مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1955|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىت قاۋىغان كېچە (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113752
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2015-1-29
ئاخىرقى: 2015-3-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 11:16:13 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ئىت قاۋىغان كېچە

(ھېكايە)

ئەمەر ھىمىت


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 I4 x: B4 B  b! s3 M) s2 r9 ]+ G

    كۈز ئايلىرنىڭ سالقىن شامىلى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى، ئەل ئايىقى بېسىقىپ مەھەللىدىكى ئاندا-ساندا ئاڭلىنىدىغان ئىتلارنىڭ قاۋىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممە شېرىن ئۇيقۇغا كېتىشكەن ئىدى. لېكىن ئاسىيەنىڭ كۆزىگە ھېچبىر ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ يېنىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئىككى ئوغلىنىڭ يوتقىنىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ ئەتىگەندىن بېرى كېۋەزلىكتە پاختا چۆيلەپ ھېرىپ كەتكەن پۇت–قوللىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە خىيالغا كەتكەن ئىدى......

    ئەخمەتنىڭ بۇ يىلقى بىرىنچى قېتىم تەرگەن  نەچچە مىڭ يۈەنلىك پاختىنى سېتىۋېتىپ غايىپ بولغىنىغىمۇ بۈگۈن بەش كۈن بوپتۇ، ئۇ نەلەردە ئويناپ يۈرىدىكىن، ئاسىيە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىلىمۇ 9 يىل بولدى، مانا مۇشۇ 9 يىلدىن بېرى ئاسىيە بارلىقىنى ئۇنىڭغا، مۇشۇ ئائىلىسىگە بېغىشلاپ ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلغان ئىككى ئوغلىنى مىڭبىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلدى، ئۆتكەن يىلى كۈزدە رەھمەتلىك قېيىن ئاتىسىنىڭ سەكراتتا يېتىپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېسىدە تۇرۇپتۇ :

-قىزىم، ئەخمەتنى بىر ئوغۇل، ئاپىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالدى دەپ ئەتىۋارلاپ بېقىپ جاپادىن قاچىدىغان، ئاقنانچى قىلىپ قويۇپتىكەنمەن، سىزنى كېلىن قىلىپ ئەكەلگەندىن بۇيان كۆرۈۋاتىمەن، ئۆينىڭ ، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى ھاردىم-تالدىم دېمەي ئۆزىڭىز قىلىپ كەلدىڭىز، مېنىڭمۇ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدىڭىز، خۇدايىم سىزگە ياخشى كۈنلەرنى نېسىپ قىلار قىزىم، ئۆز قىزلىرىمدىنمۇ ياخشى كۈتتىڭىز، مانا ئەمدى كېسىلىم ئېغىرلاپ نەچچە كۈنلۈكلا ئۆمرۈم قالغاندەك قىلىدۇ، ئالىمادىس ئۆلۈم كېلىپ قالسا ........

    -ئۇنداق دېمىسىلە دادا، خۇدايىم شىپالىق بېرەر، دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ كەلمەي تۇرساق بوپتىكەن، ئەخمەتمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا يوقاپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان !

    -ياق، قىزىم ھىلىمۇ مېنى جىق داۋالاتتىڭلا، ئىككى قىزىم ئەرنىڭ ئۆيىدىكەن، سىزگىلا ئېغىرچىلىقىمنى سېلىۋەرگۈم كەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرخانىنىڭ ئوكۇل-دورىلىرىدىن شۇنداق تويۇپ كەتتىم، ئاخىرقى ئۆمرۈمدە ئۆز ئۆيۈمدە كېسەل ئازابى تارتساممۇ خاتىرجەم ياتاي دەپ ئويلۇدۇم، قىزىم، ئۇزۇندىن بېرى سىزگە دەي دەپ يۈرگەن، مۇنۇ ياستۇقنىڭ قېپى ئىچىدە رەھمەتلىك ئايالىمدىن مىراس قالغان بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك بىلەن 20 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ چېكىنى سىزگە قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم، قىزلارغىمۇ ئازراق پۇل–پىچەك، بىر جۈپتىن ئالتۇن زىرىنى بېرىپ رازى قىلىپ بولدۇم، ئوغلۇمنىڭ ھازىر نەدىلىكى ئېنىق ئەمەس، خەجلەيدىغان پۇلى تۈگەپ ئوينايدىغان ئويۇنى تۈگىگەندە قايتىپ كېلەر، بۇ قورو جاي بىلەن 25 مو يەرنى سىلەرگە قالدۇرىمەن، ئىككى نەۋرەمنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش سىزگە ئامانەت قالدى قىزىم، مېنىڭدىن رازى بولۇڭ.....

    - ئۇنداق دېمىسىلە دادا، سىلە ئۈچۈن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ، مېنى ئەخمەت ‹يىتىم ئوغلاق، گاداينىڭ قىزى› دەپ ئۇرۇپ–تىللىسىمۇ سىلى ماڭا باشپاناھ بولۇپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇق، مەنمۇ ئۇنى ئەقلىنى تاپار، ئىككى بالام باركەن دەپ چىداپ كەلدىم، مەن سىلىدىن ئىككى ئالەم رازى دادا، سىلى خاتىرجەم بولسىلا، خۇدايىم بۇيرىسا ئىككى ئوغلۇمنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشىمەن.

    بىر پەس يىغىدىن كېيىن بوۋاينىڭ ئىككى قىزى، تۇققانلىرى، قوشنىلىرىدىن بولۇپ ئوننەچچە ئادەم دۇئاغا قول كۆتۈردى. ئەتىسى سەھەردە بوۋاي بۇ يورۇق دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى، ئەخمەت نەلەردىندۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىغىنىچە پېشىن ۋاقتى بىلەن بوۋاينىڭ نامىزىغا ئاران ئۈلگۈردى. ھەممىنىڭ تاپا-تەنىسى بىلەن ئەخمەت ئويۇن-تاماشىسىنى ۋاقتىنچە يىغىشتۇرغان بولۇۋېلىپ، مەخپىيراق «ئويناپ» يۈردى، ئاسىيە ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ–دىيانەت تىلەپ بۇ يىل تېرىغان كېۋەزنىڭ ھوسۇلىنى يىغسا بوۋاي بەرگەن پۇلغا قوشۇپ كونىراپ قالغان كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆينىڭ ئورنىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق خىش قۇرۇلمىلىق ئۆي سېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ئىدى. لېكىن ئەخمەت ئاتىسىنىڭ يىل نەزىرىنى بېرىپ بىر ھەپتە بولمايلا ئاسىيە ئادەم ياللاپ بىر كۈن تەرگەن پاختىنى پاختا سودىگىرىگە ئەرزانلا سېتىۋېتىپ تېلېفونىنىمۇ ئېتىۋېلىپ يوقاپ كەتتى، ئاسىيە بەش كۈندىن بۇيان ئاچچىقىنى زورىغا بېسىۋېلىپ يەنە ئادەم ياللاپ مانا بۈگۈن كېۋەزنىڭ ھەممىسىنى تەرگۈزۈپ بولدى، ياندىكى مېھمانخانا ئۆيدە لىققىدە پاختا، بۇ يىل پاختا باھاسى ياخشى بولغاچقا چوقۇم 25 مىڭ يۈەنگە يارايدۇ، كېۋەزنىڭ 2-3-قېتىملىق ھوسۇلىنى يىغسا گەپ يوق ئۆينى پۈتتۈرەلەيدۇ، ئەتە سەھەردە ئاكىسى تىراكتورىنى ئەكىلىپ پاختىلارنى تراكتورغا بېسىپ پاختا زاۋۇتىغا ئاپىرىپ سېتىشىپ بېرىدۇ، شۇلارنى ئويلىغاچ ئاسىيە ھاردۇقى چىققاندەك بولۇپ، ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.

    ھويلىدىكى ئىتنىڭ ئەنسىز قاۋىشى بىلەن ئاسىيە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى، سىرتتا موتسىكىلىتنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىغا قوشۇلۇپ ئىت قاۋاشقا باشلىدى، دىمەك-ئەخمەت قايتىپ كەلگەن ئىدى، ئاسىيە دەرھال چىراقنى ياندۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى، ھويلىدا ئەخمەت دەلدەڭشىگىنىچە ئاسىيەگە ھۈرپەيدى :

    -نېمانداق ئۆلۈكتەك ئۇخلايسەن، مېنى كەلمەمدىكىن دېگەنمىتىڭ يا!

    -ياق، ئەخمەت، سىزنىڭ يېرىم كېچىدە كېلىشىڭىزنى بىلمەپتىمەن، بەك ھېرىپ كېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، قېنى ئۆيگە كىرىڭ!

    ئەخمەت ئۆيگە كىرىپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىغا قاراپ قويۇپ، تاماكا تۇتاشتۇرغاچ ياندىكى مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:

    -پاھ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئەجەپ ئىشچان جۇمۇ، پاختىلارنى تېرىپ بوپسەندە؟

    -ئەخمەت، قولىڭىزدىكى تاماكىنى تاشلىۋېتىڭ، پاختىغا ئوت كەتمىسۇن! ئاسىيە، جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئەخمەتكە يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ قولىدىكى تاماكىنى ئالماقچى بولدى.

    -نېمە، سەن ئەجەپ ئەقىللىق بوپ كېتىپسەندە، بىلىپ قوي، بۇ پاختىلار ھەممىسى ئاتام بەرگەن يەرگە تېرىغان پاختا، ئوت قويامدىم، ساتامدىم ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارى، سېنىڭ ئاتاڭنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلمىگەن جۇمۇ قانجۇق!

    -نېمانداق يولسىزلىق قىلىسىز، ھىلىمۇ شۇنچە يىلدىن بۇيان تىرىشىپ تىرمىشىپ تاپقىنىمىزنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىپ مۇشۇنداق ئۆتۈۋاتىمىز، بىرىنچى قېتىم تەرگەن پاختىنى سېتىۋەتمىگەن بولسىڭىز ئۆيىمىزنى بۇ يىل قىش كىرگىچە پۈتتۈرۈپ بولمامتۇق، بىزگىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، رەھمەتلىك ئاتىڭىزنىڭ كىرپىكىگە توپا قونماي تۇرۇپ يەنە ئويناپ يۈرىۋاتىسىز، خىجىلمۇ بولمايدىكەنسىز!

    -ئەجەپ ئىنچىكە تىللىرىڭ چىقىپ كېتىپتىغۇ، قەلەندەرنىڭ قىزى، ئەمدى پىتلىنىپ گېپىڭ يوغىناپ كېتىپتىغۇ، سېنىڭزە يەيدىغان تايىقىڭ كەم، بۇياققا ئۆتە قانجۇق!!!

    ئەخمەت ئۆي ئىچىدە ئاسىيەنى قوغلاشقا باشلىدى، ئاسىيە قورقۇپ ياندىكى بالىلار ياتقان ئۆيگە قېچىپ چىقىۋالدى، بالىلارمۇ چۇرقىرىشىپ ئويغىنىپ كەتتى، ئەخمەت بولدى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاسىيەنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇپ تېپىشكە باشلىدى، ئۆي ئىچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلدى، ئەخمەت ئۇرۇشتىن توختاپ ئىدىشتىن بىر نوگاي سۇنى ئېلىپ گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ئاسىيە ۋە بالىلىرىغا سەت قارىۋېتىپ يەنە مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ پاختا ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپلا ئۇيقىغا كەتتى، تاشقىرىقى ئۆيدە ئاسىيە بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ ھۆڭرەپ يىغلاۋېتىپ بىردىنلا ئەقلىنى تېپىپ ئەخمەتنى پاختا بار ئۆيدىن چىقىرۋېلىشنى ئويلاپ ئىشىكنى ئىتتەردى، لېكىن ئىشىك ئىچىدىن تاقالغان ئىدى، ئاسىيە ئۆي ئىچىدىن خورەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئەخمەتنىڭ چوڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

ئەخمەت دۆۋىلەنگەن پاختا ئۈستىدە ئۇخلاۋاتاتتى، ياق ئۇ ئاپپاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرەتتى، ئەنە سېرىق، بۈدۈر چاچلىق گۈزىلى ئۇنىڭغا ئۇزۇن قوللىرىنى سوزۇپ ئەخمەتنىڭ ساقال باسقان يۈزلىرىنى سىلاۋاتاتتى، ئەخمەت شېرىن چۈش ئىلكىدە چۆچۈپ ئويغاندىيۇ ئىشتان يانچۇقىدىن تاماكا ۋە چاقماقنى قولىغا ئېلىپ بىر تال تاماكىنى لېۋىگە قىستۇرۇپ چاقماق ياقتىدە كۈچەپ شورىغىنىچە يەنە ئۇخلاپ قالدى.

