مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2151|ئىنكاس: 39

تاماكىنى تاشلايلى(تەۋسىيە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11582
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 04:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاماكىنى تاشلايلى، تۈتۈن تۈندە تۈگەشسۇن،
تاماكىنى تاشلىغان تىزدىن تاڭغا تۇتاشسۇن.

تاماكىدا تۇرمۇشۇڭ تۇزۇپ، تۈگەر توختىماي،
تىزدىن تاشلا تۇتمىغىن، تىنىقلىرىڭ تىزلەشسۇن.

تاماكىنىڭ تالاسى توستى ، تىرەن تۇمۇرنى،
تال-تۇمۇرۇڭ تۈتۈنگە،تىزلانمىسۇن-تىركەشسۇن.

تاياق تەڭلەپ تۇرسىمۇ، تاشلىمايدۇ تۈزۈمدە،
تاشلىمىساڭ تۈزۈمدە،تۇتۇپ تۇرۇپ تاشلاتسۇن.

تاشلاپ تۇتما تۈندىمۇ، تۇمانلىرى تۇزاقلىق،
توزاقلارغا تىزلانساڭ ،تەمسىز تۇرمۇش تۈگەشسۇن.

تۈتۈن  تولا  تۇرمۇشتا، تاماكىسىز  تۇرۇپمۇ،
تاماكىدا تۈگەشسەڭ، توسماس تۈزۈم تۆلەشسۇن.



مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 08:59 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Nimjan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7086
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 05:46:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ت ھەرپلىك سۆز ئويۇنىكەنغۇ... ئالامەت چىقىپتۇ

«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13203
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8079 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 06:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت سۆزىدىن يانماس دېگەن گەپ بار بولىدىغان ،لىكىنزە ...بەزى يىگىتلىرىمىز تاماكا تاشلايمەن دەپ ئۆز-ئۆزىگە نۇرغۇن قىتىم ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ  20-30يىلغىچە تاشلىيالمىغىنى بەرھەق راس . بۇ تاماكىنىڭ مىھرى نىمانداق چوڭقۇردۇ؟؟؟ خۇددى .....

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44496
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15746 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 06:31:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 06:16 PM
يىگىت سۆزىدىن يانماس دېگەن گەپ بار بولىدىغان ،لىكىنزە  ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
20- 30 يىلغىچە تاشلىيالمىسا بەكمۇ خەتەرلىك . ئادەم بەدىنىدە 40 ياشقىچە ئانا سۈتىنىڭ قۇۋۋەت كۈچى بولدىكەن . 40 ياشتىن ئۆتكەندە ئانا سۈتى تامامەن تۈگەيدىكەن . شۇڭا كۆپىنچە ئادەملەر 40 ياشتىن ئۆتكەندە ئۇ يىرى ئاغرىپ بۇ يىرى ئاغرىپ دوختۇرغا تولا باردىغان بوپ قالدىكەن .
تاماكىنى 10 يىلدىن ئارتۇق چەكسە خۇمارى تەنگە ، 20 يىل چەكسە قانغا ، 30 يىل چەكسە سۆڭەككە ، 40 يىلدىن ئارتۇق چەكسە يىلىككە خۇمارى ئۆتۈپ كىتىدۇ . ئاساسەن قانغا ئۆتۈپ كەتكىچە تاشلىيالمىسا تاشلىيالمايدۇ ، تاشلىغان تەقدىردە بەدەنلىرى ئاغرىپ كېسەل قوزغىلىدۇ . دەپ سكزلەپ بەرگەن بىر تىۋىپ .....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 06:57:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى يوقمىدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113497
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2015-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 07:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   تاماكا  ئۈزى كىچىك بولغان بىلەن زىينى چوڭ ..    شۇ ئىس تۈتەكتىن قۇتلۇپ كىتېڭلار بالىلار..

سەۋىر قىل سېنىڭ ئىشلىرىڭمۇ ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111447
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 07:59:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكىنى تاشلاش چارىلىرى ۋە بەزى تەكلىپلەر   
   سوئال :    قانداق قىلغاندا تاماكىنى تاشلىغىلى بولىدۇ؟        
  جـاۋاب :    دۇنيـادا ھەر قانـداق بىـر مۈشـكۈلىنىڭمۇ چىقىـش يـولى بولىـدۇ.  تامـاكىنى تاشلاش ئىشى شۇنچىلىك قىيىن كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى تاشلاش مۇمكىندۇر  .  تۆۋەندىكىلەر تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن ياردەمچى بولالايدۇ :      1.  ( ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ دۇئا قىلىش ۋە بۇ نىجىستىن قۇتۇلۇش  ئۈچـۈن ئـاللاھ تائالاغـا چىـن ئېسـىلىش  . ئـاللاھ تائـالا قۇرئـان كەرىمـدە  : ﴿  ماڭـادۇئـا قىلىڭـلار، مەن دۇئـايىڭلارنى ئىجـابەت قىلىــمەن  دەپ ئوچـۇق جاكارلىـدى  .  يـۈرەكتىن قىلىنغــان   دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا شـەك يـوق  .       ئەممـا دۇئانىـڭ ئىجـابەت بولۇشـى ئۈچـچن  بەزى شـەرتلەرمۇ بـار  .  مەسـىلەن  :        يـېمەك - ئىچمەكنىـڭ ھالالـدىن بولۇشـى، دۇئانىـڭ       ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشەنچ بىـلەن قىلىـش، دۇئـادا راسـتچىل، سـەمىمىي بولـۇش،       ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىـدىغانلىقىغا چىـن ئىشـىنىش، ئىجـابەت بولمايۇاتىـدۇ، دەپ دۇئادىن زېرىكمەسلىك ۋە باشقىلار . ئــاللا ھ تائــالا غــا تەقۋالىــق قىلىــش، يەنــى ئـاللاھ تائالاغــا سـېغىنىپ ئۇنىــڭ غەزىـپىگە ئۇچرايـدىغان ئىشـلاردىن قـېچىش ۋە ئۇنىـڭ رازىلىقىغـا ئېرىشـىش ئۈچـۈن تىرىشـچانلىق كۆرسـىتىش ئـارقىلىق ئۇنىـڭ ھىمايىسـىگە ئىـگە بولـۇش  .  ئـاللاھ تائـالا    ئۆزىنىڭھىمايىسىگە ئالغان كىشـىنى ھـېچ ۋاقىـت زىيانغـا ئۇچراتمايـدۇ  .    ئـاللاھ تائـالا قۇرئان كەرىمدە  : ﴿    كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشـىنى ئاسـان قىلىدۇ ﴾ ) ﴿         كىمكى ئـاللاھ تائالاغـا تەقۋالىـق قىلىـدىكەن، ئـاللاھ ئۇنىڭغـا چىقىـش يولى بېرىدۇ  (  دەپ كۆرسەتكەن .       )
  2.  تامــاكىنى دەر ھــال تاشــلاش  .  ئــۇنى دەرھـ ال تاشــلاش چىــن ئىــرادە تەلەپ قىلىدىغان  ئىش  .    لېكىن ئۇ بەزىلەر ئويلىغانـدەك قىـيىن ئىشـمۇ ئەمەس  .    ئـۇنى قىـيىن  كـۆرگەن كىشـى رامىـزان كۈنلىرىـدىكى ھـالىنى ئەسـكە ئالسـا بو لىـدۇ  .  رامىـزان كۈنلىرىدىمۇ يې يىش، ئىچىش  ، تاماكا چېكىش  قاتـارلىق       ئىشـلاردىن مەجبـۇرى ئـۆزىنى توســىدۇ  . بۈگــۈن تاشــلايمەن، ئەتە تاشــلايمەن دەپ كەيــنىگە ســوزۇش شــەيتاننىڭ     قارمىقىغا ئېسىلغانلىق بولۇپ، شەيتانىي نەپس ئۇنى تاشلاشـقا پۇرسـەت بەرمەسـلىككە تىرىشىدۇ  .      ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، تاماكىنى تاشلاش قارارىغـا كەلـگەن ھامـان ئۇنىڭدىن  دەرھال قول ئۇزۈشتۇر .  
    سوئال :           تاماكىنى تاشـلىغاندىن كېـيىن قايتـا چەكمەسـلىك ئۈچـۈن نـېمە قىلىـش كېرەك؟         
جاۋاب :   تاماكىغا قايتا ئۈگىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن مۇنۇلارنى قىلىش كېرەك :    تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنى قەتئىي ئېسىگە كەلتۈرمەسـلىك، كـۆرۈپ  قالغان ياكى ئېسىگە چۈشۈپ قالغان        ئەھـۋاللار ئاسـتىدا خىيـالىنى باشـقا ياققـا بـۇراش كېرەك .      تاماكا چېكىدىغان دوستلاردىن مەڭگۈلۈك  ئايرىلىش ۋە ئارىلاشماسلىق .         تاماكا چېكىش ئەسناسـىدا ئىسـتېمال قىلىـپ كەلـگەن شـەيئىلەرنى ئىسـتېمال قىلىشنى تەرك ئېتىش    ، تاماكا چەككەندە ئولتـۇررۇپ ئادەتلىنىـپ كەلـگەن ئ   ورۇنـدۇقتا ئولتۇرماسلىق .    گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىشمىۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش .         تاماكا خۇمارى تۇتقان بىر قانچە مىنۇتلۇق قىيىنچىلىققا سـەۋر بىـلەن تاقابىـل تۇرۇش  .        خۇمار تۇتقـان شـۇ بىـر قـانچە مىنۇتقـا چىـدىغان ئـادەم       ئـۇنى چوقـۇم تاشـلاپ كېتەلەيدۇ .         تاماكـا خۇمــارى تۇتقـان ۋاقىتتـا ئـۆزىنى تۇتـۇۋېلىش، خىيــالىنى باشـقا ياققــا بۇراش، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش .   
سوئال :   تاماكىنى تاشلاشنىڭ باشقا چارىلىرىمۇ بارمۇ؟      
    جـــاۋاب :     تەلىـــم - تەربىـــيە مۇتەخەسسىســـلىرى تامـــاكىنى تاشـــلاش ئۈچـــۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ       تاماكــا ئورنىغــا نىكــوتىن ماددىســىدىن ياســالغان مەخســۇس رىۋاشــكىلارنى چايناش تاماكىغا بولغان ئىشتىﻬانى پەسەيتىدۇ .     چۈنكى كىشـىلەرنى تاماكـا چېكىشـكە  ئادەتلەندۈرۈپ قويغان نەرسە، ئۇنىڭدىكى نىكوتىن ماددىسىدۇر  .    مىسـۋاك قوللىنىشـمۇ تامـاكىنى تاشلاشـقا يـاردەمچى بولىـدۇ  .  خۇمـار قـاتتىق تۇتقـان لەھـزىلەردە مىسۋاكنى ئېغىزىدىن چىقارماي تۇرۇش ياخشى ئۇسۇلدۇر .      تامـاكىنى تەدرىجىـي تاشلاشـقىمۇ بولىـدۇ  .  بـۇ كۈنـدىلىك چېكىـدىغان تاماكـا نىسبىتىنى ئازايتىش ئارقىلىق بولىدۇ  . مەس ىلەن  :  كۈنىگە بىر پاچكا چېكىدىغان كىشى    ئـۇنى بىـر يـاكى ئىككـى تالغـا چۈشۈرۈشـى، ئىمكـان قەدەر ئـاز چېكىشـكە تىرىشـىش ئارقىلىق بولىدۇ .  لېكىن ئەڭ ياخشى ۋە  ئەڭ  ئۈنۈملۈك چـارە —      يۇقىرىـدا ئېيتىلغانـدەك —   دەرھال تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر .      تاماكا چەكمەيدىغان دوستلار    بىلەن كۆپ    رەك ئارىلىشىش، ئـۇلار بىـلەن   بىـرگە سـەيلىگە ۋە سـەپەرلەرگە چىقىـش  .  شـۇ ئـارقىلىق تاماكـا چەكمەسـلىككە ئـۆزىنى كۆندۆرۈش مومكىن  .       لېكىن بۇئەسنادا ۋاقىتنـى بىكـار ئۆتكۈزمەسـلىك ھەتتـا ئـۆزىگە تاماكا ھەققىدە خىيال سۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك .     تاماكىغا قارشى تۇرىدىغ ان مەخسۇس تېببىي مەركەزلىرى بولىدۇ.  ئۇلار يەنە       ۋە بەزى دورىلار ئارقىلىق تاماكىنى تاشـلىماقچى بولغـانلارنى داۋالايـدۇ  .    بـۇ ئورۇنلارغـا مۇراجىئەت قىلىشمۇ ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.        تاماكــا چېكىــدىغان دوســتلاردىن ئايرىلىــپ، ئۇلارنىــڭ ســورۇنلىرىنى تەرك ئېتىپ، تاماكا   چەكمەيدىغانلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش .     بېرەر ياكى ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەسـلىك كېـرەك  .   ئادەتتە تاماكىنى تاشلىماقچى بولغـانلاردىن  %60   كىشـى ئىرادىسـىدىن يېڭىلىـپ يەنە تاماكا چېكىش ئادىتىگە قايتىدۇ  .  لېكىن تاماكىنى تاشلىماقچى بولغان ئادەم بىـ ر يـاكى    ئىككى قېتىم يېڭىلغىنىـدىن كېـيىن، ئۆزىنىـڭئـاجىز نوقتىسـىنى بىلىۋېلىـپ، بـارچە          ھىممىتى ۋە كۈچىنى شـۇ ئـاجىزلىق تەرىپىنـى يـېڭىش يولىغـا سـەرپ قىلىـدىكەن، ئـۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ .    ئىرادىلىك ئـادەم ئۆزىنىـڭ خاتالىقىنى ۋە ئاجىزلىق نوقتىسىنى تونۇيدۇۋە ئۇنىڭغا يېڭىلمەسلىك ئۈچـۈن كـۆرەش قىلىدۇ . مەلۇمكى، ھارماي كۆرەش قىلغانلار ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ .         ئۆز - ئۆزىگە سۆز بېرىش ئۇسـۇلى بىلەنمـۇ تامـاكىنى تاشـلاش جېڭىـدە غەلىـبە قىلغىلـى بولىـدۇ  . چـۈنكى ئىنسـان قانچىلىـك سـۆزىدە تۇرمايـدىغان بولـۇپ كەتـكەن تەقـدىردىمۇ، ئـۇ ئـۆزىنى ئالدىماسـلىقى كېـرەك  .  ئۇنىـڭئـۆزى بىـلەن ۋىجـدانى   ئوتتورىسىدا سەمىمىيەت بولۇشـى كېـرەك  .       تامـاكىنى قەتئىـي تاشـلاش ئۈچـۈن ئـۆزىگە      چىــن ۋەدە بەرگەن ئــادەم ھەر ۋاقىــت خۇمــارى تۇتــۇپ ۋەدىســىنى بۇزۇشــقا مەجبــۇر   ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىدا ئـۆز -     ئـۆزىگە بەرگەن     ۋەدىسـىنى ۋە ئـۇزىنى ئالدىماسـلىقى كېرەكلىكنى ئويلاپمۇ ۋەدىسىنى بۇزۇشتىن يانىدۇ.    يەنە بىر چارىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ، تاماكا چەكمەسلىككە قەسـەم قىلىـش  .  ئەگەر قەسـىمىدە تۇرالمـاي گۇناھكـا   ر بولـوپ قېلىشـتىن قورقسـا، ۋاقىتلىـق قەسـەم قىلىشـقا بولىـدۇ . مەسـىلەن  : بىـر يىللىـق، ئـۈچ ئـايلىق، بىـر ئـايلىق  .  بـۇ ئۇسـۇل بىـلەن تاماكـا چېكىشنى تاشلىغانلارمۇ كۆپ .

(مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ دىن ۋە ھايات ناملىق كىتابتىن ئىلىندى. )

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئىيتىشنى ئۇنۇتمايمەن !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 08:07:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 08:12:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 06:31 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
20- 30 يىلغىچە تاشلىيالمىسا بەكمۇ خ ...

يىگرىمە ئوتتوز يىل بولسۇن بەش ئالتە يىل بولسۇن ئىرادە بولسىلا تاشلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن
مىنىڭ دادامۇ ئونبەش ئون ئالتە  ياشلىرىدىن باشلاپ چىكىپ  ئوتتوز يىلدەك چىكىپ بولتۇر  تەلتۇكۇس خوشلاشتى  ئونىڭدىن باشقا تاشلاش جەرياندا تاماكىدىنمۇ ياخشىراق بولغان بىر خۇما ياكى قىزىقىش بولسا ئاسانراق بولغۇدەك  داداممۇ  ئاللانىڭ رەھمىتى ھەم  تىلفۇنىڭ ياردىمىدە تاشلىدى دادام  ھازىر  تىلفۇندا  تۇرغا چىقىشقا  مەندىنمۇ بەكەرەك ئۇستا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113947
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2015-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 08:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا قوساق  تويمىسا يا ئۇسسۇزلۇق قانمىسا يا بىر بىرە كىسەلگە پايدا قىلمىسا نىمىشقا چىكىدۇ دەيمەن شۇ نىجسنى  جانغا ئىككەك سېلىپ.

شۈكرى ئاللاھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش