مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 395|ئىنكاس: 4

ئەجداتتىن مىراستۇر ساغلاملىق ھامان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113455
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2015-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 06:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەجداتتىن مىراستۇر ساغلاملىق ھامان،
تېبابەت    بابىدا    يىتۈكتۇر   لوقمان.
نۇر  ئىلىپ   تەبىئەت   نېئمەتلىرىدىن،
ھېكمىتى   جاھانغا   تامام   تارالغان.

ئۇيغۇردىن يەنە بىر يۇلتۇز چاقنىغان،
ئاسىيا  ،  ياۋرۇپا   تامان  ئاتلىغان.
پەلسەپە ، تېبابەت ، كۆيلەر قەسرىگە،
ئۇ  ئۆزى  فارابى   ئەلنى   باشلىغان.

ئىزىدىن  يىتىشكەن  ئىبىن  سىنادۇر،
تەجەللى ، ئەرزانى ، يۈسۈپ بوۋامدۇر.
تۇردى  موھەممەت ، ئابدۇل ھەمىدى،
ۋە يەنە   ھەتتاكى   بىرى   غۇلامدۇر.

ھەر گېياھ،ھەربىر دان،ھەر چىمدىم توپا،
بارچىسى    ئۆزگىچە    كېسەلگە   شىپا.
ئۇيغۇرنىڭ  تېبابەت   يولى   ئۈچمەيدۇ،
لوقماننىڭ  ئىزىدىن ،  لوقمانلار  چىقسا.

ئەجداتتىن مىراستۇر ساغلاملىق ھامان،
تېبابەت    بابىدا    يىتۈكتۇر    لوقمان.
نە يەتكەي  ئىناقلىق ، ساغلام  ھاياتقا،
قول  تۇتۇپ  بىرلىكتە  تاپايلى  دەرمان.

     مەنبە ؛ ئۆزقىر






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 10:46:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلىرىمىز ياراتقان كاتتا ئىلىم،تىبابەتنى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنى سۆيۈنىش ئىلكىدە ئوبدان ئىپادىلەپسىز،رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 11:11:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 12:52:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




   پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقڭدىن


يېقىندا توردا بەزىلەر ئۇيغۇرلىقىدىن نومۇس قىلىدىغان، ھەتتا )ئۇيغۇرلار يوقىلىدۇ يەي، ئاندىغەي ماندىغەي( دىگەندەك بىز ئۇيغۇرلارنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ ئۇيغۇرلىقىدىن نومۇس ھىس قىلدۇرىغان يازمىلار پەيدا بولۇپ مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى.شۇڭا بىلىمىمنىڭ چەكلىك بولىشىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ يوقالمايدىغانلىقى، ۋە يوقىلىشقا قارشى تىرىشچانلىقلىرى، ئۇلارنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئادىمىيلىك خىسلەتلىرىنى ئەمىلى پاكىتلار بىلەن ئوتىرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.گەرچە بۇرۇن گۈلەن قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرلىقىدىن سەسكىنىش تىپىدىكى ماقالىلارغا قارىتا ،ئۇيغۇرلارنىڭ خىسلەتلىرى ھەققىدىكى پاكىتلىق يازمىللىرىنى يېزىپ بىزگە ئۈمۈد بېغىشلىغان بولسىمۇ ،بۇيازمىنى يەنىلا يېزىشنى لايىق تاپتىم.


  پەيزىۋات ناھيەسىدە 2014-يىلى4-ئاي23-كۈنى يۈز بەرگەن بىر ۋەقە مىنى ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندۈگەن ئىدى.  مىللىتىمىزگە قارىتا ھەرخىل كۆزقاراشلار يەنى ) ئۇيغۇرلار ئەسكى ،ئۇيغۇرلارتىرورچى( دىگەندەك سەپسەتىلەر ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان مۇشۇ سائەتلەردە ، بۇ تېما ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلام دۇنيادىكى ئەڭ ئاقكۆڭۈل ، قەلبى پاك ، ئىنساپلىق ، ئەڭ ئىسىل مىللەتلەردىن ئىكەنلىكىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ. بۇتىما تۆۋەندىكىچە.

(
  بۇلتۇرقى شىنجاڭ ئاخبارات لېنيىسى خەۋىرى

2014- يىلى4-ئاينىڭ 23-كۈنى پەيزىۋات ناھيەسىدە بوران چىقۋاتاتتى . بىر يىگىتنىڭ قولىدىكى بىرتۇتام پۇل بوراندا ئۇچۇپ كەتتى . يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر پۇل تېرىشكە باشلىدى . خەلىق ساقچىسى چاجىخەيمۇ يېقىن ئەتراپتا بارئىدى .
شۇ كۈنى سائەت 12 دىن 20 مىلەر ئەتراپىدا بانكىدىن چىققان 20 نەچچە ياشلاردىكى ئۇيغۇر يىگىت قولىدا 100 سوملۇق ، 50 سوملۇق بىرتۇتام پۇل بوراندا ئۇچۇپ كەتتى .
پۇللار يولنىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇ يىگىت پۇللارنى تېرىش ئۈچۈن يۈگرەيتى.
شۇ چاغدا ئەتراپتا ئادەم كۆپ ئىدى ، بەزىلەر موتىسكىلىتتىن چۈشۈپ پۇللارنى تېرىشكە باشلىدى .
چاجىخەينىڭ دېيىشىچە ، شۇ چاغدا ئەتراپ ناھايىتى قالايمىقان بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ ئادەم پۇل تېرىۋاتقان بولۇپ ، بەزىلەر پۇلنى ئەكەتمەيدۇ دېگىلى بولمايتى .
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ساقچى چاجىخەي كىشلەرنىڭ تېرىۋالغان پۇللارنى يىگىتكە قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئاخىردا بىر كىشى: ‹‹چۆپلۈكنىڭ ئىچىدە يەنە پۇل بارلىقى ›› نى ئېيتتى . يىگىت بېرىپ بىرنەچچە ۋاراق پۇلنى تېرىۋالدى.
ساقچى چاجىخەينىڭ ئىگەللىشىچە يىگىتنىڭ قولىدىكى پۇل ئەسلى 50 مىڭ سوم بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭغا تېرىشىپ بەرگەن پۇلمۇ دەل 50 مىڭ سوم بولۇپ بىر ۋاراقمۇ كەم ئەمەس ئىكەن .
بۇ خەۋەر پەيزىۋات ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگىغىمۇ ئېلان قىلىنغانكەن.
بىز تور دۇنياسىدا كۆپ خەۋەرلەرنى كۆرىمىز . 2007- يىلى 5-ئاينىڭ 21 كۈنى شۈنيى رايونى ماشنا ۋەقەسىدىن كېيىن چېچىلىپ كەتكەن تۇخۇملارنى ئەتراپتىكىلەر تېرىپ  بۇلاپ كەتكەن .
2013-يىلى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى خۇنەن چىياڭ ناھيىسى بابوۋ بازىردىكى بىر ياغاچ زاۋۇتىغا ئوت كەتكەن ، نەچچە ئون كۈپ ياغاچ كۆيۈپ كەتكەن ياكى ئەتراپتىكى خەلىق بۇلاپ كەتكەن .
2013-يىلى 3- ئاينىڭ 27-كۈنى تۇمان سەۋەبىدىن بېيجىڭ-ئاۋمىن تاشيولى چاڭئەن بۆلىكىدە 20 نەچچە ماشىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . بىر قىسىم كەنىت ئاھالىللىرى ماشىنىلاردىكى ئەپلىسىن ۋە بەرەڭگىلەرنى بۇلىغان .
2006 - يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى شيەنشى ۋۇگۇڭ ناھيىسى چىگرىسى ئىچىدە بىر يۈك ماشنىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ماشىندىكى ئەپلىسىننى تېرىپ ئئەكەتكەن .
2010- يىلى 8-ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭ - جۇجياڭ تاشيولى شىجياجۇاڭ لۇەن چېڭ ئەتراپىدا ماشنا ۋەقەسى يۈز بەرگەن ، ئەتراپتىكى ئامما چىلانلارنى بۇلىغان .
يەنە دىسەك تولا 2008-1-25 دىكى پىۋا باسقان ماشىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسى .2013-5-6 -كۈنىدىكى ئىچكى مۇڭغۇل ئۇلانساباتۇر  ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ماشىنىدىن سەنەركە بۇلاش . 2013-3-7- كۈنى ئەنخۇي ۋۇۋېيدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ماشىندىكى بېلىقنى بۇلاش.
2005-11-7- كۈنى خەنكو يىچاڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولىدا چاقى ئېتىلىپ كەتكەن ماشىندىكى يېسىۋىلەكلەرنى بۇلاش. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.
قېرىندىشىم يۇقارقىلارنى كۆرۈپ مىللىتىڭىزدىن سىزمۇ پەخىرلەندىڭىزمۇ ؟ چوقۇم پەخىرلەندىڭىز .

ئۇيغۇر مانا مۇشۇنداق مەدىنيەتلىك،ئەخلاقلىق،ئەقىل-پاراسەتلىك قالتىس بىر مىللەت.بۇنداق ئىسىل خىسلەت باشقا مىللەتتە دورىلىققىمۇ تىپىلمايدۇ.
كىرىيە يەرتەۋرەشتە ئۇيغۇركارخانچىللىرىنىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ،ئابلىكىم كەلكۈن سەنئەت كىچىلىكىنى كۆرۈپ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ھىس قىلدىم.
گەرچە بىر قىسىم ئىللەتلەر كۆرۈلۈپ ئۇيغۇر شەنىگە داغ چۈشۈرىۋاتقان بولسىمۇ بۇ قىسمەن ئەھۋال.كىمدە ئىللەت يوق! قايسى مىللەتتە ئىللەت يوق! لىكىن بىزنىڭ مىللىتىمىز نۇرغۇن خانلىقلارنى قۇرغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك روھىي پاك نۇرغۇن ئىسىل خىسلەتلەرگە ئىگە مىللەت! خەلقىمىز ئىسلام ئىتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرسىلا تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ،تەرەققى قىلىدۇ.ھەم يوقالمايدۇ.

     چۈنكى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىلىمگە ھېرىسمەن،تىرىشچان،مېھماندوس ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان تەرەققىيپەرۋەر مىللەت. دۇنياغا داڭلىق تور Wikipedia(维基百科)دا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا يەنە قازاقىستان،قىرغىزىستان،ئۆزبىگىستان،تۈركىيە، ئاۋىستىرالىيە،ئەنگىلىيە،كانادا،گوللاندىيە،ئىراق،گېرمانيە،پاكىستان ،بىرازىلىيە، مىسىر،ئەزەربەيجان،بېلگىيە .ھىندونوزىيە،ھىندىستان،مالايسىيە،مالدىۋى،تۈكىمەنسىتان،سەئۇدى ئەربىىستان،قاتار،ئاپغانىستان،روسسىيە،ئىران،ئامرىكا،فىرانسىيە،ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيا،ياۋرۇپا،شىمالى ۋە جەنۇبى ئامرىكا ،ئافرىقا ،ئوكيانىيە قاتارلىق دۇنيادىكى ھەممە قىتئەگە تارقالغان.ئاساسلىقى دۆلىتىمىزدە.بۇ توردا كۆرسىتىلىشچە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئۇمۇمىي نۇپۇسى بولسا 36مىلىيۇن 340مىڭ ئىكەن.لىكىن بەزى سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشچە 20مىلىيۇن ئەتراپىدا دىيىلگەن،
لىكىن ھۆكۈمەت سىتاستىكىدا،
2011-يىلى مەملىكەتنىڭ 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى ، بۇنىڭدىكى  
ئالدىنقى 5 مىللەت :
1.خەنزۇ 1220844520|
2.جۇاڭزۇ 16926381
3.خۇيزۇ 10586087
4.مانجۇ 10387958
5.ئۇيغۇر 10069346

خۇيزۇ بىلەن مانجۇنىڭ ئانا تىلى خەنزۇ تىلى ، جۇاڭزۇ ئاساسەن ئاسسىلماتسىيە بوپ بولدى ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى جۇڭگودىكى خەنزۇلاردىن قالسا 2.چوڭ مىللەت دەپ قاراشقا بولىدۇ .
. ئاساسلىق ئۇيغۇرلار دۆلتىمىز دە ياشايدۇ. بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇس ئەھۋالىنى سۆزلىمەكچى ئەمەس.نۇپۇسنىڭ قانداق بۇلۇشى مۇھىم ئەمەس.مىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم تورلاردا مۇنبەرلەرگە كىرىۋىلىپ دائىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئۆز ئارا مۇنازىرلىشىپ جەڭگە جىدەل قىلىشىدىغان ،بىردەم ئۆز ئارا ھۆرمەتلەشمەي ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ تۇرىدىغان تورداشلارغا ئۈلگە بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدىم.باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغا تەرىپىنى ئۆگىنىمىز،ئۇلار يۇلۇققان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ھېسسىداشلىق قىلىمىز.لىكىن بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئۆز ئىچىمىزدىن گۇرۇھلارغا بۈلۈنۈپ سۇقۇشساق بۇ تولىمۇ نادانلىق بولىدۇ.باشقىلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.بۇ ھەقىقەتەن توغرا .چۈشەنگەندە ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.لىكىن ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىمىزنى كەمسىتسەك بولمايدۇ.توردا دائىم كەمچىللىك كۈرۈپ ئارتۇقچىلىق كۆرمەيدىغان تورداشلار خېلى باركەن. نەدىكى تاينى يوق ئىشلارغا مۇنازىرلىشىپ كېتىدىكەن.ئەمىلىيەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىللىتىدىن كۆپ.
           مەملىكىتمىزدە ئۇيغۇلار تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى نەتىجلەرنى ياراتتى.نۇرغۇن  يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن خەنزۇلاردىن قالسىدا ھەرقايسى ساھەدە ھەممىدىن ئۈستۈن مىللەت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئارمان ،ئامىنە قاتارلىق دۇنياغا يۈزلەنگەن مىللىي كارخانىلار مىللىتمىزنىڭ پەرخىرى بولماقتا. ئېرپان ئىلىكتىرۇنىمۇ مەملىكىتىمىزدىكى 300كۈچلۈك ئىلىكتىرۇن كارخانىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.بۇمۇ ئاسان قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس. مەيلى مائارىپ،مەيلى كىنوچىلىق ،مەيلى بىناكارلىق،مەيلى قول ھۈنەرۋەنچىلىك،مەيلى دېھقانچىلىق،مەيلى مەبلەغ سېلىش ،مەيلى تەتقىقات بولسۇن ھەممىسىدە ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئۇيغۇر كارخانىسىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.نۇرغۇن بىلىمگە ھېرىسمەن ياشلىرىمىز تىرىشىپ ئۇقۇپ مەملىكتىمىز دىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئالى مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق دوكتۇرلۇق دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ مىللىتىمىزگە دۆلىتىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.بۇنداقلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ.مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن نەزىرىڭىزنى يىغىپ دىققەت قىلسىڭىز ئەركىن. سىدىق،شۆھرەت مۇتەللىپتەك........ دۇنياۋى ئالىملىرىمىز نۇرغۇن ساپالىق كىشىللىرمىز يىتىشىپ چىقتى.نۇرغۇن كىشىللىىرىمىز نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقماقتا.ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈزگەنلەر بۇرۇنقىدەك نۇقۇل تۈمۈر تاۋاق ساقلاپ تۇرماي ئۆزلىرى كارخانا ئۇرۇنلارغا كىرىپ ئىشلەپ ياكى ئۆزلىرى شېركەت قۇرۇپ جەمىيئەتكە بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشىۋاتىدۇ. دۇنيادا قايسى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتى چىقسا بىز ئالدى بىلەن قۇبۇل قىلىۋاتىمىز .قۇبۇل قىلغاندىمۇ باشقا مىللەتتەك ئۆز ئەينىچە قۇبۇل قىلماي بەلكى شەكلىنى ،يېزىقىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلىۋاتىمىز. تەبەسسۇم ،مەشرەپ ،مۇئەللىم ،ئېرپان قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.كىيىم كېچەك ،يىمەك ئىچمەك ،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ. ئۈزلىكىدىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ دۆلەت چىمپىيۇنلىرى ئولىمىپىك ئەزىمەتلىرى يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.بۇلار نىڭ نەتىجىسىنىڭ  يىلسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .چۈنكى تەجرىبە توپلىنىشتىن كېلىدۇ. جۈرئەت ئۇبۇلقاسىم ،ئادىل ھۇشۇردەك تەۋەككۇلچى تەنھەركەتچىلەرمۇ يىتىشىپ چىقتى .پۇتبۇل ساھەسىدىمۇ بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلىرىمىز چىقىۋاتىدۇ.مىنىڭمۇ ئاغىنلىرىم ئىچىدە كوماندا قۇرۇپ تەشكىللىك مەشىق قىلىدىغانلىرى بار. جاپانىڭ تىگى راھەت دەپ مۇشۇنداق ياشلىرىمز ئۈزۈلمەي چىقىم تۇرسا بۇ ساھەدىمۇ ئۈمۈد چوڭ. چۈنكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر كوماندىمىز مەملىكەتلىك چىمپىيۇن بۇلۇپلا قالماي دۇنيا ئۆسمۈرلەر چىمپىيۇنى بولدى يېقىندا قەشقەر ئوغامبالا پۇتبول كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولغانلىق خوش خەۋىرى توردا خەۋەر قىلىندى.ئۇيغۇرلار بىلسىڭىز مۇشۇنداق ئىرادىلىك ئىجتىھاتلىق مىللەت. ئەمدى چەت ئەللەردىن مىسال قىلساق ،چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغا ئۇيغۇرلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۈكۈمەت،بانكا ،كارخاناقاتارلىق ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مىسال قىلساق ئۇيەرگە كۈچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بۇلۇپ )دۆلتمىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن سەئۇى ئەرەبىستانى ئۇيغۇرلارنى نۇپسقا ئالمىغان ياكى ناھايتى تەستە ئالغان،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلا پاسپورت بىلەن تۇرىدۇ(بۇلۇپ سەئۇدىدىكى ۋە ئامرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدە ئالى مائارىپ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلىپ تىرىشىپ ئۆگنىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھۈكۈمەت،مائارىپ،سەھىيە،ئۆي مۈلۈك،كۆچمە ئالاقە،ئاۋىئايسىيە،قاتناش قاتارلىق جايلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرغا شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.ئۇندىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە داڭلىق يازغۇچى، ئالى مەكتەپ مۇدىرى،تەھرىر،بانكا باشلىقى ...قاتارلىقلار چىققان. قازاقىستان جۇمھىرىيدە 231مىڭ ئۇيغۇر بۇلۇپ بۇلاردىن 42دوكتۇر،4ئاكادىمىك،200دىن كۆپ كاندىدات پىراففىسور ،5قازاقىستان خەلىق سەنئەتكارى،20دىن كۆپ» قازاقىستان تۆھپىكار خىزمەتچى«مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى ،393نەپەر ھۈكۈمەت ۋەكىلى بار. قازاقىستان جۇمھۇرىيتىدەك بىر چوڭ دۆلەتتە نۇپۇسى ئاران 200مىڭ ئۇيغۇرغا نىسپەتەن بۇ ناھايتىمۇ چوڭ نەتىجە. ئامرىكىدىمۇ شۆھرەت مۇتەللىپتەك ،تاشپولات رۇزىدەك ئەركىن سىدىقتەك دۇنياۋى ئالىم ئۇيغۇرلىرىمىز بار. مىسال ئۈچۈن مۇشۇلارنىلا دەي.يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئالى مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزىنىڭ شۇ دۆلەتتىكى بىركىشلىك ئورنىنى ئابرويىنى تىكلەپ ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە  دۆلىتىمىزدە ياكى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار نادان،ئوغرىلىق يانچۇقچىلىق قىلپلا يۈرۈيدىغان مىللەت.