مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2874|ئىنكاس: 8

جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 07:38:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟


u=3081168515,1525345836&fm=21&gp=0.jpg


        جۇڭگونىڭ 1 - ئايلىق CPI قىممىتى 1% تۆۋەنلەپ ، بازاردا پۇل قىسلىقى غەم - ئەندىشىسىنى پايدا قىلدى ؛ بۇ يىل جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، دۆلەت ئېھتىياجى ئاجىزلاپ ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسى تۆۋەنلىگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيسى ئېشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ، جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى ئىنتايىن چوڭ ، لېكىن ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا ، گەرچە  2015 - يىلى CPI قىممىتىنىڭ ئۆرلەش دائىرىسى 1.6% ئەتىراپىدا مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا پۇل قىسلىق ئەھۋالىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن .
      كونكرېت ئەھۋالدىن قارىغاندا ، 1 - دۆلەت ئېھتىياجى يەنىلا ئاجىز ھالىتىنى ساقلىشى ؛ 2 - دوللارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن دۇنيا ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشى ؛ 3 - ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق ئەھۋالىغا پايدىسىز ؛





ئالتۇن سودا تەھلىلى 12 - 2


ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى  (242.19) 1283.4  دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى (245.07 )  1285.94   دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى  (242.69 ) 1228.44 بازار  بازار يېپىلىش باھاسى  (243.91) 1233.83دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 95.0 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1224  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن نېفىت باھاسى بىلەن قىممەتلىك مېتال بۇيۇم باھاسىمۇ چۈشتى ، ئالتۇن باھاسى 1220 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا چۈشتى .

گرېتسىيە مەسىلىسىگە كەلسەك تۈنۈگۈن ياۋرۇپا رايونىدا گرېتسىيە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە يىغىن ئىچىلدى ، ئەمما يىغىندا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەسلىھەت بىرلىككە كېلەلمىدى شۇڭا يىغىن كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى داۋاملىق ئىچىلىدىغان بولدى .
گرېتسىيە مالىيە مىنىستىرى  سۆز قىلىپ > ياۋرۇپا گۇرۇھى بىلەن ناھايىتى ياخشى تېمىلاردا پىكىرلەشتىم ، بولسا كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى بىرلىككە كېلىپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇرىمەن < دىدى .  

ئامېرىكا تەرەپتىن بولسا ئامېرىكا Dallas فىدىراتىسيەنىڭ رەئىسى خافۇر چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىياپىتىدە > ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كىرزىس مەزگىلىدە ئۆسۈم قۇشۇش ۋاقتىنى كىچىكتۈرگىنىگە قارشى تۇرىمەن ،  ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشىلانغان بۇنداق ئەھۋالدا ئۆسۈم قۇشۇش كېچىكتۈرۈش خەتەرلىك ،  دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن تۆۋەن نېفىت باھاسى  ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق  ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىروۋۇت بازىرى فېدېراتسىيە نىڭ قارارىغا ئارىلىشىپ قالمىغان بولسا بولاتتى < دىدى .

113100jzwe4k41ncz5is14.png


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.  تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى (243.0 )1230 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى ئەتىراپىدا ئامىرىكا بازىرى ئىچىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئىلىپ بېرىپ (243.0) 1230 ۋە (241.03)1220  دوللارنى بۇزۇپ تاشلاپ 1216 (240.24) دوللارغا چۈشتى .

2. بۈگۈنكى بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا بىرىنىجى قەدەمدە 1225(242.01) دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 5 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1220 -1218 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىقا بولىدۇ . ئەگەر 1225 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1232-1230(243-243.4) دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

3. ئالتۇن باھاسى 1230 دوللار ئەتىراپدا ئۈچ كۈن تەۋرەندى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ كىيىنىكى يۆلىنىشى(238.06) 1205 دوللار ۋە 1200 (237.07 )دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى بۇلۇپ قالىدۇ . كىيىكى دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇپا رايونىنىڭ كىلىشمىشى ياخشى بۇلۇپ چىقسا ئالرۇن باھاسى 1200 دوللارنىڭ ساقلاپ قالىدۇ ، ئەگەر بىرلىككە كىلەلمىسە 1200 دوللارنى قايتا بۇزۇپ تاشلايدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1230 1232
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار     1200 1205

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1233-1206
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1200
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1240

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 241.80 يۈەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.35 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





ئاخشام قىممەتلىك مېتاللار باھاسى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر


u=1264017519,1231701130&fm=23&gp=0.jpg


2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، گرېتسىيە مەسىلىسى ئەندىشە تولغان بولۇپ ، بازاردا قىسقا ۋاقىت تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ يۆنىلىشى بۆلۈنۈپ كەتتى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
ئاخشام دوللار يەنە ئۆرلەپ 95 نۇقتىدىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى سەۋەبىدىن قىممەت مېتاللار باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 14.50 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1218 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 12.60 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1219.60 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى چەككىلەش زاۋۇتىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقى ، ھەم خام نېفىت زاپىسىنىڭ ئۇدا ئېشىپ يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن NYMEX قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.18% تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 48.84 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .






2014- يىل ئالتۇن بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يورۇق نۇقتا


1723515w7f077d5c5hwf7c.jpg.thumb.jpg


       دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى (WGC) 2- ئاينىڭ 12- كۈنى 2014- يىللىق دۇنيا ئالتۇن ئېھتىياجى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدى، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە 2014- يىللىق ئالتۇن ئېھتىياجى يىللىق نىسبىتى 4% تۆۋەنلەپ 3923 توننىغىچە بولغان.
  ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلېرى 2014- يىلدا ئالتۇن سېتىۋېلىشى 50 يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، 477 توننىغا يەتكەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ETF ئېقىپ چىقىشى كۆرۈنەرلىك كېمەيگەن ، بۇ 2014- يىللىق ئالتۇن ئېھتىياجىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يورۇق نۇقتا.





گرېتسىيىنىڭ قەرزدارلىق سۆھبىتى كىلەر ھەپتە قايتا ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىن


u=1899511547,1701017411&fm=11&gp=0.jpg


       تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا رايوننىڭ مالىيە - ئىقتىساد بۆلۈم باشلىقى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتمە بەردى ، گرېتسىينى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە  گرېتسىيە سول قانات ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىككە كېلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ، شۇڭا كىلەر ھەپتىدىكى يىغىندا قايتا سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن ؛
      بۇ قېتىمقى يىغىن 7 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ ، بريۇسسېل شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئاخىرلاشقان ؛ رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسەن ، ياۋروپا گۇرۇھ رەئىسى Jeroen Dijsselbloem مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ، " ھازىر نىشانسىزلا ماھىيەتلىك خۇلاسدىن ئورتاقلاشساق بولدۇ ، بۇ يەردىكى مەسلە سۆھبەتلىشىشكە باغلىق ئەمەس بەلكى تەرەققىيات دەرىجىسىگە باغلىق " .
    ئۇ يەنە كۆرسەتمە بېرىپ ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى گرېتسىيگە ياردەم بېرىش پىلانى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى ؛ كېيىنكى نىشان بولسا سىياسەت جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ، بەلكىم كىلەر ھەپتە تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن دېدى ؛
   Dijsselbloem يەنە مۇنداق دېگەن ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا باغلىق ئەمەس ، پەقەت بىر قېتىملىق مۇھاكىمە ؛  
   يۇقىردا بايان قىلىنغان خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ياۋرو ۋە قەرەللىك مال ئۆلچەملىك پور سىزىقى 500 كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ ، خام نېفىت باھاسى قايتىدىن ئۆرلىگەن .






مەبلەغ سالغۇچىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 5 مۇھىم نۇقتا


u=1868207566,1462098082&fm=23&gp=0.jpg


1 . كۆپ ساندىكى كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا غەلىبە قىلىش ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ ، سىز پەقەت سەۋىرچان بولۇڭ ھەم ئۆز پىرىنسىپىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ ؛
2 . سىز پەقەت ئۆز خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ ، ھەرگىز باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئەقىللىق دەپ قارىماڭ ، بەلكىم سىز باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىگە ئېرشىشىڭىز مۇمكىن ؛  
3 . سىزنى كۆپ ساندىكى غەلبە قىلغان كىشلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇلارنىڭ تەلىيى كەلگەنلىكتىن بولغان ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرلىقىدىن ئەمەس ؛
4 . بەلكىم ھازىر ئۆزىڭىزنى غەلبە قىلغۇچى ، لېكىن كەلگۈسىدە غەلبە قىلغۇچى پەقەت سىزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا سىز ئالدىنئالا تىرىشىڭ ، ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرمەڭ ؛  
5 . ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، مەبلەغ سالغۇچىلار مال سېتىۋالغاندا قولدىن چىقىرىۋەتكەن پۇل بازاردا سىزنى ئەڭ يۇقىرى پايدا نىسبىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ ، بۇ بازاردىكى بىردىنبىر دەلىل-ئىسپات ؛ شۇڭا  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى خاتىرجەم قىلىشنى خالىسىڭىز ، ھەرگىز باشقىلار خالىمايدىغان ئىشنى قىلماڭ ؛





ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى


u=2081411151,2349902724&fm=21&gp=0.jpg


       سان فىرانسىسكو فېدېراتسىيە رەئىسى ۋېيليەن مۇسى (John Williams) ئەنگلىيە " پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى" زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇنداق دېدى ، 1 - ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ مۆلچەردىن ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۈچەيگەندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى ؛ ئۇ يەنە ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش بەلكىم مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى جىددىي سىياسىتى توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك ؛  
      John Williams كۆرسەتمە بېرىپ ، نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى ھازىر ياخشىلىنىۋاتىدۇ دېدى ؛ گەرچە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن پۇل پاخاللىق نىسبىتى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ؛ بەلكىم نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىقلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى بارغانسېرى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۈچىيىشى ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا يېتەكچى بولىشى مۇمكىن ؛ ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئامېرىكىدىكى شەخسىيلەرنىڭ ئىش ھەققى 3%`3.5% كىچە ئېشىپ ، پۇل پاخاللىق نىسبىتى 2% لىك ھالىتىگە قايتىشى مۇمكىن .
       John Williams يەنە ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى سانلىق مەلۇمات مۇستەھكەم بولسا 6 ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش باشلىندۇ دېگەن كۆز قاراشتا بولغان .






ئاساسى پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى


172821mdo6mb0rar9obww2.jpg.thumb.jpg


      2 -ئاينىڭ11 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1331 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5232 دوللار بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.7716 دوللار بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 120.43  يېن بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.2628 كانادا دوللىرى بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9283 شۋېتسارىيە فرانكى بولغان .
      تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1218.70 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1219.60 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.78 دوللار بولغان ؛ Comex  قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.761 دوللار بولغان ؛  بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 54.66 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 48.84 دوللار بولغان .

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 07:42 PM  


سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8474
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 03:18:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل قىسلىغى دىگىنىمىز بېسىپ چىقىرىپ بازارلاشتۇرۇلغان پۇلنىڭ ئازلىغىنى بىلدۈرەمدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1880
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 10:12:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karluk007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 03:18 AM
پۇل قىسلىغى دىگىنىمىز بېسىپ چىقىرىپ بازارلاشتۇرۇلغان  ...


  ئاز دەپ كۆپ بىسىۋەتسە پۇل پاخاللىشىدۇ، باسمىسا دوللارغا ئايرىۋاشلاش قىممىتى ئۆزگەرمىگەن ھالەتتىمۇ يەنىلا مال باھاسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىن شۇ تەرەققى قىلغان ئەللەر دۆلىتىمىزدىكى ئەرزان مالنى ئىمپورت قىلىپ پايدا ئالىۋېرىدۇ. پۇل ئۇيۇنىدا قانداقلا قىلساق يەنىلا شۇ تەرەققى قىلغان ئەللەر پايدا ئالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى...
  ھازىر ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلار ئاساسەن ئىمپورت قىلىنىدۇ، قوڭغا تۈزۈك ئىشتان قالمايدىغان ئىش بولسىمۇ ئالما 6 تىلفوننى ئالىمىسا باشقىلارنىڭ ئالدىدا قورۇنۇپ قالىدىغان گەپ. خەلقىمىز ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغان دەۋىر كەلگەندە ئاندىن باشقىلار سىزىپ بەرگەن يولغا ئەمەس ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەت تىپىشى ئۈچۈن پايدىلىق يولغا ماڭىدىغان بۇلىدۇ...
  پۇل پاخاللىشىش دىگەن گەپلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىغاندىلا مەن ‹‹نەخ پۇلنى ساقلاش باشقا نەرسىلەرگە مەبلەغ سالغاندىن كۆپ ياخشى، پۇلنىڭ قىممىتى يۇقىرلايدۇ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدىم. چۇنكى بۇرۇن مۇشۇنداق بىر ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندە زوڭلى جورۇڭجى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئالغان يىللېرى پۇل قىسلىقى كۆرۈلگەن...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 10:25 AM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5675
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 12:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوڭلى جورۇڭجى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئالغان يىللېرى پۇل قىسلىقى كۆرۈلگەن...


ئەسلى مۇنداق ئىكەندە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 03:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىفىت 13 قېتىم چۈشۈپ قايتا ئۆرلەپتۇ،بولساچۈشسە بولىتى

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1675
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15006
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2790 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 07:15:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ ھازىر كىمنىڭ قولىدا نەق پۇل بار ؟ ھەممەيلەن  ئېلىپ قويغان ئۆزي-زېمىنلىرىنى ،ا ئېلىپ قويغان ئالتۇننى پوكىنىغا بېسىپ ئەندىشە بىلەن كۆزىتىۋاتىدۇ .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113947
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2015-2-4
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 08:24:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل

شۈكرى ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80859
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2012-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:31:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113673
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2015-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق  بولسا كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى  بىز دېھقانلارغا بۇلامدۇ نىمە ؟ساتساق ئەرزان سىتىۋالساق قىممەت،دېھقانچىلىقنىمۇ  بانكىدىن قەرز ئىلىپ قىلىۋاتساق ،دۆلەت بېرەر يىللىق قەرزىمىزنى كۈ تىرىۋەتكەن بولسىغۇ  ..........................................بۇلاتتى ياخشى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش