ئېغىر تىرانسىپوت (Spintires) بولسا Oovee team شىركىتىنىڭ نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەپچىقارغان يۈك تىرانسىپورت توشۇش خارەكتېرىدىكى ئويۇن. ئويۇننىڭ باشقا تۈردىكى ئويۇنلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى بۇ ئويۇندا تاشيول بىلەن ئەمەس بەلكى قۇملۇق-سازلىق يوللىرى ئارقىلىق يۈك توشۇش ئاساس قىلىنىدۇ. ئويۇندىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر 80-يىللاردىكى روسىيە تەسۋىرلىنىدۇ. پىشقان شوپۇر بولۇش سالاھىتىڭىز بىلەن يۈكنى بەلگىلەنگەن نۇقتىغا ۋاقتىدا ئاپىرىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز، ۋەزىپىنى قانچە تېز ئورۇندىسىڭىز، ۋەزىپە ئورۇنلاش جەرىيانىدا ماشىنىنىڭ زەخمىلىنىشى قانچە ئاز بولسا ئېرىشىدىغان تەجىربە ۋە پۇل شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا تېز سۈرئەتتە ماشىنىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ماشىنىلارنى سېتىۋالالايسىز!
ئويۇن نامى: ئېغىر تىرانسىپوت
ئېنگىلىزچە نامى: Spintires
ئويۇن تۈرى: تەقلىدى تىجارت تۈرىدىكى ئويۇن (SIM)
ئويۇن ئىشلىگۈچى: Oovee team
ئويۇن سۇپىسى: كومپىيۇتېر (PC)
ئويۇن تارقاتقۇچى:Oovee Game Studios/IMGN.PRO
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2014-6-13
قاتتىق دېتال ۋە سىستېما ئەڭ تۆۋەن تەلىپى:
مەشغۇلات سىستېمىسى: Windows XP, Windows Vista, Windows 7 or Window 8
مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ:Intel Pentium Dual Core 2.0GHz or equivalent
كۆرسىتىش كارتىسى: NVIDIA GeForce 9600 GT or equivalent
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2 GB RAM
DXنەشىرى: Version 9.0
ئويۇن رەسىملىرى:
چۈشۈرۈش ئادىرسى:
بۇيەرنى بىسىڭ