مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3844|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈندىداردا تۇنجى ئۇيغۇرچە سالون قۇرغان شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95662
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-2-8
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 12:20:55 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ئۇ تۇنجى بولۇپ شاڭخەيدە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە سالونى قۇرغان، ئۇ قۇرغان سالونلار ھازىر مىليونلۇق قىممەتكە ئىگە بولماقتا؛

ئۇ تۇنجى ئۇيغۇرچە YY تور دەرسخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى؛

ئۇ 20 يېشىدىلا ئۈندىدار ئارقىلىق دەسمايىسىز بىر ئاي ئىچىدە 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىغان؛

ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ توپ تارقىتىش ئۈندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدىكى سودا سوممىسى 600 مىڭ يۈەن بولغان.

ئۇ ھازىرغىچە يانفۇن دېتالى ۋە 2 ئۇيغۇرچە يانفۇن ئويۇنلىرىنى تارقاتقان.

ئۇ بولسا شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ 4-يىللىق ئوقوغۇچىسى مەخمۇتجان مەمەت.

بىر مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى قانداق بولۇپ تور ۋە سودا ساھەسىدە نەتىجە يارىتالايدۇ ؟

ئوقۇش ھاياتى ۋە قىزىقىشى

مەخمۇتجان باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوقۇشىنى تاماملىغان، ھەمدە شۇ يىلى كۆپلىگەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش، ئىچىكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2007-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ شىيامىن شەھرىدا ئىچكىرىدىكى ھاياتىنى باشلىۋەتكەن.

ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا مۇزىكىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى مۇزىكا ئۇستىلىرىغا شاگىرتلىققا بەرگەن. ھەمدە كېيىن مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللەپ مەكتەپ ۋە شەھەرلىك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 2011-يىلى ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىچكىرى تولۇقتىن مۇزىكا كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ، كەسىپ نەتىجىسى 1-بولۇپ شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان.

مەخمۇتجانىڭ سەنئەتتىن باشقا يەنە فىزىكا، ئېلىكتىرون ۋە  كومپىيۇتېرغىمۇ ئالاھىدە ھەۋىسى بار بولۇپ، 10 يېشىدىلا ئۆيدىكىلىرى ئېلىپ بەرگەن كومپىيۇتېردا ھەر خىل تېخنىكىلارنى ئىگەللىگەن، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى مائارىپ مۇھىتى ئۇنىڭ بۇ قىزىقىشىغىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇمۇ دەل ئۇنىڭ كېيىنكى ئۇتۇقلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

تۇنجى ئۇيغۇرچە تور دەرسخانىسى

ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن مەخمۇتجان ئوقۇشتىن سىرت يەنە نۇرغۇن بىكار ۋاقىتلىرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئېنتىرنىت تورىدا ئۆزى قىزىقىدىغان ساھەلەرنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇ توردا نۇرغۇنلىغان ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە تور دەرسخانىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما شىنجاڭغا نىسبەتەن بۇنىڭ بىر چوڭ بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،2011-يىلى تۇنجى ئۇيغۇرچەYY كۈيچى تور دەرسخانىسىنى قۇرۇپ چىقىپ كۆپلىگەن ياش سىتۇدېنتلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ دەرسخانىدا ئانا تىلى، خەنزۇتىلى، ئىنگىلىز تىلى، پىسخىلوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە دەرس ئۆتۈلۈشتىن سىرت، يەنە ھەرخىل مۇنازىرە، سۆز ئويۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ياشلىرىمىزغا مەنىۋىي زوق ئاتا قىلغاندىن سىرت، يەنە ياشلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە، ئانا تىل ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇلاردىن باشقا مەخمۇتجان يەنە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋاللىرىنى YY تور دەرسخانىسىدا نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىپ، شىنجاڭدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغانىدى. 2012-يىلى 6-ئايدا مەخمۇتجان كۆچمە تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، نەزىرىنى يانفۇن تورىغا قاراتتى.

ئۈندىداردا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە سالون  

مەخمۇتجان ھەر كۈنى خەنزۇچە تورلاردىن تور ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە قىزىقاتتى ۋە ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئانالىز قىلاتتى.

2012-يىلى مەخمۇتجان ئەقلىي يانفۇننىڭ بارغانسېرى مۇقىم كومپىيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئىگەللەۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ھەمدە ئۆزىنىڭ تور ساھەسىدىكى سەزگۈرلىكى ۋە دەسمىسىز تەشۋىقات ئەندىزىسى بىلەن، كۆچمە تور ساھەسىدە  ئۈندىدار سالونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر مۇھىم تارقىتىش ۋاستىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئۇي-ناخشا، يۇمۇرلار، ئۇي رەسىم قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 8 دانە ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونلىرىنى شاڭخەيدە قۇرۇپ چىققان. بۇ سالونلار قۇرۇلىشى بىلەنلا مەخمۇتجان ئۆزى ئاۋازغا ئېلىپ ئۇيغۇرچە يۇمۇرلار ۋە پىروگراممىلارنى ئۈندىداردا تۇنجى بولۇپ تارققان، بۇ خىل يېڭىلىق رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، تۇنجى ئايدىلا ھەر بىر ئۈندىدار سالونىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100مىڭ ئابونت قېتىلغان.



2012-يىلى مەخمۇتجان قۇرغان سالونلاردىن باشقا تېخى ھېچقانداق چوڭ ئۇيغۇرچە سالونلار قۇرۇلمىغان ئىدى، ئۇ بارلىق زېھنىنى 8 ئۇيغۇرچە سالوننى باشقۇرۇش، مەزمۇن تەييارلاش بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى، بۇ ئىشلار جەمئىيەتتە تەسىر قوزغاپ مەخمۇتجان رادىئو ۋە تېلۋىزىيە زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ خىل يېڭىلىققا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ھازىرغا كەلگۈچە بۇ سالونلارنىڭ ئومۇمىي ئابونتلار سانى 1.5 مىلىيوندىن ئاشقان بولۇپ، رايونىمىزدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق چوڭ تەشۋىقات ۋاستىسىغا ئايلانغان.

  ئۈندىدار سالونلىرى ئىزدەش نامى :  uynahxa uyrasim yumurlar uykuyqi uyxopur uyturik uyalma uyputbol topbazar



2014-يىلى 6-ئايدا ئۇ ئاخىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تېڭشۈن شىركىتىگە بېرىپ زىيارەتتە بولدى.

تور سودا ساھەسىدىكى ئىزدىنىش

خۇددى مەخمۇتجاننىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىنىدەك، ئۈندىدار سالونىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھەقىقەتەن ناھايىتى زور بولدى. مەخمۇتجان دەل بايا دېيىلگەن ھەر بىرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100مىڭ ئابونت بولغان سالونىغا سودا ئېلانلىرىنى قېتىش ئارقىلىق، تۇنجى ئايدىلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىدى. شۇندىن كېيىن مەخمۇتجان ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە رەسمىي ئىشىنىپ، ئۈندىدار سالونىدىكى شىنجاڭ كۆچمە تور ساھەسىدىكى ئۈستۈنلىكى بىلەن تور سودا ساھەسىگە رەسمىي كىرىشىپ كەتتى.

ئۇ سالونلىرىغا ھەرخىل شىركەت شەخسلەر بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتتى؛ سالونىنىڭ تەشۋىقات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ساۋاقداشلىرىدىن تەشكىللىنىپ تور سودىسىنى راۋاجلاندۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ شۇنى بايقىدىكى، رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى مۇكەممەل ئەمەس، كىچىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ، چوڭى ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىغىچە ھەممە نەرسىلەر دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ كېلىنەتتى، شۇڭا ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە ياكى يېزا -بازارلاردىكى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا تېگىدىغىنى ئىككىنچى ھەتتا ئۈچىنچى قولدىن ئۆتكەن ماللار بولۇپ، باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى ئىدى. بۇنداق بولغاندا بۇ ماللار رايونىمىزدىكى رەسمىي ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا تەگكەندە باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتەتتى.

شۇڭا مەخمۇتجان دىيارىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت خېرىدارلىرىمىزنى ئەڭ تۆۋەن باھا، ئەڭ ئىشەنچلىك سۈپەتتىكى ماللار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يېرىم يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، 2014-يىلى 10-ئايدا ئۈندىداردىكى توپ بازار سالونىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. سالون قۇرۇلۇپ بىر ئايغا يەتمەيلا ئابونتلار سانى 20 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ 20 مىڭ ئابونت رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توپ ۋە پارچە تىجارەتچىلەر، يايمىچىلار، سودا قىلىش ئۈچۈن مىدىرلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. توپ بازار سالونى مانا مۇشۇ خېرىدارلىرىغا تايىنىپ، قۇرۇلغان تۇنجى ئايدىلا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سودا قىممىتى ياراتتى، ھەمدە شۇندىن كېيىنكى ئايلاردا مۇقىم سودا قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.



2015-يىلى ئۇ تېخىمۇ يېڭى نىشانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شاڭخەيدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇرۇپ كارخانىچىلار سېپىگە قوشۇلۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. بىز بۇ دەۋىر ياشلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sodigarbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 12:22 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 01:42:35 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئاپرىن . ..... پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىغاندىلا ئاندىن يول تاپقىلى بولىدۇ ....

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10073
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 02:09:07 PM |ئايرىم كۆرۈش |
پۇرساتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندىلا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .مەخمۇدجاننىڭ نەتىجىللىرى ئادەمنى ئۆزىگە قايىل قىلىدۇ داۋاملىق تىرىشىڭ !  مەنمۇ بۇرۇن كۈيچىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدىم سىزنى داۋاملىق قوللايمەن

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1928
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 747 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-26
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 02:47:50 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئىسمىمز ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنغۇ، بۇ قېرىندىشىمىز بىلەن

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 02:53:46 PM |ئايرىم كۆرۈش |
تاش ئالمىنىڭ مۇسابىقىسىنى yyدا نەخ مەيداندا تارقاتقان بالا شۇكەن-دە. 4 يىل  بۇرۇن ئەشۇ يېشىدا بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالىغانىكەن، ھازىر مىليۇن يۈەن تېپىشى ھەقلىقكەن.
تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن، ئۇكا.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 03:06:22 PM |ئايرىم كۆرۈش |
11- يىلى تاش ئالمىنىڭ  مۇسابىقىسنى يا يا دا ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە توردا مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، پائالىيەت تەشكىللەپ پۇتبول قىزغىنلىقىنى قوزغاشتا مۇھىم تۆھپىلرنى قوشقان. بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن دېگەن مانا شۇ.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 04:23:42 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئاپىرىن... زادى غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۈپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108389
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 417
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-7-12
ئاخىرقى: 2015-5-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 05:14:25 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن مۇشۇنداق تالانت ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە باھانە يوق. كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم. دەردىم ئېيىتسام دەرتكە دەرمان دانا يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-5-26
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 05:25:59 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مەخمۇتجانغا ئاپىرىن ! ئۇنىڭ دوپپا كىيگەن سۈرتىگە زوقۇم كەلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 180
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-4-4
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 05:42:02 PM |ئايرىم كۆرۈش |
تىرىشىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزنى ، تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە قولايلىقلارنى يارىتىشىڭىزنى ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان جۇڭگودىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان كارخانىچىغا ئايلىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ۋە شۇنىڭغا تىلەكداشمەن!

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش