|
|
|
|
ئەسسالام -ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى قېرنىداشلار ،مۇنبەرگە يېڭدىن قۇشۇلغان مۇنبەردىشىڭلار زىبادىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !!!!!
مۇنبەرگە تۇنجى كەلگەندە قۇرۇق كەلگۈم كەلمەي سىلەرگە سوۋغا سۈپتىدە ئۈزۈمنىڭ لىرىك ئىجادىيتىدىن بىرنى ئالغاچ كەلدىم بەھىر ئالغايسىلەر !!!!
قار لىرىكىسى ئامانگۇل ئابدۇكېرەم زىبا
قار گۈلىگە ئايلاندىم كېچە ،
يۈزلىرىڭگە قونماقچى بولۇپ .
دېرىزەڭنىڭ رۇجەكلىرىدىن ،
خىياللىرىم لەيلەر مۇڭلۇنۇپ
قار ئۇچقۇنى سۆيسە مەڭزىمنى ،
سېغىنىشىم ئۈنلەر بۇقۇلداپ .
كىرپىكىمدە تۈنىسە سۆيگۈڭ ،
يۈرۈگۈمنى ئۈتىمەن ئالداپ .
قارغا تەققاس بىغۇبار قەلبىم ،
قارغا مىسال مىسكىن يۈرۈگۈم .
قارنىڭ يۇمران تىنىقلىرىدا ،
ئېچىلىدۇ سۆيگۈ گۈللۈرۈم .
قار بىلەن تەڭ ئېچىلار سۆيگۈ ،
قار بىلەن تەڭ ئويغىنار تۇيغۇ .
قارنىڭ ھەر بىر ئۇچقۇنلىرىدا ،
تۈكىلىدۇ ئازاپ ،غەم -قايغۇ .
قارغا ئويۇپ بىر جۈپ يۈرەكنى ،
سوۋغا قىلىپ ئەۋەرتتىم ساڭا .
سۈيۈپ قويسام لىۋىڭگە قاردەك ،
ئارمىنىمدىن كۆكلەر گۈل -زىيا .
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى مەكىتتە يېزىلدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 09:20 AM
|
|
|
|
|
|