ئۇلار پەقەت يامان تەرەپنى كۆرىدىغان كىشىلەر.بۇنداق چۈپرەندە ئادەملەر دۇنيادىىكى ھەممە مىللەتتە بار. لىكىن كۆپۈنچە ئۇيغۇرلىرىمىز ئاشۇ بىلىم سۆيەرلكى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە يۇلتۇزدەك چاقناپ كىلىۋاتىدۇ.مەملىكىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم،دوكتۇر،كارخانچىلار بار.كاللىنى ئىشلىتىپ تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ جەمىيەتتىن قاقشىماي ئۆز نىشانى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بىلىپ ئېلىپ تىرىشىپ مەقسىتىگە يىتىپ ئىنساندەك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇرغۇن.بىر قىسىم تورداشلار نىمشىقا ئاشۇلارنى دورىماي نەدىكى تاينى يوق ئىشلار بىلەن قالىدىكەن. بىردەم ئۇيغۇر ئەرەپلەر بىرگەۋدە ئەمەس دەمدۇ قاملاشمىغان سۇئاللارنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن ئاۋرە ئىكەن.يەنە بەزەنلەر ئۇيغۇر نىمىشقا مۇشۇنداق دەپ سۇئال قۇيۇپ ئاتالمىش ئويغىنىش يوللىرىنى يەھۇدى دەمدۇ باشقا مىلەتتىن ئىزدەپ ئاۋارە ئىكەن. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىمىز بۇ ناھايتىمۇ توغرا ئىش. لىكىن ئۆزلۈكنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۈرۈپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك.باشقىلارغا ئۆزىنى تاقاپ باغلاپ ياكى دۈشمەنلىشىپ مۇنازىرلەشسەكمۇ بۇنى پەقەت سىزلا بىلىسز.باشقىلاربۇ دۇنيادائۆزلىرى ھەققىدە بۇنداق مۇنازىرە بۇلىۋاتقىنىىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.بۇ سىزگە نىسپەتەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ھىچنىمە ئەمەس.يەنە بەزىلەر مۆجىزە دىگەن نىمە دەپ سۇئال قۇيۇپ مۇنازىرلىشىپ دۈشمەنلىشىپ كېتىدىكەن .ا  بىز تېخى بىلىمغا تۇيۇنۇپ ئاشۇنداق ئىشلارنى تەپەككۇر قلىدىغان باسقۇچقا بارمىدۇق.مۇشۇنى تەپەككۇر قىلغاننىڭ ئورنىغا ئائىلە تەربىيسى ،مائارىپ تەربىيسى ھەققىدە ئويلانساق نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە.ئۇيغۇرلار  ئويغىنىش يۇلىنى ئالىبۇرۇن بىلىپ بولغان .ئۇ بولسىمۇ بىلىم ئېلىش.نۇرغۇن ياشلار مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.دۆلەتكە مىللەتكە ھەسسە قۇشىۋاتىدۇ.لىكن بىر قسىم نادان كىشىلەر يەنە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.شۇ زېھنىنى بىلىم ئېگەللەشكە قاراتسا،بۈگۈنگىدەك ئۇچۇرلاشقان دەرۋردە ئۆگىنەي دىسە بىلم دىگەن تۇلۇپ تېشىپ تۇرغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بالدۇر بۇ نادانلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى. بالىلىرىمىزنى ئالى مەكتەپلەرگىچە ئۇقۇتساق ،يېشىمىز چوڭۇيۇپ كەتكەنلەر ۋاقتىمىزنى غەيۋەتتە ئەمەس بەلكى كىتاپ كۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزسەك ،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيالمىساق ھۈنەر ئۆگەنسەك ئىشقىلپ ئۆگەنگىدەك بىلىم بولسىلا ئۆگەنسەك ھىچ بولمىسا كۇرسكا قاتنىشىپ خەنزۇتىلى ئۆگەنسىڭىزمۇ بىر ئىش .تۇرمۇشىڭىزدىكى نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلالايسىز.شۇندىلا قانۇن ئارقىلىق ئۆزنى قوغداشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئاشۇ يات ئەللەردە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۈپمۇ بىلىم ئېلىشنى تاشلاپ قويمىغان قېرىنداشلىىمىزدىن ئۆگىنەيلى.پۈتۈن ياشلىق باھارىنى بىلىم ئېگەللەشكە قارىتىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ يىېتىشىپ چىقىۋاتقان دىيارىمىزدىكى ئوغلان قىزلىرىمىزدىن ئۆگىنەيلى. خىيالى تەپەككۇر ئەمەس ئەقلىي تەپەككۇر قىلايلى..

بەزى ئەقىلسىزلىرىمىز يېزىق ئالماشتۇرۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ ،بۇنىڭ ھازىرقى خىرىس ئىچىدە تۇرىۋاتقان ھالىتىمىزگە قانچىلىك چوڭ زىيان ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلمىدى.ئەمىلىيەتتە بۇنى تونۇپ يەتكەن
بىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىرىمىزدىن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت،  ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەجرى مىھنىتى،   ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، بولۇپمۇ. wndwos 8 ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ ئېچىلىشى جەھەتلەردە "جۇڭگۇدا خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىغان. مەسىلەن : يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.)3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت.  دىمەك بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۆزىنى قوغداشتا ئەڭ ئالدىدا ماڭغان.مىنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىدىن بولغان.
ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ) مۇ قۇرۇقلۇقى( ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ھاكىمىيىتىگە ئىشلەتمىگەن. ئامال بار زىيالىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن. جاللات سىتالىن !  ئۇيغۇرلار بەختىنى باش كۆتۈرگەن ھامان تۇنجۇقتۇرۇپ ماڭغان.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە روھىي پاك، خىسلەتلىك ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.
مىنىڭچە ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كىرەك!
جۈملىدىن مەن ئۆزەمنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.



پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقىڭدىن

     ‏ئەبۇ غازى

‏پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقىڭدىن ،
‏پاك ۋىجدان سەمىمىي غەيۇرلىقىڭدىن .
‏تارىخلار بېتىدە ئۆچمەس سەھىپەڭ،
‏جاسارەت بابىدا جەسۇرلىقىڭدىن.

‏ئەقىل ھەم ئىدراك مۇجەسسەم سەندە ،
‏ئەرلىرىڭ باھادىر باش ئەگمەس جەڭدە.
‏شەھىدلەر ھاياتتۇر ھەريەر ھەر يەردە،
‏‏پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىزناسى ئۆچمىگەن ئالىملىرىڭدىن،
‏تەكلىماكان تەڭرىتاغ تارىملىرىڭدىن.
‏قەدىم زەپەر قۇچقان خاندانلىقىڭدىن،
‏‏پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردا بىرلىك يوق كىم دېدى ساڭا،
‏پەرۋامۇ قىلمىغىن قىلچىلىك ئاڭا .
‏ئۇيغۇرۇم قۇرام تاش ئىشەنگىن ماڭا،
‏‏پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىمان بار ئىنساپ يوق دەركەن نائەھلى،
‏ئۇيغۇرۇم ئىنساپسىز ئەمەستۇر ئەسلى.
‏تۆھمەتكە قارشىدۇر ئۇنىڭ جان جەھلى،
‏‏پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردۇر ئۇيۇشقاق ئاتالغان مىللەت،
‏مىللەتلا  بولاركەن تېپىلار ئىللەت.
‏ئىللەتنى تۈزىسەك چاقنايدۇ خىسلەت،
‏‏پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرلىقىڭدىن .





مەنبە :
توردۇنياسىدىن ساقلىۋالغانلىرىم.
.


ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 08:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىي تىلى چوڭقۇر،مەنالىق،ئەھمىيەتلىك چىقىپتۇ شېئىرىڭىزنىڭ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش