رەھمەتكە يانداشقان سۇئال
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 ^# ]) I( ^ k9 m
ئەسسالام مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئۇستاز،دوست- يارەنلەر ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر؟ مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى، ئىسىمگە ئالسام قايسى بىر ۋاقىتتا مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىنغان "قەۋرە ئىزلەش خاتىرىسى" نى ئوقۇشقا پۇرسەت بۇلۇپ قېلىپ شۇ قىزىقىش تۈرتكىسىدە تەبىئىيلا مۇشۇ قاملاشمىغا نامدا مۇنبىرىمىزنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم. ئايلاندىميۇ مېھرىمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم. ...ئەلۋەتتە ۋاقتىم يەتمىگەن ۋاقىتتا كىرەلمىدىم. پۇرسەت بولسىلا ئەڭ ئاۋال مىسرانىمنى ئېچىپ مۇنبەردىن نۇرغۇن ياخشى ئىدىيىلەرنى، ئادىمىلىكنىڭ ئۆلچەملىرىنى، جاھاندارچىلىقنىڭ يوللىرىنى، ئەدىبىياتنىڭ سېھرى كۈچىنى، ئۈمۈدۋارلىقنى، مۇنازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن تارتىپ جەمىيەتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە مەن بىلىشكە قىزىققانلىكى نەرسىلەرنى تاپتىم، ئۆگىنىشكە تىرىشتىم....خۇددى كەڭ دالادا ساپ ھاۋانى بۇلىشىغا ھۇزۇر بىلەن شۈمۈرگەندەك توغرا دەپ قارىغانلىرىمنى بولىشىغا سۈمۈردۈم. نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە بىۋاستە ئىشتىراك قىلالمىغان بولساممۇ باشتىن ئاخىرى ئوقۇش، دىققەت قېلىش ئارقىلىق جەمىيىتىمىزنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنگەندەك بولۇپ روھلاندىم، مۇنبىرىمىزدىن سۈيۈندۈم. ئاقىل مۇنبەرداشلاردىن پەخىرلەندىم. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ئاستا- ئاستا ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىمنىڭ بەكمۇ ..بەكمۇ ئازلىقىنى تۇنۇپمۇ يەتتىم. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ مۇنبەردە ئەمدىلا تەمتەسلەپ يۈرگەن بىر بوۋاق ئىكەنلىكىمدىن ھىچقاچان گۇمانلىنىپ باقمىدىم. ھەم يەنە خەلقىمىز ئارىسىدا ئاجايىپ بىلىملىك-ئىستىداتلىق كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن، ئۇلارنىڭ خەلقىمىزنى ئۈمۈدۋارلىققا باشلاش ئۈچۈن، ئۆز نوقسانلىرىنى تۈزۈتۈپ ئۇمۇمىي مىللەتنىڭ بىر ساغلام ئەزاسى بولۇپ ئاخىرىدا مىللىتىگە-خەلقىگە يۈز كىلالىغۇدەك ياشاشقا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مىننەتسىز مېھنەتلىرىدىن چەكسىز مەمنۇنلۇق ھىسلىرىغا چۈمۈلدۈم. ئۇلارغا ھۆرمىتىم ئاشتى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بولغانلىقى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. شۇڭا ئۆز نۆۋىتىدە مۇنبىرىمىزگە ، مۇنىبىرىمىزدىكى خالىس -جاپاكەش مۇنبەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرىغا، مۇنبىرىمىزدىكى تىنىمسىز تەر تۈكىۋاتقان ھەر ساھەدىكى مۇنبەرداش يول باشچىلارغا چۇڭقۇر رەھمىتىمنى ئېيتىمەن ھەم ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' y0 U) m" b1 K2 C بۈگۈن مەن مۇشۇ تىما پۇرسىتىدە بىر ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالسام دىگەن ئۈمۈتتە...يەنى مەن يوقۇردا دىگەنلىرىم ئارىسىدا دەل مەن ئەڭ ھۆرمەتلىگەن ئۆزخەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان بىر كىشى بار، ئۇ بولسىمۇ دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆز باش ئەپەندى. دوكتۇرىمىزنىڭ مېھنەتلىرى ھەققىدە ، ئۇتۇقلىرى ھەققىدە مەن كۆپ توختالمىساممۇ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ بىلىدىغانلىرى ئېنىقكى مەندىنمۇ كۆپ بولسا كېرەك. بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمنى ئۇدۇللا ئوتتۇرغا قويسام : تۈنۈگۈن مەن مۇنبىرىمىزنى كۈرىۋېتىپ ئىنكاسلار ئارىسىدىكى بىر ئۇلانما ئارقىلىق باشقا بىر مۇنبەرگە ئىشتىراك قىلىپ قالدىم. ئۇ تىمىدا دوكتۇرىمىزنىڭ بۆرىتالادىكى "ئىلىم چېيى"غا قاتنىشىش ئەھۋالى قەيىت قىلىنغانكەن. تىما مەزمۇنىدا كۆپ قېتىم دوكتۇرىمىزنى "تەڭرىتاغ ئالىمى" دەپ چىرايلىق سۈپەت بىلەن ئاتاپتۇ. ھەم دوكتۇرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ شۇ نامى چۈشىرىلگەن پىلاكات ئالدىدا شۇ يۇرتتىكى ئىلىمدارلار بىلەن خاتىرە سۆرەتكە چۈشۈپتۇ. مېنى ئويلاندۇرغىنى "تەڭرىتاغ ئالىمى" دىگەن بۇ نامنى رايۇنىمىزدىكى بىرەر چوڭ ئىلمىي تەتقىقاد ئورنى ياكى بىرەر ئورگان دوكتۇرىمىزغا مەخسۇس بەردىمۇ ياكى بىرقىسىم ماڭا ئوخشاش ئىلىم ھەۋەسكارلىرى ياكى دوكتۇرىمىزنىڭ بىلىمىگە، ئىجتىھاتىغا، قازانغان ئۇتۇقلىرىغا چەكسىز ھۆرمەتتە بولغانلار ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاتا قىلدىمۇ؟ بۇ خىل نامنى چوقۇم مەلۇم ئۇرۇن، ئورگان بىرىش كېرەكمۇ؟ مۇشۇنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم. يۇقۇرىدىكى سۆرەتتىن قارىغاندا دوكتۇرىمىزمۇ بۇ نامنى قۇبۇل كۆرگەندەك قېلىدۇ. ئەلۋەتتە بارلىقىنى ۋەتىنى، يۇرت -ماكانى، مىللىتى، خەلقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ...توختاۋسىز جاپادىن قورقماي ئۆگەنگەن ھەم ئۆگىتىۋاتقانلارغا بۇ نامنى بەرگەن بولسا مېنىڭ ھەرگىز باشقىچە ئوي-خىيالىم يوق. ئەمما بۇ نامنى ئۆزلەشتۈرىشىم ئالدىدا مەن تىلغا ئالغان نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىم زۈرۈردەك ھىس قىلىپ قالدىم. ھۆرمەتلىق باشقۇرغۇچى دوستلارنىڭ يازغانلىرىمدىكى تومتاقلىقنى كەچۈرۈپ تىمامنى تەستىقلاپ قۇيىشىنى شۇ ئاساستا ماڭا مۇشۇ تىما ئارقىلىق تېخىمۇ چۇڭقۇر بىلىم ئېلىش پۇرسىتى بىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) q- v$ `: T- j( \- h+ q. J$ Q
تۆۋەنچىلىك بىلەن: كېپەن ئوغرىسى 2015-2-10 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kepanogrisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-10 01:38 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 w/ Q N0 B# I: }2 G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: S% r- s5 _5 @
|