ئالىي ئەزا
ئۈچ ‹‹تەستەك›› غەيرەت كەنجىبەك 1 بوۋاقلىقتىن سۆز ئاچمايلا قويايچۇ، بالىلىقتا قېچىپ چىقتىم مەكتەپتىن. شورا ئاتلاپ قاقشاتتىم كۆپ باغۋەننى، كەپتەر ،توخۇ تاپالمىسام كاتەكتىن. كېچىلەردە سۈڭگۈچلەردىن ئۆمىلەپ، ئۈزىۋەتتىم خەمەكلەرنى پىلەكتىن. يىگەن چېغىم تۇنجى تەستەك يۈزۈمگە، ئۆكۈنۈشنى بىلمەپتىمەن يۈرەكتىن. 2 ‹‹ياشلىق دىگەن قىممەت ››دىسە ھەركىمگە، ئىزدەپتىمەن ‹‹قىممەت››نى مەن شاراپتىن. يول يۈرۈشنى بىلمەي تۇرۇپ دەپتىمەن، ‹‹پېقىر غالىپ ئوكيانلاردا كاراپتىن››. پىچىپتىمەن شاياتۇننىڭ تونىنى، سۆز بولغاندا ئەدەپ -ئەخلاق ساۋاپتىن... يىدىم شۇڭا ئىككىنچى رەت تەستەكنى، ئەقدات روھى قايتۇرغان ھەر جاۋاپتىن. 3 يەتمىگەنتى يېشىم تېخى ئەللىككە، پۇشايمانغا قول ئۇزاتتىم يىراقتىن. ياپراقلىرىم مەزگىلسىزلا تۆكۈلدى، پەرقىم نىمە ئۆچەي دىگەن چىراقتىن. ئايلىناتتى تاغمۇ شەكسىز تالقانغا، پېقىر چەككەن تاغچە ئازاپ-قىيناقتىن. شۇڭا سالدىم ئۆز-ئۆزۈمگە بىر تەستەك، ئۆتمىگەچ سۆز مەندەك ‹‹ياغاچ قۇلاق››تىن. كىملىكىمنى تونۇتتى ئاھ ‹‹تەستەك››لەر، ھايات خالى ئەمەس ئىكەن سوراقتىن. ‹‹سايرام ئىلھاملىرى››دىن 405-بەتلەر
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
ئاكتىپ ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
abat يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:19 AM شائىرنىڭ بۇ تىمىسىدىن نەسىھەت تەربىيە قۇبۇل قىلماي ...
جۈرئىتى يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 12:26 PM ئىچكى ھىسيات ناھايىتى چۇڭقۇر ئىپادىلىنىپتۇ .
qaraxani يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 01:00 PM شۇنداق ئىچكى ھېسسىيات ئىچكى ھېسسىياتنى چۈشىنىدۇ
جۈرئىتى يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 02:00 PM كەچۈرۈڭ : ئاپتۇرنىڭ ئىسمىغا قارىمايلا شېئىرنى ئوقۇپ ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