مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3434|ئىنكاس: 19

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: يالغان (ھەجۋ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3905
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 07:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  يالغان


                              

پېقىرىڭغا ئاتاپ قۇرغان گۈزەل گۈلشەنلىرىڭ يالغان،
بېغىمدا كۈيچى بۇلبۇلدەك خۇشال كۈلگەنلىرىڭ يالغان.

مۇقەددەس سۆيگۈ ھەققىدە پۈتۈن ئالەمگە جار سالدىڭ،
ئىكەن تەھقىقلىسەم سالغان چۇقان- سۈرەنلىرىڭ يالغان.

قەسەم ئىچكەنىدىڭ: مەڭگۈ بولاي خىزمەتلىرىڭدە، دەپ،
كېچە- كۈندۈز غېمىمنى يەپ، كۆڭۈل بۆلگەنلىرىڭ يالغان.

مىسالى رو چىۋىن يەڭلىغ مېنى ئەگىپ كېتەلمەيسەن،
ۋە لېكىن چىن يۈرەكتىن دىل بېرىپ سۆيگەنلىرىڭ يالغان.

«ئوتۇڭدا تەڭ كۆيۈپ ھەردەم، سۈيۈڭدە ئاقىمەن» دەيسەن،
بۇ لەۋزىڭمۇ ھارام، گۈلخان بولۇپ كۆيگەنلىرىڭ يالغان.

يېپىشتىڭ سالجىدەك مەھكەم قېنىمنى شورىدىڭ ھە دەپ،
ئوتۇمدا سارغىيىپ سەبدەر بولۇپ ئۆيگەنلىرىڭ يالغان.

دىلىڭنى مەھلىيا قىلغان ئەمەس مەن، بەلكى مەھرايىم،
پىراقىمدا كۆيۈپ پەرۋانىدەك ئۆلگەنلىرىڭ يالغان.

تىلىڭدىن بال تامار، ئەمما دىلىڭدا مەرگىمۇش قاينار،
سۆيەي دەپ قانچە قىلساممۇ بويۇن ئەگكەنلىرىڭ يالغان.

كىتىرلاپ ئوغرى چاشقاندەك ھامان ئۇلۇمنى كولايسەن،
ماڭا ياپقان تاۋار يوتقان، ئېسىل چەكمەنلىرىڭ يالغان.

مېنى ساغرۇ قۇلاق، كور، دۆت، نادان مەخلۇق ھېسابلايسەن،
ئەجىر- تەرىم ئۈچۈن سۇنغان تاغار، كەمچەنلىرىڭ يالغان.

ھىيلەڭدىن جاق تويۇپ كەتكەچ دېدى ئابدۇرېھىم مۇنداق:
مېلىمنى سۆيگىنىڭ راستتۇر، مېنى سۆيگەنلىرىڭ يالغان.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 07:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 12:33:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىلىپتۇ ،  قەلەم  تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1926
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 01:06:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىركەن.ھارمىغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109335
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-8-21
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 01:31:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامان بولۇڭ .قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.ئىمكان بار ئۆزىڭىزنى ئاياڭ.

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13265
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 01:39:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ...بەك كۆپ يالغانلارنى بىلىۋالدىم ،
باشقىلارمۇ بىكار ئولتۇرماڭلار جۇمۇ چۇقۇم بىلىۋېلىش كېرەك ...

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 09:00:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ  يەنە  بىر  ئېسىل  شېئىرىنى  كۆرگىنىمدىن  بەك   خۇشالمەن  …



قەلىمىڭىزگە  بەرىكەت  ،  تېنىڭىزگە  ساقلىق  تىلەيمەن  ئۇستاز  …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 11:15:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىركەن، قەلىمىڭىز ھارمىغاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3905
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 12:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




رۇبائىي



ھەركىمگە تۆت كۈنلۈك ساراي بۇ ئالەم،

بۈگۈن بار، ئەتە يوق سەنمۇ ئەي ئادەم.

پۈركەنسۇن گۈللەرگە دېسەڭ گەر ئۇنى،

ۋاقىت ـــ ئات، يۈگەنلە، ئەجىر قىل ھەردەم!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 12:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھارمىغايسىز . ھەممىسىلا يالغان بولسا دەككىسىنى بەرگۈلۈك .

سەھەرنىڭ بۇلبۇلى سايراپ ئاۋازى پۈتكىنى راستمۇ ،
كۆڭۈللەر بېغىدىن ھەتتە ناۋاسى يۈتكىنى راستمۇ .

تېلەكلەر بوپ نىچۈن قاھشال يۈرەكنىڭ يامغۇرى كەتكەن ،
باھاردا جۇت بۇلۇپ قاتتىق مۆلدۈرنىڭ چۈشكىنى راستمۇ .

ئۆيىگە مېھرىنى تۆككەن ئايالنىڭ كۆزلىرى ياشلىق ،
ھايالىق دەپتىرىن ياپقان سەتەڭنىڭ كۈلگىنى راستمۇ .

ئوغرىنى باشلىغان ئۆيگە خاتىرجەم ياتقىنىڭ راستەك ،
بۇلانسا كۆزلىرىڭ كۆرمەي بالاڭنىڭ كۆرگىنى راستمۇ .

سېھرىدىن قىلىنىپ جادۇ سېزىمنى يۇقۇتۇپ جىسمىڭ ،
تېرىكتەك تۇرغىنى بىلەن روھىڭنىڭ ئۆلگىنى راستمۇ .

ئۈمۈتنىڭ ئۇچقۇنى يانغىن ياسالماي بىر نۆۋەت ھەتتا ،
يېشىڭدىن ئۆچكىنى راستمۇ ، دېلىڭدىن كۆچكىنى راستمۇ ؟!






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 03:44 PM  


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3905
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 08:31:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆچمەس يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 12:33 AM
ياخشى  يېزىلىپتۇ ،  قەلەم  تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي




             ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش