مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2847|ئىنكاس: 26

ئۇيغۇر سىتودىنتلىرى نىمىشقا شىركەتلەردە ئىشلەشنى تاللىمايدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106129
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 615
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 07:28:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىش مەسلىسى نۇرغۇن ياش سىتودىنتلىرىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسسللەرنىڭ بىرى.ئىمتىھان بىرىپ تۆمۈر تاۋاقنىڭ ئىگىسى بولۇش كىرەكمۇ ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ئۆز چىقىش يولىنى تېپىش كىرەكمۇ؟ئىقتىسادنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بولغان بېسىمىغا ئەگىشىپ، سىتودىنتلىرىمىزنىڭ تۆمۈر تاۋاققا بولغان كۆز قارشىدا يەنىلا تىڭىرقاش مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،خىزمەت تېپىش مەسلىسىگە كەلگەندە قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بەلگىلەپ بولالماي ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نىشانلىرى ئارسىدا قىسماققا ئېلىنىش خېلى كۆپ ياش سىتودىنتلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن.ھازىرئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى(ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا) سىتودىنتلىرىمىزغا ئىككى خىل تاللاش يولى تۇرۇپتۇ،بىرى داۋاملىق تىرىشىپ تۆمۈر تاۋاققا ئىگە بولۇش،يەنە بىرى چىقىش يولىنى شىركەتلەردىن ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىدىن ئىزدەش. تۆمۈر تاۋاققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىمتىھاندىن ئۆتىشىمىز كىرەك. بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق.لىكىن شىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلەپ ئۆز قىممىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تۆمۈر تاۋاققا كەتكەندەك ئۇنچە باش قاتۇرىدىغان ئىمتىھانمۇ كەتمەيدۇ.مۇئاش ، تەمىنات جەھەتلەردىمۇتۆمۈر تاۋاقتىن كۆپ پەرقىلىنىپ كەتمەيدۇ، لىكىن سىتودىنتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئۆز ئىستىقبالىنى شىركەتلەردىن ئىزدەيدىغانلار يەنىلا ئاز. ئۇنداقتا ،سىتودىنتلىرىمىز زادى نىمىشقا شىركەتلەرنى تاللىمايدۇ؟

سىتودىنتلارنىڭ شىركەتلەرگە بېرىشنى تاللىماسلىقىدىكى سەۋەپنى ئىككى تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ،بىرى سىتودىنتلىرىمىزنىڭ خىزمەتكە بولغان كۆز قارشى،يەنە بىرى،شىركەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى.سىتودىنتلىرىمىزنىڭ خىزمەتكە بولغان كۆز قارشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بىرى ئۇلارمۇ ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى «تۆمۈر تاۋاق»ئىددىيىسىنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغان.بۇنۇقتىدىن دىگەندە،نۇرغۇن سىتودىنتلىرىمىز بۇنى  ئىنكار قىلىشى مومكىن.سىتودىنتلىرىمىز «تۆمۈرتاۋاق»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھالەتتىمۇ، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ كالللىسىغا سىڭىپ كەتكەن«تۆمۈر تاۋاق»ئىددىيىسى ئۆز ئىددىيىمىزنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەت قىلدۇرمىغان بولىشى مومكىن.يەنە بىرسى باشتىنلا كاللىسىدا شىركەتلەرگە شىركەتتە ئىشلەشكە نىسبەتەن چۈشەنچىسى ئايدىڭ ئەمەس، ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ شىركەتتە ئىشلەمدىم دىگەن توساقتىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيۋاتقانلار. ئەلۋەتتە،سىتودىنتلىرىمىزنىڭ شىركەتلەرنى تاللىماسلىقىنى نوقۇل سىتودىنتىلىرىمىزدىنلا كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ.

ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بىر سىتودىنتنىڭ كاللىسىدا بۇ جەمئىيەتنىڭ مەكتەپ بىلەن ئانچە چوڭ پەرقى بولمىسا كىرەك.ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ياتاقلارنى قايتۇرۇپ،مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئايرىلغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ،كۆپ ساندىكى سىتودىنتلاردا بولىدىغان ئورتاق بىرخىل سېزىم ،كىيىنكى قەدەمنى قانداق ماڭارمەن؟يەنە قانداق ئىشلارنى،قانداق ئادەملەرنى ئۇچرىتارمەن؟مۇئەللىم بولۇشنى ئويلايدىغانلار مۇنبەرلەردە دەرسلەرنى سۆزلەپ كەتكەن ھالەتلىرىنى،ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كەڭ،يورۇق ئىشخانىلاردا كومپىيۇتېر ئالدىدا ئىشلارنى بىجىرىپ كەتكەن ھالەتلىرىنى،ئاز ساندىكى«ئاق ياقىلىق»بولۇشنى ئويلايدىغانلار كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالەتلىرىنى خىيالقىلىپ دىگەندەك ،بىلىپ-بىلمەيلا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇ تاتلىق خىياللارنى ئەمىلىيەتتە سىتودىنتلىرىمىزنىڭ مەكتەپتىكى گۈزەل خىياللىرىنىڭ ئاخىرى دىيىشكە بولىدۇ.رىئاللىققا قايتىپ،مۇئەللىم بولغۇسى بارلار ئىمتىھانلارنىبىرىپ مەكتەپلەرگە تەقسىم بولدۇق،ئىدارە-ئورگانلارغا كىرەلىگەنلەر كىردۇق، كىرەلمىگەنلەر «بوپتۇ»دەپ باشقا ئىشلارنى قىلىپ باقتۇق، لىكىن كاللىمىزدا شۇخىيال،بىركۈنى چوقۇم ئاشۇ «تۆمۈر تاۋاق» ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كىتىمەنغۇ. شۇنداق خىياللار بىلەن ھەرقايسىمىز ھەرقايسى ئورۇنلاردا خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتۇق .بىر يىلدىن كىيىنكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ياكى قايسى بىر ساۋاقداشنىڭ تويىدا يىغىلىپ،يەنەشۇ خىزمەتنىڭ پارىڭى.مۇئەللىم بولغانلار تۈگىمەس نۆۋەتچىلىك،تەتىلىمنى تولۇق بەرمىدى،يىراق جايغا بۆلۈپ قويدى...ئىدارىدىكىلەر مۇكاپاتىمنى تۇتىۋالدى،شىركەتتىكىلەرچۇ؟ شۇ «تۆمۈرتاۋاق» دەرۋازىدىن كىرەلمەي كۆزۈم تۆت.يەنە شۇ قاخشاش.مەيلى قانداقلا ئورۇنداقانداق خىزمەت قىلمايلى مەن خىزمىتىمدىن رازى،مەن خىزمىتىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن دىگۈچىلەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.

ھېچقانداق خىزمەتتىن رازى بولماي ،«تۆمۈرتاۋاق»نى تاشلاپ شىركەتلەرگە كىلىپ باقتۇق.لىكىن شىركەتكە كىرمەي تۇرۇپ يەنە دىلىغۇللىق ئىچىدە قالدۇق.شىركەتتىكى خىزمەتنى شۇنداق بىر غايىۋى پەرەز قىلدۇقكى،شىركەتكە بارغاندىكن كىيىن ھەممىنى باشتىن باشلايدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق.شىركەتكە بارغاندىن كىيىنكى رىئاللىق بىلەن خىيالىمىز ئارسىدىكى غايەت زورپەرق تاللىشىم خاتامۇ دىگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويدى.شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ بىرمەزگىلئىشلىدۇق.لىكىن ئاخىرىدا شىركەتنى تاشلاپ دادام بىلەن ئاپامنىڭكىنى ئاڭلىسام بوپتىكەن دەپمۇ قالدۇق.نىمىشقا ئۇنداق دەپ قالدۇق؟شىركەتلەردىكى قانداق ئەھۋاللار سىتودىنتلىرىمىزنىڭ شىركەتلەرنى تاللىشىدىن يالتايتىپ قويدى؟ «تۆمۈر تاۋاق»قا كۆزيەتمىگەندىن كىيىن،ياكى ئاپىمىز بىلەن دادىمىزنى قاخشىتىپ تۇرۇپ شىركەتكە كىرىپ ئىشلەپ باقماقچى بولغانلار يەنە نىمىگە تېڭىرقاپ قالدى؟بۇ چاغدىكى تېڭىرقاشتا مەسلە  بەلكىم شىركەت تەرەپتە بولىشى مومكىن.1-ئورۇندىكىسى تەمىنات ۋە خىزمەت مۇھىتى،تەمىناتى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى بولۇپ،مۇھىتى كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي قالسا،ياكى خىزمەت ئورنى چەت،يىراق جايلاردابولۇپ قالسا بۇ شىركەتنى يەنە تاللىماسلىقى مومكىن.مەسلەن،ئىككى يىلنىڭ ئالدىداسانجىدىكى تېبىيەن دىيەنگوڭ شىركىتىگە قوبۇل قىلىنغان 28 سىتودىنت يىل ئاخىرىغابارمايلا بىرسىمۇ ئىشلىمەي يىنىپ چىققان.نەچچە ئاي مۇئاشنى ياخشى بىرىپ بىر ئاي ياخشى بولماي قالسۇن يەنە شۇ چىقىش يولى بەرگەن شىركەتنى تاشلاپ چىقىپ كىتىدىغانلارنى يوق دىيەلمەيمىز.«تۆمۈر تاۋاق»لىق دوستلىرىمىزنىڭ مۇئاشى بىلەن دائىم ئۆزىمىزنىڭ مۇئاشىنى سېلىشتۇرىمىز.ئۇمۇ ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇپ مانچە پۇل مۇئاش ئالىدۇ،مەنمۇ ئوخشاش ئوقۇپ مانچە پۇل ئالىمەن.2-ئورۇندىكىسى،شىركەتنىڭ باشلامچىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى.شىركەتكە كىرىپ ئىشلىگەنلىك ئېنىقراقنى ئېيتقاندا خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغانلىق دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس.«تۆمۈر تاۋاق»ئالدىراپ چېقىلىپ كەتمەيدۇ،بۇ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان.لىكىن شىركەت ئۇ بىر ئىقتىساد ئايلىنىپ تۇرىدىغان گەۋدە. ئىقتىسادنىڭ راۋان ئايلىنىشى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن بىۋاستەمۇناسىۋەتلىك.شۇ شىركەتنى باشلاپ مېڭىۋاتقان بىرىنجى قول باشلىقنىڭ ئىقتىدارى مۇشۇئىقتىسادى گەۋدىنىڭ راۋان ئايلاندۇرالامدۇ يوق،ئۆز مەۋجۈتلىقىنى قانچىلىك ساقلىيالايدۇ، بۇ ھەربىرىمىز ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.،شىركەتنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شۇ سىتودىنتنىڭ بۇ شىركەتكە كىرىپ ئىشلىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش ئىشلىمەسلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.چۈنكى سىتودىتلىرىمىز مەكتەپلەردەئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ، ئۆيدە بولسا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ باشقۇرۇش يىتەكلىشى ئاستىدا بولىمىز.خىزمەتكە چۈشۈپ شىركەتكە كەلگەندىن كىيىن ئەلۋەتتە ئۈستىمىزدە باشلىقىمىز،خىزمەت ئورنىمىزدا تۈزۈلمە بولىدۇ.باشلقنىڭ ئادەم باشقۇرۇش سەنئىتى،شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسى خۇددى كومپىيۇترنىڭ قاتتىق دىتالىغا ئوخشاش ئىنتايىنمۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بىۋاستە باشقۇرىدىغان باشلىقنىڭ باشلىقلىق سالاپىتى،ئادىمىيلىكى،ئادەم باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئەمدى مەكتەپ قوينىدىن چىققان سىتودىنتلىرىمىزنى قايىل قىلالىىسا،ئاشۇ باشلىقىنى خۇددى ئۇستازىنى كۆرگەندەك كۆرەلىسە ئۇنداقتا بۇ سىتودىنت شىركەتتىن چىقىپ كىتەرمۇ؟3-ئورۇندا، شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى.شۇ شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئۆز ساھەسىدىكى تەسىر قىلىش كۈچى شىركەتلەرنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا. ھەرقانداق بىريېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودىنت مەيلى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلسۇن ۋە ياكى شىركەتكە كىرىپ ئىشلىسۇن ھەممىسى ئالدىن سۈرۈشتە قىلىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتنى تاللاشتا شىركەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە باشقىلارنىڭ بۇ شىركەتكە بولغان باھاسىمۇ سىتودىنتلارنىڭ شىركەتلەرنى تاللىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سىتودىنتلىرىمىز ئارسىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلەشنى تاللىغانلارمۇ يوق ئەمەس.ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىركەتتە ئىشلىگەنلەرنىڭ كىيىنچە شىركەتتىن چىقىپ كىتىشىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن نۇقتىلاردىن باشقا،يەنە شىركەت تەرەپنىڭ بۇ سىتودىنتقا يىتەرلىك سەھنە ھازىرلىغان ھازىرلىمىغانلىقى،ئۇنىڭ كەلگۈسى كەسپى ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن  بۆلمىگەنلىك ۋە بۇ سىتودىنتقا ئىشەنچ تۇيغۇسى  بىرەلىگەن ياكى بىرەلمىگەنلىكى  قاتارلىق بىر نەچچە تەرەپتىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىركەتكە كىرىپ ئىشلىگەن سىتودىنتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جاپاغا چىداش روھى كۈچلۈك بولىدۇ.چۈنكى ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن شىركەتكە كىرىشتىن بۇرۇن جەمئىيەت ۋە شىركەت توغرىلىق مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان ۋە شىركەتلەربىلەن ئۇچىرىشش پۇرسىتى بولغان ئوقۇغۇچىلار ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئوقۇغۇچىلار شىركەتلەرگە كىرگەندىن كىيىن ،جاپالىقراق بولسىمۇ،جىسمانى ئەمگەك ئەمەس،ئەقىلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشنى بەكرەك خالايدۇ. لىكىن شىركەتلەردە كۆرۈرلىۋاتقان بىرمەسلە شۇكى، ئىقتىساس ئىگىسىنى شىركەتكە ئەكىرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ  قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان خىزمەت بولۇشى ياكى جىسمانى ئەمگىكى ئەقلى ئەمگەكتىن كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋالئاستىدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە شىركەتتە  ئىشلەۋاتقان سىتودىنتتا  شىركەتكە نىسبەتەن يىرگىنىش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.مەسلەن، ئۆز سالاپىتىگە شۇنداق دىققەت قىلىدىغان سىتودىنتلىرىمىزنى مال توشۇيدىغان،ئىسىكلاتقا قارايدىغان دىگەندەك ئىشلارغا قويساق بەلكىم ئۇلارنى يىرگىندۇرۇپ قويىىشىمىز مومكىن. بوغالتىرلىق ئۈگەنگەن سىتودىنتلىرىمىزنى مال سېتىش خىزمىتىگە قويساق بەلكى ئۇلارنى يىرگندۈرۈپ قويىشىمىز مومكىن .مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ئۇزاق بولمىغان ئۈچ ئاي سىناق ۋاقتىنىمۇتوشقۇزماي شىركەتتىن چىقىپ كىتىدىغان سىتودىنتلىرىمىز ئاز ئەمەس.