ئاسماندا ساناقسىز يۇلتۇزلار چىمىرلايتتى، تولۇن ئاي قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ تۇرغان كېچىدە ئاسىيە بالىلىرى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى، ئاسىيەنىڭ يېرىلغان قاپىقىدىن ئاققان قانلار بىلەن كۆزىدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ يۈرىكىگە تولغان خورلۇق ۋە ئازاپ ھەم يەنە بىر خىل ئەنسىزلىك تۇيغۇسى ئۇنى ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا زورلايتتى، ئىككى تەرىپىدە 8 ياشقا كىرگەن چوڭ ئوغلى بىلەن 6 ياشقا كىرگەن كىچىك ئوغلى ئۇنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ يىغىسىغا جۆر بولۇپ بىللە يىغلاپ كېتىۋاتاتتى، ئاسىيە  يەڭگىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ،  دەرۋازىنى خېلى ئۇزاق ئۇرۇپ تەسلىكتە ئاچقۇزغاندىن كېيىن ، ئۆيگە كىرىپلا بولغان ئەھۋالنى قىسقىلا دېدى، ئۇنىڭ ئەسلىدە يەڭگىسىنى كېچىدە كېلىپ ئاۋارە قىلغۇسى يوق ئىدى، لېكىن كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سېزىپ تۇراتتى.

    ئاسىيە يەڭگىسىنىڭ بالىلار بىلەن قونۇپ قېلىشىنى ئېيتىپ يېلىنىشىغىمۇ ئۇنىماي يەڭگىسى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ تاڭ سۈزۈلۈشكە يېقىن ئۆيىگە ماڭدى، ئۆيىگە يېقىنلاشقانسېرى ئاسىيەنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كېتىۋاتاتتى، يىراقتىنلا ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىن كۆتۈرىلىۋاتقان ئىس-تۈتەك ئەتراپنى بىر ئېلىپ، ئىتلار ئەنسىز قاۋىشىۋاتقان ئىدى، ئاسىيە يۈگرەپ توۋلاشقا باشلىدى .

-ئوت كەتتى، قۇتقۇزۇڭلا! ئاسىيە بار ئاۋازى بىلەن توۋلاپ ھويلىسىغا يۈگرەپ كىرىپ داڭ قېتىپ قالدى، ئۇنىڭ پاختا بېسىلغان مېھمانخانا ئۆيىگە ئوت تۇتاشقان بولۇپ ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، ئۇ دەرھال ياندىكى ھۇجرا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېدى ئۆي ئىچى ئىس-تۈتەككە تولغان ئىدى، ئاسىيە ھېچنىمىگە قارىماي ئۆيگە كىرىپ كېتىپلا بىر كىچىكرەك چاماداننى سۆرەپ چىقتى، ئاڭغىچە قۇلۇم-قوشنىلار چىقىپ ئۆي ئىچىدىن يېرىم كۆيگەن گىلەم، كىگىزلەرنى سىرتقا ئاتتى، چىلەكلەپ سۇ چېچىلدى، لېكىن ئوت تېخىمۇ ئۇلغۇيۇپ كۆيگەن پاختا ۋە يەنە ئاللىقانداق سېسىق پۇراق ئەتراپنى بىر ئالدى، كىملەر تېلېفون قىلدىكىن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىمۇ يىتىپ كىلىپ سۇ چېچىلدى، بىراق ئۆيلەر بىر تۇتاش سېلىنغان ياغاچ–كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆي بولغاچقا پەقەت ئۆينىڭ قارىداپ كەتكەن تېمىلا قېلىپ، قالدى نەرسىلەر كۆيىدىغىنى كۆيۈپ بولغان ئىدى، كىشىلەر ئۆيدىكى كۆيگەن نەرسىلەر ئارىسىدىن ئەخمەتنىڭ جەسىدىنى تاپتى، ئاسىيە بار ئاۋازى بىلەن بالىلىرىنى باغرىغا بېسىپ يىغلايتتى، ئۇنىڭ يىغىسىدىن نە ئېرىگە، نە كۆيۈپ كەتكەن پاختىسىغا ئېچىنىۋاتقىنىنى بىلىپ بولمايتتى.....

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( H+ \$ `& ~2 R1 n3 A, e9 y( R4 o; t
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 Q) V$ p- c) l6 n5 e

上一封 下一封

« 返回

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توغراق- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 11:19 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' P: s0 K4 S8 T5 h. a9 Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ j; s4 h5 D; n: D/ D# ?5 J

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113452
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2015-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-2
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 12:46:19 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئىچكەنگە تۇيۇپتۇ دە بىچارە    ھاراقكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1059
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5286
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-2
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 12:50:49 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12329
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32707
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 12:56:57 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ ئەسكىلىكلىرى....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* X+ U! V( Z( h, b4 O4 a8 Cبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- K; e/ f/ a* `% {& {& T
ئېچىنىشلىق ھېكايىكەن.....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 F# _( [' g$ X. S6 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ T) H, v; J8 K" u1 \& H
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; R5 B- [$ w+ V, z# Z+ Q# m8 H+ rئاسىيەمۇ كېچىدە قېيىن ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە،بىر ئاماللارنى قىلىپ ئىشىكنى ئېچىۋەتسىچۇ ئېرىنىڭ مەست ئىكەنلىكىنى ،تامااك چېكىدىغانلىقىنى بىلگەندىكىن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12329
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32707
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 12:57:13 PM |ئايرىم كۆرۈش |
.......
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Y  S) ~. K9 m' _ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 12:58 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- y2 c2 |* r3 g. cبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. Z* A) o! _! k7 A- }

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113452
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2015-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-2
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 03:04:50 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مىنىڭ  ئىنكاسىم  ھېچقايسىڭلاغا يارىمىدىما    مەندىن  كىيىن  يازغان ئىنكاسلار  چىقىپتۇ  بۇ مۇنبەردىمۇ   ھۈكۈمەت  خىزمەتچىلىردەك   مۇئامىلە  بارمۇ  يا      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113452
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2015-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 03:08:00 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مەن  بىرىنچى  بۇلۇپ   يوللىغان  ئىنكاسىم  يوق   2    3   4    5    ئىنكاسلا   تۇرىدۇ     بوممىسا   بىراقلا  چىقىپ  كەت   دەڭلا       

سەھرالىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24790
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6581
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 941 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-7
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 05:59:30 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز.   قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.....

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تېتىيمەن، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12329
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32707
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 09:10:21 PM |ئايرىم كۆرۈش |
abat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 03:08 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; a8 [2 B3 ]- U7 [/ {+ ~مەن  بىرىنچى  بۇلۇپ   يوللىغان  ئىنكاسىم  يوق   2    3   4    5    ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 w% ~: {# f3 r7 A# A# fرەنجىمەڭ....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: M5 C: ], j/ |: ]. A: U
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 [" h# I8 z6 @% T, f* R$ n% e# o( {ئادەتتە يېڭى ئەزالارنىڭ ئىنكاسى تەتستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرىنىدۇ...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1457
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-2
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 02:34:12 AM |ئايرىم كۆرۈش |
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ھەممە جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ھېكايە بوپتۇ. داۋاملىق بەھىرلەپ تۇرغايسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' G* T1 L! R2 n! eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ u& w# q* ?8 L5 p4 ~4 H
    ئاقسۇ تەرەپلەردىكى بىر قىسىم ناچار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئاچچىق ۋەقەلىك بىلەن ياخشى يورۇتىلىپتۇ، ئىبرەت قۇبۇل قىلىنىپ، تۈزىلىپ كەتكەي!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ^# J4 v# h+ B& N. c( F4 s4 @
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 02:50 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Q# \+ y# _& W$ d. t" o# I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, t6 i. |5 c/ b' D" P5 G

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش