ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خىزمەت ۋە ئوقۇش، تىجارەت سەۋەبلىك ئاتا-ئانسىدىن ئايرىلىپ سىرتلاردا يۈرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ‹‹مەن››لەرگە ۋە شۇ مېھرىبان ئانىلارغا بېغىشلايمەن!!! ئانىلىرىمىزنىڭ، ئاتىلىرىمىزنىڭ ھالىدىن كۆپرەك خەۋەر ئالايلى......
سەندىن يىراق يۈرمىدىم ئانا (نۇرشاھ شېئىرى)
يۈزلىرىڭنى باسسىمۇ قورۇق، سەندىن گۈزەل كۆرمىدىم ئانا. يۈرەكلىرىم سەن بىلەن بىرگە، سەندىن يىراق يۈرمىدىم ئانا.
كەلگۈسۈم دەپ يادنىڭ يۇرتىدا، يۈردۈم ،جىنىم يادلارغا پىدا. ئەمما كۆزۈم قالدى ئارقىدا، مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈردۈم ئانا.
كۆزۈڭدە ياش،كۈلكىلەر ئارلاش، كۈلكەڭ پەقەت ئۆزۈڭنى ئالداش. ئەمما كۈلكەڭ ئازاپقا يانداش، قانداق قىلاي، بىلمىدىم ئانا.
بىرنىڭ ماڭا سۆيگۈسى كاتتا، كۈلكىلىرى شۇنچىلىك ساددا. ماڭا دۇنيا بەرسىمۇ ھەتتا، سەنسىز خۇشال كۈلمىدىم ئانا.
كۈلكىلىرىڭ دىلىمغا ئوزۇق، سەن بولغاشقا كۆڭۈللىرىم توق. بىر كۈن يەتسە ساڭا گەر ھاردۇق، ئاشۇ مېنىڭ ئۆلگىنىم ئانا.
سەن يىغلىساڭ پىغانىم ئۆزۈڭ، يۈرەكتىكى گۈلخانىم ئۆزۈڭ. قەلەم ئالسام ئىلھامىم ئۆزۈڭ، سەنسىز خىيال، سۈرمىدىم ئانا. سەنسىز خىيال سۈرمىدىم ئاتا.
مەنبە: ئۆزۈم ‹‹نۇرشاھ›› 2015-يىلى2-ئاينىڭ10-كۈنى ئۈرۈمچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-13 10:11 AM
|