ئىزلەش
نازىگۈل
ئۆزۈمنى ئۇزاق سەپەر يولىغا مەھكۇم قىلىۋەتكەن ئاشۇ چاغ، سىرلىرىمنى يوغان تاشلارغا چوڭقۇر-چوڭقۇر ئويىۋەتكەن ئاشۇ چاغ، ئۆلىۋاتقان ئۆزۈمگە مۆلدۈرلىگەن كۆزۈمگە ئاغرىپ كەتكەن ئىدى، يېشىمنىڭ ئىچى ئۆكسۈپ بوغۇلۇپ. تۇنجى كۆرگەن چۈشتىلا قالغىنىمدەك، ئازاپقا تۇغۇلۇپ. *** ئۆزۈمنى ئۆزۈمنىڭ كۈنلىرىگە تىرىك پېتى كۆمىۋەتكەن ئاشۇ چاغ، ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى ئۆكسۈشلەر كانىيىمدا تۇنجۇقۇپ، زېرىككەندەك نىدالاردىن زورۇقۇپ. *** ئازاپلاردىن نەپەس ئېلىپ ھارغاندا، دىلىمنىڭ قۇملۇقىغا كۆمۈلۈپ قالغاندا، ئۇزاتقان ئىدى يۈرۈكىم قولىنى سۇنۇپ، مەن رەھىمسىز تاشلىدىم قانلار يۇتۇپ يۈرەكنى يۇلۇپ سېلىپ زىمىستاندىن قۇلۇپ. *** سانجىلماقتا شۇندىن بېرى زىمىستاننىڭ جۇدلۇق نەشتىرى، ئۈن چىقارماي يىمەكتە مېنى كۈنلىرىمنىڭ كۈن-تۈن لەشكىرى، ئاجرىماقتا تېنىممۇ ئاستا مەۋجۇتلۇقتىن تانغاندەك (سۈكۈتتە) يوقۇلۇپ. پەرۋاز قىلماقتا روھىممۇ ئاستا ئاپپاق قار ئۈستىدە ئىزلىرىنى يوقۇتۇپ. *** شۇندىن بېرى پەرۋاز قىلماقتا روھىم ئۆزىنى بەزلەپ ئۇ يوق جايلارنى كۆزلەپ يوقۇتۇپ قويغان مېنى ئىزلەپ.
2015.1.20 مەنبە: تۇنجى قېتىم بۇ خىل شەكىلدە يېزىشىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 08:11 PM
|