يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەلگە ئەمەس ئەمەلگە باقىدىغان ئادەممەن ، نەپ قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتىدىغان ئادەممەن ، بىلىمىمنى پەش قىلىپ ياتىدىغان ئادەممەن ، پايدا ئۈچۈن ۋىجداننى ساتىدىغان ئادەممەن ، ئۆز كۈچۈمگە دەرمانلار قاتىدىغان ئادەممەن . زىيان بىلەن خۇشۇم يوق ئالغا چامداپ ماڭىمەن ، ئەمەلىي ئىش - خىزمەتتە باشلىق بىلەن قالىمەن ، يىغىنلاردا ھەق سۆزلەپ پىرىنسىپ دەپ ھارىمەن ، ھېيلە - نەيرەڭ ، پەم بىلەن نىسىۋەمنى ئالىمەن ، مەنزىلىمگە يورۇق يول ئاچىدىغان ئادەممەن . پىتنە - پاسات تېرىيمەن ئاقىللارنىڭ يولىغا ، ھەر باب بىلەن چۈشۈرۈپ ياخشىلارنى ئورىغا ، بەكلا خۇمار ئۇزۇندىن مەنسەپ ئاتلىق دورىغا ، شۇڭا ئىتتەك كۆنۈكمەن چاتقاللارغا ، شورىغا ، ئەھلى مەرتكە مىخ بولۇپ پاتىدىغان ئادەممەن . ئۆز غېمىمدە ھەر كويدا نەپ ئۈچۈنلا ياشايمەن ، تۈۋرۈكىدىن يۇۋاشنىڭ ھەتتا شوتا ياسايمەن ، ئاسماي تۇمار ئانامغا ، قۇشناچىمغا ئاسايمەن ، ھوقۇق - مەنسەپ قوينىدا بەركەت - نۇسرەت تاپايمەن ، قۇت پەيزىنى پۇل بىلەن تاپىدىغان ئادەممەن . يول تاللىماي يىغىمەن بايلىقنى ، مال - دۇنيانى ، ئىنسانلىقتىن ياتلىشىپ ئۇنتۇپ غورۇر ، ھايانى ، مىزان ئەيلەپ ھاياتقا پەسكەشلىكنى ، تامانى ، سالدى جاھان رەپتارى پۇل رىشتىنى ، سەۋدانى ، ھەشەمەتكە باغرىمنى ياقىدىغان ئادەممەن . ئەيشى - ئىشرەت ، بەزمىدە شات يايرايمەن ، كۈلىمەن ، شېرىن چۈشتىن ، كەيىپتىن خام - خىياللار سۈرىمەن ، قوسىقىم توق ، يانچۇق توم سەتەڭلەرگە كۆيىمەن ، ۋەسۋەسسىدە ھەشەمنىڭ تەلۋىلەرچە يۈرىمەن ، ئۆز نەپسىمنىڭ كەينىدىن چاپىدىغان ئادەممەن . ئانىي تېپىپ يىتىمنى رىسقىغا چاڭ سالىمەن ، بايۋەتچىنىڭ كەينىدىن خۇشامەتتە ماڭىمەن ، نەپسىم ئۈچۈن ، نەپ ئۈچۈن قېرىنداشتىن چانىمەن ، ئاچكۆزلۈكۈم تۈپەيلى لەۋزىندىنمۇ تانىمەن ، دوست بېشىغا كۈن چۈشسە قاچىدىغان ئادەممەن . نەپتىن ئۆزگە خىيالىم يوق ئارمانىم ، نىشانىم ، ئاز بولسىمۇ نەپ تەگسە ئېچىلىدۇ چىرايىم ، توزاق قۇرۇپ ھەر جايغا ئولجا ئېلىش خۇمارىم ، مەنلا كۈلسەم ، يايرىسام ئىشقا ئاشقاي مۇرادىم ، كۆكۈيۈندەك ھەممنى چاقىدىغان ئادەممەن . مەنبە ؛ ئىجادىيىتىم .
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10 باھا خاتىرىسى
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