ياتلاشتۇق
چىقىۋېلىپ ئىگىز بىناغا ،
كېسەك تامدىن شۇئان ياتلاشتۇق .
تۇنۇمايمىز ئۇدۇل خوشنا كىم ،
مەشرەپ -تۈنەك بىلەن خوشلاشتۇق .
كۆرۈنمەيدۇ ۋاللايچى باللار ،
سۇلىۋەتتۇق ئالتۇن قەپەزگە .
قۇرولاردا گۈل -گىياھ تولا ،
يەتمەس ھېدى چوڭقۇر نەپەسكە .
تۇتالمايدۇ ئۈلۈك كېپىنەك ،
ئەنە قاراڭ پارنىك بالىسى .
تەبىئەتكە ئادەم قوش كېزەك ،
ئاڭلانمايدۇ شىرنىڭ نالىسى .
بۇلغانمىدا يۇيۇلغان چاچلار ،
مۇڭسىرايدۇ جىگدە يېلىمى .
ئەكىس شولا قايتۇرار باشلار ،
ياشاپ بولماي ھايات يېرىمى .
بەك قورقىمىز توپا -چاڭلاردىن ،
مۇنچىلاردا ئىسسىق سۇ پەۋەس .
دەريا -كۆللەر بويۇن قىسىشار ،
بۇ تۇرمۇشقا قىلىشىپ ھەۋەس .
مېھرىيە y