|
|
|
|
دۈشەنبە كۈنى (2-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئەتگەنلىك ئاسىيا بازىردا،خەلىقئارالىق نەخ ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيە باھاسى 1235 ئامرىكا دوللىرى بولدى. بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 25700 ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ، ياللانما خادىملارنىڭ ئىش ھەققىمۇ ئاشقان. شۇ سەۋەپ تۈپەيلى، ئامرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى ۋە ياۋرو چۈشۈپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشىلەر ئارسىدا يەنە بىر قىتىم ئامرىكا زاپاس پۇل كومتىتىنىڭ بۇ يىل 6- ئايدا ئۆسۈمنى ئۆستۈردىغان ياكى ئۆستۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قوزغالدى.
ئامرىكا ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئاشكارلىنىشچە، ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق پەسىللىك تەڭشەشتىن كىيىنكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 25700 ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ، بازارنىڭ مۆلچەرىدىن 23400 ئادەم ئارتۇق بولغان. ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشچە، ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق بىر سائەتلىك ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنىڭ يىللىق نىسبىتى %2.2 ئاشقان بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىن %1.9 يۇقىرى بولغان، بۇ قىممەت 2008-يىلى 11-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قىممەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ھازىرقى بازارغا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا 1236 ئامرىكا دوللىرلىق ئورۇن ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بازار مۇشۇ ئورۇن ئەتراپىدىن ئۈنۈملۈك تىرەك نۇقتىسىغا ئىرشەلىسە، ئالتۇننىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەھۋالىدا چاتاق يوق.
مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى http://www.xjabs.com/show/?id=2474 توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغاقىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن ئالاقىلىشىڭ . ( تەرجىمىدەدىلنۇر )
|
|
|
|
|
|