دوستۇڭدىن دۈشمىنىڭ كۆپتۇر نىمىشقا؟
قاراخان
ئۈلپەت تاپ قۇدرەت تاپ دەيدۇ بەزىلەر،
نەدىدۇر قۇدرەتنى تاپقۇدەك ئۈلپەت.
ئۈلپىتىڭ قاغىكەن يۇتتۇڭ قان زەھەر،
شەپقەت قىپ دۈشمەندىن تارتقىنىڭ ,كۈلپەت.
ئىنساننىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەنمۇ؟
نىچۈنكى تىلى بال، دىلىدا پىچاق.
ساختا دوست ياخشىمۇ ئوچۇق دۈشمەنمۇ؟
باشقا كۈن چۈشمەستە ئويلىغىن ئۇزاق.
دوپپاڭغا جىگدە بەس پوستۇڭغا سامان،
سالغاندا ،تىققاندا قاقشاپ يۈرمىگىن.
دۈشمىنىڭ ئالدىدا تۈكۈرمىگىن قان،
دۈشمەنگە توي ياساپ ھازا كۈتمىگىن.
دوست كۆپ دۇرۇسى ئازدۇر نىمىشقا،
تەكتىگە باغلىقتۇر دوست-دۈشمەن دىگەن.
يولاتما ھەركىمنى ئېشىڭغا ،ئىشقا،
ئاز ئەمەس نامەرتتىن تۇمشۇققا يىگەن.
ئىتقا ئىت،پىتقا پىت دوستتۇر ئەزەلدىن،
قىززىماس قوي بىلەن ئىتنىڭ سۆھبىتى.
پۇل ،مالغا دوست تارتىپ ئېيتقان غەزەلدىن،
تېپىلماس دوستلۇقنىڭ ۋاپا خىسلىتى.
ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ پىيازنىڭ پوستى،
سىرىڭنى ھەركىمگە ئېيتىش ساددىلىق.
دۈشمەننىڭ كۆپ بولۇر ئالدىمى قەستى،
كۆزلىمە مەلئۇندىن قىلچە ياخشىلىق.
نەپسىگە قۇل بولدى دوستلىرىڭ بۈگۈن،
ئاقكۆڭۈل دوستلارنى تاپماق بەك قىيىن.
شىرنە ،قان شورايدۇ چىۋىن كۆكۈيۈن،
گۆش بولماس ھېچقاچان پوق ئۈچەي- قېرىن.
سىنىماي دوست دىمە ،سانىماي سەككىز،
ياخشى دوست كېڭەشتە ،يىلدا سىنىلار.
دوستلۇقمۇ تارتىدۇ گىياھتەك يىلتىز،
يىلتىزسىز دوستلۇق ئۇ، جاڭگالدا قالار...
2015-يىلى 11-فېۋرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 01:41 PM