ئالى مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن سىتودىنتلىرىمىزنىڭ قېنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان،جۇشقۇن مەزگىلى بولغاچقا،ئۇلاردا ئورتاق بولىدىغان بىر پىسىخىكا ،بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودىنت بولۇش سۈپىتى بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە شىركەت ئىچىدە ياخشىراق كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرەر نەتىجە كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.بۇنداق خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىق جەريانىدا ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بەك كۆپ توسالغۇلار بولمايدۇ.خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەيدۇ.لىكىن ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودىنتلىرىمىزدا خىزمەت تەجىربىسى كەمچىل بولغانلىقتىن خىزمەت ئۈنۈمى كونا خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا جىق تۆۋەن بولىشى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ سىتودىتلىرىمىزدا كۆپرەك بولىدىغان بىر قاراش ،شۇنچە تىرىشىپمۇ گەرچە دىگەندەك ياخشى نەتىجىلىك بولمىغان بولسىمۇ باشلىقنىڭ بىرە ئېغىز رىغبىتىنىڭ كەم بولۇپ قالغانلىقىدىن چۈشكۈنلىشىش ياكى بىراقلا خىزمەتتىن ۋاز كىچىشئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. خىزمەتنى تاماملىغاندىن كىيىن بولسا ،ئوخشاش بىر خىزمەتنى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودىنت بىلەن ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇغان ئۆزىدىن چوڭ كونا خىزمەتچىنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ئالى مەلۇماتلىق سىتودىنت ئالدىراپ قالغانلىقىنى ئۆزى ھىس قىلىپ يىتىدۇ. شىركەت تەرەپنىڭ بۇ يەردە سەل قارىغان تەرىپى،سىتودىنتلىرىمىزغا ئۆز ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ بېقىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىك.شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتكە ئېرىشىپ،ئۆزىنى دەڭسىيەلمىگەنلىك سەۋەبلىك شىركەت دەرۋازىسىدىن كىرىپ بولۇپ چىقىپ كىتىدىغانلار خېلى كۆپ.

ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىركەتلەرگە كىرىپ سىناق مەزگىلىدىنمۇ ئۆتۈپ رەسمىيلىشىپ بولۇپ يەنە چىقىپ كىتىدىغانلارمۇ بار.بۇلارنىڭ چىقىپ كىتىشىدىكى سەۋەپ،شىركەت تەرەپ ۋە  ئىشلىگۈچى ئوتتۇرسىدا ئورتاق كىلىشمنىڭ ھاسىل بولماسلىقى ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.سىناق مەزگىلىدە ۋە توختاملاشقان چاغدا دىيىلگەن نۇقتىلار ئەمىليىلىشمىگەنلىك ياكى دىيىشكەندەك بولمىغانلىق  تۈپەيلى شىركەتتىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن سىتودىنتلىرىمىز شىركەتلەردىن چىقىپ كىتىپقالىدۇ.ھەر بىر ئادەم چىقىپ كەتكەندە شىركەتتىن پەقەت ئادەملا چىقىپ كەتمەيدۇ، شۇ ئادەم بىلەن بىرگە شۇ شىركەتنىڭ مەلۇم ئىناۋىتىمۇ بىرگە چىقىپ كىتىدۇ.

مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى شىركەتلەرگەقەدەم ئېلىپ بولغان سىتودىنتلىرىمىز كەينىگە داجىپ ،ئەسلى«تۆمۈر تاۋاق» ياخشىكەن دىگەن تۇيغۇغا كىلىپ قېلىشىمۇ مومكىن.يىغىپ ئېيتقاندا،سىتودىنتلىرىمىز شىركەتلەرگەكىرىشنى خالىمايدۇ ئەمەس،كىرىشنى خالايدىغانلارمۇ بار.لىكىن كىرىپ بولغاندىن كىيىنياكى كىرىش جەريانىدا شىركەت ۋە ئۆزىنىڭ  ھەرقايسى ھالقىلاردىكى چوڭ –كىچك ئۆزگىرىشلەرتاللاپ بولغانلارنى پۇشايمان قىلدۇرۇپ،تاللىماقچى بولغانلارنى تاللاتقۇزمايدىگەندەك، ئادەم لازىم جايدا ئادەم يوق، تويۇنۇپ بولغان جايلاردا داۋاملىق تىقىلىش،تالىشش مەۋجۈت بولماقتا.سىتودىنتلىرىمىزنىڭ شىركەتلەرگەبېرىشى،شىركەتلەرنىڭ سىتودىنتلىرىمىزنى ئۆز قوينىغا ئېلىشى بۇ ھەرگىزمۇ يەككەھالەتتىكى تاللاش تاللىنىش ئەمەس.سىتودىتلىرىمىز شىركەتلەرنى تاللىغان ئىكەن ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلانغان ئاساستا ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كىرەك.شىركەتكە بېرىپلا ئۆزى ئويلىغان ئورۇنغا ئىشقا چۈشۈشى ناتايىن.شىركەتنىڭ سىتودىتلىرىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى بايقاپ، كۆرۈپ يىتىشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كىتىدۇ.بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق.شىركەت بىزگە قۇچاق ئاچقانىكەن شىركەتتە بىزگە ئۆز ئىقتىدارىمىزنى سىنايدىغان سەھنە بار دىگەن گەپ.شىركەتتە ئىشلەۋاتقىلى بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ. كاللامدا بىر نۇقتا ئېنىقكى،ھەر بىر خوجايىن ھەرقانداق بىرئادەمنى بىكارغا ئالمايدۇ.خوجايىن ئۈچۈن ،كارخانا ئۈچۈن ئىقتىسادى قىممەت يارىتالمىدىڭىز دىگەن گەپ  سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز يوق دىگەنلىك. شۇڭا شىركەتكە بېرىپ خىزمەت قىلىش بۇ يەككە ھالەتتىكى سىتودىنتنىڭ تالللىشى بولۇپلا قالماي،قوش يۆنىلىشتىكى تاللاش.شۇڭا ھەر ئىككىلى تەرەپ بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان،بىر-بىرىنى دەڭسەيدىغان پۇرسەت بىرىش كىرەك.

ئۆز قەلىمىم

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# C- O5 b7 H  O/ s9 r+ c2 i+ R

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% C7 J/ W1 ?% C8 V
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 \4 I( s& j" o5 P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# A5 K4 I. R  Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& o/ U6 s! R" N8 m$ I/ T$ d) X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 c8 d8 u$ K; a; [! V% v2 q' mبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 _& ^1 x: M% H
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 07:39 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 K! V1 X" h, B* F

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 T" N; v0 U0 D7 ~5 }: A5 ]  N% s

ئىچىڭگە تېرىۋالغان ئاداۋەت ئۇرۇقلىرى بىخ تارتىپ كۆكلەپ كەتمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113408
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 10:11:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ما تەرەپلەردە بەك ئېغىر، ھېلىقى دۆلەت كادىردىن باشقىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلار ،بىر سى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مانداق شىركەتتە ئىشلەپتۇ دىسە ئابدان ئوقۇمىغانچېغۋىكەن ھاما   دۆلەت  كادىرى بۇلالماي شىركەتە ئىشلەپتۇ  دەيدىغان  قاراشلار ، نەدە ئىشلەشتىن قەتئىنەرزەر ئۆزىنڭ بىر كىشىلىك قىممىتىنى ياراتسىلا بولمىدىمۇ؟  شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز جەمىيەتتە لاغىلداپ يۈرىدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84885
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 12:34:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىركەت ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشنى كۆزلەيدۇ،ياش سىتۇدىنتلار شىركەتكە بېرىپلا قىممەت يارىتىۋېتىشى ناتايىن،شىركەتلەرمۇ سىتۇدىنتلارغا كۆپرەك پۇرسەت بەسە بۇلىدۇ،

