مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 781|ئىنكاس: 14

ئۆمۈر قانچىلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 12:36:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆمۈر قانچىلىك ؟

خاسىيەت ئابلىمىت

بىرلەھزە نەپەستىن ياشىرار تىنىڭ ،
ھەر سەھەر «شۈكرى» دە ،كۈلەر جان-دىلىڭ.
يۈرەكنى قۇچسا گەر پاكىزە دىنىڭ ،
قۇياشىڭ كۈلگۈسى كۆكسۈڭدە سىنىڭ ،
سورىغىن ئۆزەڭدىن « ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

يۆلىگىن ئاجىزنى ، داداڭ - ئاناڭنى ،
قولىغا سۇ بەرگىن ، سۈرتكىن ماناننى ،
تاپساڭ گەر ئىككىنى ، سۇنغىن بىر ناننى ،
بىھۇدە چاچمىغىن ھەتتا بىرداننى ،
سورىغىن ئۆزەڭدىن «ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

«خالايىق يولىدا ياتسا بىر تىكەن ،
ئازارى بولمىسۇن ، ئېلىۋەت » دىگەن ،
بۇغۇنلار بەختىچۈن ياۋنى چېنىگەن ،
بوۋىلار ئۆزى شۇ، ھارام يىمىگەن .
سورىغىن ئۆزەڭدىن« ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

ئاۋامسىز كۆكلىگەن -كۈلگەن نەدە بار ؟
يۇرتنى- يۇرت ئەتمىگەن ئەرەن نەدە بار ؟
تۇرقى بىر ئىنساندەك ، ئېيتماس «يارى-يار »،
ۋۇجۇدى زىياسىزلارغا تەييار دار ،
سورىغىن ئۆزەڭدىن «ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

زەر -ئۈنچە قاپلىسا ئۈستى -بېشىڭدىن ،
تۆكۈلسە ئىپارۇ- ئەنبەر تېشىڭدىن .
سۇنمىساڭ قوشناڭغا چىمدىم ئېشىڭدىن ،
ياخشىلار تۇرمايدۇ ، توزار قېشىڭدىن ،
سورىغىن ئۆزەڭدىن «ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

رىياكار ، تاماگەر كىشى دوست ئەمەس ،
ئاجىزنىڭ بېشىغا دەسسەيدۇ ئۇ ، بەس.
يۈرىكى خۈنۈك قان -يىرىڭغا پەۋەس،
يولۇقما ئاڭا ، باسمىغاي سىنى نەس،
سورىغىن ئۆزەڭدىن «ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

پايدا- نەپ پۇراپ ھىچ ھالى قالماسلار ،
ھارام يول -زىنادىن پۇتى تايماسلار ،
نام -ئەمەل كوچىسىدىن  ئەسلا يانماسلار ،
«خان بېسىم »دەستىدىن بېشى قايماسلار ،
سورىغىن ئۆزەڭدىن «ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

يىقىلسا ئاجىز غول ئۇنى ھۇللىغىن ،
ياشارسا بىرتال گۈل ئۇنى يۇلمىغىن ،
«ياردەم...» دەپ قول سوزسا تارتقىن - يۆلىگىن،
تەشنالىق دەشتىدە قۇرىسا ، ھۆللىگىن ،
سورىغىن ئۆزەڭدىن «ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتىما  ئەسلا،
ئىنسانغا ئاداققا ياخشىلىق ئەسرا ،
ۋۇجۇدۇڭ چۆللىشىپ ياسىسا سەھرا ،
تويمايسەن تەختىنى بەرسىمۇ كىسرا،
سورىغىن ئۆزەڭدىن  «ئۆمۈر قانچىلىك ؟»

يەتتە قات ئاسماندىن تاكى يەرگىچە ،
ئىلىمدۇر تامچە قان ھەتتا تەرگىچە ،
توختىماي ئۆگەنگىن جاننى بەرگۈچە ،
ھەق سېخى ، بىرىدۇ سەن قول سوزغىچە ،
سورىغىن ئۆزەڭدىن «ئۆمۈر قانچىلىك .....»


مەنبە :ئۆز قەلەم
2015- يىل 2- ئاينىڭ 6 -كۈنى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 09:24 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mastana888 + 10 ئاپرىن قىرىندىشىم
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92450
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 538
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 01:34:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغان شېئىرلىرىڭىزنى كىتاب قىلىپ چىقىرىپ  باقسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ ... ياخشى يېزىپسىز ... قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي ...

ھىجايغىنىمنى كۆرۈپ مېنى كۈلدى دېمە ، يۈرەكتىن كۈلەلىگەنلەرلا ھەقىقىي كۈلگەن ھېساپلىنىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 521 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 01:50:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مول مەزمۇنلۇق،ئەھمىيەتلىك، ياخشى يىزىلغان شېئىركەن.ھارمىغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1679
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 08:29:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك   ئېسىل  چىقىپتۇ…

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 10:59:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ،ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن ھەر قاچان ئۆزىنى تونىشى،مەن نەدىن كەلدىم ،نەگە بارىمەن  دەپ ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرىشى كىرەك...شئېرىڭىزدا بۇلارغا خىلى ياخشى جاۋاپ بېرىلىپتۇ..

ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 11:01 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 11:16:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندە تاتلىق ئەسەردىن بىرنى ئۇقۇغىنىمدىن خۇرسەنمەن .مەزمۇنى ياخشى چىققان ئەسەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 12:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان ،قەلمىڭىزنى يەنىمۇ ئۆتكۈر قىلسۇن ئىنشااللا .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 02:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113947
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2015-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 02:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك مەزمۇنلۇق تەربىيەۋى ئەھمىيىتكە ئىگە ئىكەن.

شۈكرى ئاللاھ

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 02:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىزدىگەن يىرىدىن چىققان بولسام مەن رازى ...باھايىڭلارغا تەشەككۈر ، سىلەر ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىش مەن ئۈچۈن ھوزۇر ...........

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش