىرى تاتلىق.
دىل قىتىمغا چەشمىلەر ئۇرۇپ،
ئۈنچە-دانە سۆزلىرى تاتلىق.
ھەر تىنېقتا يۈرۈگۈم پەۋەس،
خۇشپۇراقلىق ھىدلىرى تاتلىق.
زوقلاندۇرار قەلبىمنى قەۋەت،
پىكىر-تەلەپ، ئويلىرى تاتلىق.
قەلبىمدىكى يارنىڭ نەخ ئۆزى،
زىلۋا، غۇنچە بويلىرى تاتلىق.
تاتلىق ئۆزى تاتلىق بال ھەسەل،
كۆيگە قىتىپ ئيتىمەن غەزەل.
2015-2-7
كۈتۈش
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
كۆرۆش ئۈچۈن ئاي جامالېڭنى،
مەللەڭدە يۈردۈم ئايلىنىپ.
كۈنمۇ پاتتى تاڭلارمۇ ئاتتى،
كىتەلمىدىم ھىچبىر ئايرىلىپ.
باشقا بىلەن پەرۋايىم پەلەك،
دەرىزەڭگە تۇرىمەن قاراپ.
نىچۇن نىگار چىقمايدىغانسەن،؟
روخسارىڭنى مىنىڭدىن ئاياپ.
كۆرۈنمەيدۇ سايەڭمو ھەتتا،
كۈتكىنىمنى بىلمىدىڭ بەلكىم،
ساراڭ بولاي دىدىم ئوتۇڭدا،
چۈشەنمەيدۇ ھالىمنى ھەر كىم.
2015-2-8
قالدى
مۇھممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
قىيالماي ئامالسىز كەتتىم يىراققا،
«خەيرى» دەپ تەلمۈرۈپ نىگارىم قالدى.
يۈرۈگۈم قېتىغا ئورنىغان مەھكەم،
ھاياتىم ،بىر دانەم، دىلدارىم قالدى.
كۆزۈمگە كۆرۆنمەس باشقىسى ئەسلا،
كۈل قىلىپ كۆيدۆرگەن تۇمارىم قالدى.
لىۋىدىن مۇھەببەت شەربىتى ئىچكەن،
ئاھ! شىرىن سۆيۆلگەن خۇمارىم قالدى.
قۇپ-قۇرۇق جىسممنى كەتتىم ئىلىپلا،
ھەمراھقا جانانغا ئۇۋالىم قالدى.
پەرىشان چۆل كىزىپ يۈرىمەن تەنھا،
مىنىڭدە سىغىنىش، پىغانىم قالدى.
2015-2-9
«قۇملۇق»
ساقلا جېنىم
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
«يوقاپ كەتتى،تاشلىدى» دىمە.
ئەس-خىيالىم سەندىلا پەقەت.
چۈشەن ھالىم شۇنچە پەرىشان.
ئەسلەپ سىنى سىغىندىم قەۋەت.
يىراقلارغا كەتكىنىم بىلەن.
ئۈزۈلمەيدۇ سۆيگۈ ئەقىدەم.
بارلىغىمنى ئاتىغان ساڭا.
خىيالىمدا سەنلا ھەر قەدەم.
گۇمان قىلما مۇھەببىتىمگە،
ئۆمۈد ئۈزمە ئالدىراپ تىنەپ.
ئىشەن سۆيگۈم ساڭا تەئەللۇق،
ساقلا جىنىم ئامانلىق تىلەپ.
2015-2-11
ئاشىق يۈرەك
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئەقىدەڭ ھەمراھ ماڭا شۇڭا مەن يالغۇز ئەمەس.
كەچمىدىم ئەسلەپ سىنى ھەر قەدەم ھەربىر نەپەس.
بار غىرىپ ئاشىق دىسە شۇ غىرىپ مەن نەخ ئۆزى،
بىر ساڭا كۆيدۈم ئىشەن باشقىغا قىلماي ھەۋەس.
تۈن كىچە يۇلتۇز ساناپ كۆزلىرىمدە ئۇيقۇ يۇق،
كۈندۈز ماڭا زۇلمەت گويا يۈرمەكتىمەن بۇپ ئەلەس.
بارلىغىم قەلبىمدىكى ئەس-ھوشۇم سەندە پەقەت.
يۈرۈگۈم ۋولقان كەبى ساڭا سۆيگۈ ئوت پەۋەس.
سورىساڭ ھالىم خاراپ ئوتلىرىڭدا كۈل بولۇپ،
چۆلدە يالغۇز دەرت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش بولدى تەس.
ئەسلىسەم ھۆسنىڭ پەرى ئىزدىسەم ئەيپىڭمۇ يوق،
ئاھ جىنىم سۆيگەنلىرىڭ تەنلىرىمنى قىلدى مەس.
2015-2-10
سەۋدا
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئازاپ نىمە بىلمەي يۈرەتتىم.
تىپىۋالدىم يولوقۇپ ساڭا.
چاندۇرمىدىم تىشىمدا كۈلكە،
پەرۋا قىلماي يۈرسەڭمۇ ماڭا.
مەھەللەڭدە يۈردۈم ئايلىنىپ.
كۆرۆش ئۈچۈن ئەگېپ كىتەلمەي.
يۈرەك لەختە ھەسرەتكە تولدى،
سۆيگىمنىمۇ ئىزھار ئىتەلمەي.
ئازاپ تاپتىم يۈشۈرۈن كۆيۈپ،
پىنھانلاردا خىيالغا چۆكۈپ.
سەۋدا،ساراڭ،بولدۇم ئۇيقۇ يوق،
يۇلتۇزلارغا دەردىمنى تۆكۈپ.
2015-2-11
كەلمەي
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
نىمانچىلا قىينايدىغانسەن،
سىغىندۇرۇپ، كۈتكەنچە كەلمەي.
ھالسىز تىنىم قىينالدى جىنىم،
خۇشاللىغىم يۈتكەنچە كەلمەي.
قۇرۇپ قاخشال بولدۇم ئوتۇڭدا،
دەرت-خىيالغا چۆككەنچە كەلمەي.
ناخشام بىلەن ئىسمىڭنى ئاتاپ،
ياشلىرىمنى تۆككەنچە كەلمەي.
يۈرەكلىرىم ئۆرتەندى ئەجەپ،
ئازاپ، ھەسرەت، چەككەنچە كەلمەي.
ئۇنۇتتۇڭمۇ ياكى تاشلىدىڭ،؟
بىر كىلىپلا كەتكەنچە كەلمەي.
2015-2-12
كەلگىن
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
كەلگىن جانان كەتمە يىنمدىن.
دىدارىڭغا كۆزلىرىم قانسۇن.
ۋىسال تاپسۇن سۆيگۈ رىشتىمىز،
جۇپ يۈرەكلەر ئوت بولۇپ يانسۇن.
دۇچار قىلما ھىجرانلىرىڭدا،
سىغىنىشتا ياشلار تۆكۆشكە.
كەلگىن جانان تىز كەل كەتمىگىن،
تاقىتىم يوق ئەمدى كۈتۈشكە.
كىچە زۇلمەت كۆزدە ئۇيقۇ يوق،
ياتتىم تالاي ئەسلەپ تولغونۇپ.
مۈگۈدەپلا چۈشەيمەن سىنى،
ئىسمېڭ بىلەن جۈيلۈپ ئويغونۇپ.
2015-2-15
قاۋاقخانىدا
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئەتتىگەندە كىرىۋالدىم قاۋاققا،
ناشتىلىققا ئاچچىق ھاراق ئىچىشىپ.
سوقۇشتۇرۇپ رومكىلارنى تولدۇرۇپ،
بىرلا تەخسە قۇرۇق گازىر چېقىشىپ
يانلىرىمدا ئۇيقۇ چىراي تۆت گۈزەل،
كېچە ئىچىپ يېشىلمىگەن، نازى يوق.
ئەللىك سومغا تەلەپ قىلدىم ناخشىنى،
بىر مىنۇتتا تۈگەتتى ئۇ سازى يوق.
غېرېق بولدۇم يېرىم بولماي بوتولكا.
گۈزەللەرنىڭ ئالدىدا لىق ئىچىملىك.
يەيدىغانغا گازىر پەقەت باشقا يوق،
ئۇلاپ چەكتۇق يېرىم تاشلاپ چېكىملىك.
يالغۇز قالدىم ئويغانغاندا مۈگىدەپ،
ھېساباتچى كەلدى ھېساب ئاچقىلى.
ئىككى ۋاراق تىزىملىكنى ئوقۇدى.
پۇل تۆلىمەي ئامالىم يوق قاچقىلى.
دەيدۇ ئوتتۇز قىزىل كالا بىر ھاراق،
ئون تاماكا ،ئىككى سائەت، تۆت گۈزەل،
ھەر بىر قىزنىڭ ھەمراھلىقى ئىككى يۈز،
تەلەپ قىپسىز ئەللىك سومدىن ئون غەزەل.
جەمئىي ھېساب ئىككى مىڭدىن ئېشىپتۇ،
ئاڭلاپ تىلىم بولدى گاچا تۇتۇلۇپ.
تېلفۇن،كىملىك،تىلخەت بىرىپ رەنىگە،
ئاران چىقتىم شۇ قاۋاقتىن قۇتۇلۇپ.
2015-1-2
…