ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى (242.19) 1283.4 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى (245.07 ) 1285.94 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى (242.69 ) 1228.44 بازار بازار يېپىلىش باھاسى (243.91) 1233.83دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 93.71 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1237 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى 1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، دوللارنىڭ يەنە يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، ئالتۇن باھاسى 3.85% تۆۋەنلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، ئالتۇن كۈمۈش بازار ئېچىلىش ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ ، بۇنىڭدىن سىرت ، ياپونىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەش ئىلىپ بارمىغاندىكى دائىملىق ھېساباتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە قىسقا ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەش ئىلىپ بارمىغاندىكى دائىملىق ھېساباتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى كۈچىيىشى مۇمكىن ، ھەم ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1. غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتىنى ئېلان قىلىنىڭ بولغاندىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ (LMCI) قىممتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئالدىنقى قىتىمقى نەتىجىسى 6.1 چىققان ئىدى ، ئەگەر بۇ قىتىمقى نەتىجىسى ئالدىنقى نەتىجىدىن تۆۋەن چىقسا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى يەنە بىر قىتىم بىسىمغا ئۇچىرايدۇ ، بۇ چاغدا ئامىرىكا ئۆسۈم قۇشۇش قارارىنى ئىلگىرى سۈرىشى مۇمكىن .
2. ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى 1268 (250.51) دوللاردىن 1228 (242.61) دوللارغا چۈشۈپ چوڭ مەنفى سىزىق بىلەن بازارنى ئاخىرلاشتۇردى ، بۇ ھەپتە 1220(241.03) دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا دىققەت قىلىشىمىش كىرەك ، ئەگەر (241.03) 1220 دوللاردىن چۈشۈشپ كەتسە 1200-1180 دوللار ئەتىراپىغا چۈشۈدۇ ، ئەگەر 1220 (241.03) دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە تۆۋەن باھادىن ئۆرلەش ھالىتىگە قەدەم قۇيۇپ (256.83)1300 دوللارنى نىشان قىلىدۇ .
3. ئاسىيا بازىرىدا باھاسى بىرىنىجى قىتىم 1240 (244.98) دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار توختىتىپ پايدىسىنى 1235-1230 (243.-243.99) دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ياۋرۇپا بازىرىدا ئەگەر 1240 دوللار ئىشىپ كەتسە (246.16-246.95)1246-1250 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1250 1240
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1220 1230
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1250
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى1220
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1255
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.75 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1237.78 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ ، نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 245.40 يۈەن ، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان . 1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، دوللارنىڭ يەنە يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، ئالتۇن باھاسى 3.85% تۆۋەنلىگەن . ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەش ئىلىپ بارمىغاندىكى دائىملىق ھېساباتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى كۈچىيىشى مۇمكىن ، ھەم ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
2015 - يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەشتىكى 5 چوڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بەردى
گەرچە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەتلىك تەڭشەش ھالىتىگە كىرگەن بولسىمۇ ، بىراق GoldBroker.com نىڭ داڭلىق ئالتۇن تەھلىلچىسى Dan Popescu ئالتۇن باھاسىنىڭ 2015 - يىلى يۇقىرى ئۆرلەشتىكى 5 چوڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بەردى ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئالتۇن باھاسى بۇيىل ئىچىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 2000 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىدى . ئۇ تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك سەۋەبنى كۆرسەتتى :
1 . 2015 - يىلى ئالتۇن سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولسا ، قىممەتلىك مېتاللار مەبلەغنى تارقاقلاشتۇرىدىغان سەپلىمە ھەمدە ھەرخىل ئېنىقسزلىقنىڭ مۇھىم تاللىشى .
2 .نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتا ، تەھلىلچىنىڭ قارىشىچە ئالتۇن باھاسى 1000 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ ، ئالتۇن باھاسى 1100 - 1500 دوللار ئەتراپىدا تەېرىنىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .
3 . ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىسى ئالتۇن سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ، تەھلىلچىنىڭ مۆلچەرىچە مەركىزى بانكىلار كۆپلەپ ئالتۇن سېتىۋالىدۇ ، بۇنداق بولغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن .
4 . پۇل پاخاللىشىشنىڭ قوزغىلىش خەۋپ-خەتىرى يوق بولىشى مۇمكىن ، بۇمۇ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق .
5 . پۇل پاخاللىشىش يۇقىرى بولغان مۇھىتتا ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئەڭ ياخشى پۇرسەت .
بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىدىغان LMCI ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياۋروپا سودا بازىرىدا ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:31 دە ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1233 دوللار بولغان ، ئەڭ يۇقىرى باھا 1241 دوللار ، ئەڭ تۆۋەن باھا 1233 دوللار بولغان . بۈگۈن كەچتە ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى LMCI نى ئېلان قىلىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى
2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولدى ، قىممەت مېتاللار باھاسى تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە گرېتسىيىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەرلەر بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغانلىقى سەۋەبىدىن نەق ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 31.70 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1232.80 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 28.10 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1234.60 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛
ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ ، ئېھتىياج يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ، ھەم ئامېرىكا نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن NYMEX قەرەللىك خام نېفىت باھاسى 1.21 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 51.69 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
ئامېرىكىنىڭ 1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى تەسىرىدە دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى
2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى 94.75 ئەتىراپىدا ئايلاندى ، دوللارنىڭ ياپونىيە يېنىغا بولغان نىسبىتى 119.05 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى ئامېرىكىنىڭ 1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى تەسىرىدە دوللار كۆرسەتكۈچى چوڭ دائىرىدە ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 94.89 بولدى . دوللارنىڭ ياپونىيە يېنىغا بولغان نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى باھاسى 119.22 بولغان ، نۆۋەتتە يەنىلا يۇقىرى ھالەتتە تەۋرىنىپ تۇرىدۇ .
بېيجىڭ ۋاقتى 06:45 دە ، دوللار كۆرسەتكۈچى 94.74 ، دوللارنىڭ ياپونىيە يېنىغا بولغان نىسبىتى 119.05 ئەتىراپىدا بولدى .
2- ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەلق پۇلىنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
2- ئاينىڭ 9 - كۈنى دوللار / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى6.2472 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن25 نۇقتا ئاشقان ؛
شياڭگاڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى0.8058 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن3نۇقتا ئاشقان ؛
100يېن / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى5.2634 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن602نۇقتا كېمەيگەن ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 7.09260 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 550 نۇقتا كېمەيگەن ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 9.5246 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن439 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى4.8644 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن262 نۇقتا كېمەيگەن ؛
نيۇ يورك / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.6195 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 163 نۇقتا كېمەيگەن ؛
سىنگاپور دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.61650 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن236 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ئاساسى پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
2 -ئاينىڭ6 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1313 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5235 دوللار بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.7792 دوللار بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 119.08 يېن بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.2518 كانادا دوللىرى بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9256 شۋېتسارىيە فرانكى بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1232.80 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1234.60 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.71 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.694 دوللار بولغان ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 57.80 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 51.69 دوللار بولغان .
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
|