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 01:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپ كەلسەك گەپ جىق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100626
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-12-8
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 02:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ(ئىستىقبال سەھنىسى)پىروگراممىسىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ،نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن سىتۇدىنتلارنى ھەتتا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە سىتۇدىنتلارمۇ،بىزنىڭ ئاتالمىش كۆپ قىسىم بەزى كارخانچىلېرىمىز،ناۋادا شىركەتكە كەلسىڭىز سىزنى ئاۋال ئاساسى قاتلامدىن باشلاپ ئۇنداق تەربىيلەيمىز مۇنداق تەربىيلەيمىز دەپ ئالىي مەكتەپتە شۇنداق ياخشى ئوقۇغان سىتۇدېنتلارنى ،ئادەتتىكى قىلچە مەدەنىيەت سەۋىيەسى يوق كىشىلەر بىلەن بىللە ئىشقا قويىمىز دەپ سۆزلەشلېرنى ئاڭلىسام نېرۋام ئۆرلەيدۇ ،ئەجىبا زادى ئۇنۋىرستىتتا ياخشى ئوقۇغان سىتۇدىنتلارنى ئالدى بىلەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامغا ئىشقا قويماي ئوتتۇرا قاتلامدىن باشلاپراق ئىشقا قويسا زادى بولمامدۇ، مىنىڭچە بولغاندا بىز ئالدى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمى سانىغا سېلىشتۇرغاندا ئاز ساننى ئىگەللەيدىغان سىتۇدىنتلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەي ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوللىساق دېگەن ئۈمىدتىمەن،بەزىدە شىركىتىنىڭ ئومۇمى ئايلانما مەبلىغى تولۇق بىرنەچچە مىليۇنغا يەتمەيدىغان شىركىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنلا شۇيەرگە چىقىدىغان بەزىبىر ئاتالمىش كارخانچىلانىڭ ئېغىزىىدىن شۇ گەپنى ئاڭلىسام ئۆزەمچە ئاچچىق كۈلگۈم كېلىدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ana + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 04:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇۋاپىققيەت ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2904
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 04:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىتودېنت ۋە ئاسپىرانېتلارنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىرى شىركەت كارخانىلارنى تاللايدىغانلارمۇ ياكى كارخانىچىلارنى قوللاپ ئۇلارغا يانتاياق بولۇپ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىمۇ ئىگىلىك تىكلەش غايىسىگە يېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەرمۇ بار ئىكەن....قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2904
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 04:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىتودېنت ۋە ئاسپىرانېتلارنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىرى شىركەت كارخانىلارنى تاللايدىغانلارمۇ ياكى كارخانىچىلارنى قوللاپ ئۇلارغا يانتاياق بولۇپ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىمۇ ئىگىلىك تىكلەش غايىسىگە يېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەرمۇ بار ئىكەن....قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12094
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3276 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 07:15:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113408
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 07:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئاشۇ ئوقۇش تارىخى بوسۇغىسىن ئۈتۈلمەي يا  ئىگىلىك تىكلەشتە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقۇپ ئىگىلىك تىكلىيەلمەي بەك ئۈمىدسىزلىنىپ  كىتىپ بارىدۇ  .  شەخسەن مۇشۇ قېتىم ئالى مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرۇس كەسىپلىرگە قۇبۇل قىلىنغان دوستلىرىم ئاساسەن ھەممىسى تۇلۇق كۇرۇسقا ئۆتەلمىگەنلىكتىن قايتا ئۇقۇدى ،ئۇلاردىن سورىسام  مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇش تارىخىدا  كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالماسمىش .ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىر قىسىملا بۇلۇپ قالدىم ،ئەمىليەتتىمۇ ھازىر جەمىيەتنىڭ نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرىدا مۇشۇ ئوقۇش تارىخى بوسۇغىسى ئىگىز بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەمەلى ئىقتىدارغا ئىگە سىدونىتلىرىمىز ئىش تاپالماي يۈرىدۇ .  ئۆزۈممۇ مەخسۇس  كۇرۇسقا قۇبۇل قىلىنغانلىقىمغا ئۈكۈنمەيمەن .ئۆيىدىكىلەر قايتا ئوقۇشقا مەجبۇرلىغان بولسىمۇ   ئۈزۈمگە  ئىشىنىپ مەخسۇس  كۇرۇستا ئوقۇيۋەردىم .  لېكىن مۇشۇ  ئوقوش تارىخى بوسۇغىسىنىڭ پەسلىشىنى ھەقىقەتەن ئۈمۈد قىلىمەن ئۈزەمچە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش