مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 9

چىپىلدايدۇ لەمپىلەردە فېۋرال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 01:51:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىپىلدايدۇ لەمپىلەردە فېۋرال


قار مونىكى ئۆزگىرىدۇ قىيامغا ،
ئۈگۈزلەرنىڭ قولياغلىقى يۇمشىدى .
چىپىلدايدۇ لاپاسلاردىن فېۋرال ،
كوچا –كويلار ھۆلچىكىتە ئوخشىدى .


تېرەك ئالار تىرنىقىنى ئاپتاپتا ،
قارا ياغاچ چىشلىرىنى چوتكىلار .
سازاڭ نوقوپ قويار ئۈژمە تېلىنى ،
ئەللەي چىقىپ  ھويلىسىغا ‹پوق› قىلار .

پايپىقىنى سېلىۋەتتى مۈشۈكلەر ،
كۈچۈك قىززىق توپىلاردا ئېغىنار .
بىسەرەمجان بولدى چاشقان ئەر-خوتۇن ،
كالا –قويلار قىر -دالىنى سېغىنار.

سەھرا قاقار دالان ئۆينى ئالدىراش ،
قېلىن كىيىم ھەربىي سەپتىن چېكىندى .
ئانا مۇزنىڭ ھېكايىسى تۈگىگەچ ،
ئاخىرىقى توڭ تەسكەي يەرگە مۈكۈندى .

ئېغى يىرتىق ئىشتان كىيەر كوچىلار ،
پاتقاق بىلەن رەڭ تالىشار كىيىملەر .
ئېرىق قىرى تارتىۋالدى زەدۋال ،
ئەگىز سۈيى يالىماقتا جىرىملەر  .

ساپما كەشتە سەمىرىيدۇ ئاياللار ،
ئەرلەر تۈزەر تېرىلغۇغا خەرىتە .
بىر مۇھتقا كىرگەچ يۈرەك رېتىمى ،
بارچە جانلىق ئۆزگىرىدۇ ‹غەلىتە› .

چىپىلدايدۇ لەمپىلەردە فېۋرال ،
ئادەملەرنىڭ كۈڭلى يولدا ئاقماقتا.
ئەگىز سۈيى كوچىلارغا كۆز قىسار،
ئىللىق ئاپتاپ بارچە دىلغا ياقماقتا .

قار سۈڭكى يۇمشاپ كەتتى تۇيۇقسىز ،
بېدىلەرنىڭ مىدىرلايدۇ قۇلىقى .
چاچ چىقماقتا يەرنىڭ تاقىر بېشىغا ،
يېتىپ كەلدى بىر پەسىلنىڭ تولغىقى .

ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11500
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8620 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 11:14:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلپ مەن ياخشى كۆردىغان باھار پەسىلمۇ يىتىپ كەلدى12ې،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8646
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1942 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 12:12:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ شىئېرنى راستىنلا ياخشى يىزىپسىز ،  
گۈزەل لىرىكا .

شۇنداق قىلىپ مەن ياقتۇرىدىغان قىش پەسلىمۇ ئاياغلىشىپ قالدى .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 02:07:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز... ئەتىياز  پەيزى تەسۋىرلىنىپتۇ.

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 02:21:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2812
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16473
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2518 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 04:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۈرۈڭ تەپەككۈر،
ئېيتاي ساڭا تەشەككۈر.
ئانا تىلدا سەن بىزنى ،
قىلدىڭ مەغرۇر تەكەببۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14417
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11183
تۆھپە نۇمۇرى: 654
توردا: 2461 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 10:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تاتلىق شىئېر بوپتۇ. ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا قايىل بولماي تۇراممايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108389
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-7-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 11:53:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا گۈزەل ئەتىيازمۇ كېلەي دەپ قالدى. شېئىرلىرىڭىزنى ئەتىياز پەسلىگە بېغىشلاپسىز ئەمەسمۇ...

تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە باھانە يوق. كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم. دەردىم ئېيىتسام دەرتكە دەرمان دانا يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113433
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 07:33:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113433
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 07:33:10 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش