«كىم توپ شاھى» مۇسابىقىسىدە قەشقەر ئەزمەتلىرى ھەل قىلغۇچقا كىردى
بۈگۈن چۈشتە قەشقەر ئەزمەتلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ . چۇقۇم كۆرۈڭ !
(تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ: شىنجاڭ 8-1 چۇڭچىڭ)
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:00 دە، مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان«كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىمالىي رايون تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى. CCTV5-قانىلىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:00 دىن 2:00 گىچە ماس قەدەمدە بىۋاستە تارقىتىلدى.
مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 8-نومۇر ۋە 6-نومۇرلۇق ماھىرىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، شىنجاڭ قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسى بەدەن ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 8-1 نەتىجىدە چۇڭچىڭ بۇرېن ياڭگۇاڭ (辅仁阳光) كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
مۇسابىقىدىن كېيىن ئەفىردىن :« قەشقەردىمۇ مۇشۇنداق چىملىق مەيدان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى.
يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 2-ئاينىڭ 8-كۈنى (يەكشەنبە كۈنى) ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:25 دىن 2:00 گىچە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. ئەتە شىنجاڭ قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسىنىڭ «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى چېمپىيونلۇق تالىشىدىغان رەقىبى مەيدانغا كېلىدۇ.
ياش ئۆسمۈرلەر مۇنەۋەر كوماندىسىنىڭ مۇنەۋەر ئەزالىرىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىن ئىلگىرى گېرمانىيەگە بېرىپ بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن ماھارەت ئالماشتۇرۇش دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناش پۇرسىتى بولىدۇ.
مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرمىگەنلەر بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ.
http://sports.cntv.cn/2015/02/07/VIDE1423289161592132.shtml