مەستانە ئـــەزا
بولدۇم گۆھەرقىز ئىبرايىم بىر يىتىمنى بالام ئىتىپ بىقىپ بولدۇم، يۈرىگىمنى ئۆتمە تۆشۈك تىشىپ بولدۇم. بەختى ئۈچۈن دەسمى سىلىپ ئەزىزجاننى، دوزاقلىغا نەچچە مىڭ رەت كىرىپ بولدۇم. روھ بىغىمغا كىسلاتانى چىچىپ بولدۇم، ئەلەملىدە كىسەل بىلەن يىتىپ بولدۇم. سولاپتىمەن چاريىلاننى قوينۇمغا مەن، ئازاۋىدا ئۈشبۇ جاندىن كىچىپ بولدۇم. دەردۇ - ئەلەم ئازاپتىلا دىۋەڭ بولدۇم، سەرسانلىقنىڭ كوچىسىدا پاراڭ بولدۇم. دىل رىشتىمنى ئۈزەلمەستىن ئاھ ئەقىدەم، ساق تۇرۇپلا ئالجىغان بىر ساراڭ بولدۇم. ئەجىر ئەمگەك مەبلىغىمنى سىلىپ بولدۇم، ئاچچىق ھەسرەت پۇشمانلىغا تولۇپ بولدۇم. ئىسىت ئاڭا يىگىرمە يىل قىلغان ئەجرىم، ئاقىبەتنى خۇدا ساڭا قويۇپ قويدۇم. بىقىپ يىتىم كۆز يىشىمنى تۆكۈپ بولدۇم، قۇۋ ھىلىگەر بىر تۈلكىنى كۆرۈپ قويدۇم. قەدىر قىممەت غورۇرۇمنى ئۇردى يەرگە، خاپىلىقتا گاللىرىمنى سىقىپ بولدۇم. ھەسرەت بىلەن پەرياتلىنى چىكىپ بولدۇم، بىۋاپانى نامەرتلىنى كۆرۈپ قويدۇم. ئادەم ئەمەس باققانلىرىم ئىكەن ھايۋان، ئەپسۇس بىلەن ئۇمۇدۇمنى ئۈزۈپ بولدۇم. مەنبە: ئۆز قەلىمىم
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
دائىملىق ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
تەككەپپۇرلۇق ئى
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