مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 663|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىز تەبىئەتتىن بەك يىراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113013
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 129
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-2-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 05:18:04 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
      

بىز تەبىئەتتىن بەك يىراق

تەبىئەت ۋە مۇھىت ،مۇنداقچە ئىيىتقاندا يەرشارىمىز ئىنسانلارنىڭ بۆشۈكى .قەدىمدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە ئۇ ئىنسانلارنى ياشاش ۋە تەرەققى قىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ كىلىۋاتىدۇ .

تەبىئى مۇھىت –ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ،كۆپىيىشىنىڭ ماددى ئاساسى ،تەبىئى مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش- ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى .

ئىنسانلار ياشاش ئۈچۈن مۇھىتتىن بايلىق ئالىدۇ ،دەسلەپكى مەزگىللەردە ئادەم ئاز بولغاچقا ،ئىنسانلار مۇھىتقا ئانچە تەسر كۆرسىتەلمىگەن،ۋە زىيان يەتكۈزەلمىگەن.20ئەسرنىڭ 30 يىللىرىدىن كىيىن ،پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا بوز يەر ئىچىلىپ ،ئۆسۈملۈكلەر ئىغىر بۇزغۇنچىلققا ئۇچراپ ،يەر شارىمىزنىڭ مۇھىتى دەسلەپكى قەدەمدە بۇلغۇنىشقا باشلاندى .شۇندىن كىيىن مۇھىتنىڭ دۇنيا خاراكىتىرلىق بۇلغۇنۇشى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىلىپ كەلدى ،يەر شارى مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىش مەسىلىسى ئىنتايىن كۆپ ،بۇلار يەنە ئاتموسفورا ،سۇ،ئوزۇقلۇق، تۇپراق      

قاتارلىق بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ .دۇنيا سەھىيە تەشىكلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇھىت يىرىك پىلان مەھكىمىسىنىڭ ،ھاۋا ،سۇ ، ئوزۇقلۇق نىڭ بۇلغۇنىشىغا دائىر دوكلاتىدا ئىيتىلشچە ،پۈتۈن دۇنيادىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى بۇلغانغان ئاتموسفۇرادا ياشايدىكەن.پۈتۈن دۇنيادىكى 1مىليارد 800 مىليون ئادەم بۇلغانغان سۇ ئىچىدىكەن .

خوش ،ئەمدى بىزمۇ مۇشۇ يەر شارىدا ياشاۋاتىمىز .بىزنىڭ مۇھىتىمىز قانداق ؟بىز مۇھىتتنى قوغداۋاتامدۇق ؟ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىۋاتامدۇق ؟  ياق ياق .تىخى ئۇنداق ئىش يوق

21-ئەسىرگە كەلگەندە،ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ  پەن-تىخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى .ئىقتىساد يۈكسەلدى ،زاۋۇت كان كارخانىلار قۇرۇلدى ،يول كۆرۈك ياسالدى .ئىگىز –ئىگىز بىنالار سىلىندى .قاتناش قۇراللىرى كۆپەيدى .بىز ھەممە نەرسىمىزنىڭ تەل بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ ،بەخت ئىلكىدە ياشاپ تۇرۇپتىمىز .ئەمما بىزنى بىقىۋاتقان يەر شارىمىزنى ،تەبئىتىمىزنى ئويلايدىغان ،قوغدايدىغان ،بىرەر پائالىيەت ،بىرەر خىزمەت ،بىرەر ھەركەتنى كۆرۈپ باقماپتىمەن.ئىنچىكىلەپ ئويلساق ،بۇ تەرەققىياتلار مۇھىتىمىزنى ،تەبىئىتىمىز بۇزۇش ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كەلدى خالاس .مەن بۇ يەردە شەھەردىكى بۇلغۇنىشلار توغرىسدا ئىغىز ئاچمايمەن .ئىغىز ئىچىپ قالسام بۇ ئىغىزنى يۇمماق تەس .ماشىنىلاردىن چىققان ئىس ،زاۋۇت –كارخانىلار قويۇپ بىرىۋاتقان ،كىرەكسىز زەھەرلىك گاز ،سۇ ،كۈندىلىك تۇرمۇشۇمىزدا تاشلىنىپ چىقىۋاتقان ئەخلەت ،بولدىلا دىمەي بىھۇدە قاقشاپ قالىمەن .ئاۋۋال سەھرالىرىمىزغا قاراپ باقايلى.

ئۆيىمىز سەھرادا ئېدى. ئەمەلىيەتتە سەھرا بەك گۈزەل ھەم تەبىئى ،ئۇ بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىكى .بىزنى بىقىۋاتقان ئانا زىمىن ئىدى .

ئۆيىمىزدە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىسى بار ئىدى .مەسىلەن .ئايۋان ئۆيىمىزدە بىر قارلىغاچ بار ئىدى .ھەر يىلى ئەتىيازدا كىلىپ ،2-3 بالا چىقىرىپ ،قىشتا كىتەتتى .

ئۆيىمىزدە 5قۇشقاچ ئۇۋۇسى بار ئىدى ، پىشايۋانىمىزدا 2 پاختەك تۇراتتى ،يەنە نۇرغۇن قۇشلار بار ئىدى .ھازىر قالغىچىم كەلمەيۋاتىدۇ .قۇشقاچلىرىمىزدىن بىرلا ئۇۋۇلا قالدى .پاختىكىممۇ يوق .ھازىر ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى ئىتىزلىقلاردا ئۆلۈپ قالغان قاغا ،سىغىزخان،مۈشۈك ،تورغاي دىگەندەك ئۇچار قۇش ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكىنى پات-پاتلا كۆرۇپ قالىمەن .ئىتىز –ئىرىقلىرىمىزدا پاقىلار كۇكۇرىشىپ تۇراتتى .ئۇلارمۇ يوقالدى ئىشىك ئالدىمىزدا بەك جىق ئاق تىرەكلەر بار ئىدى .بۇ سەھراسىمىزنىڭ زىننىتى ئىدى .يول قۇرلىشى ،ئۆستەڭ قۇرلىشى بىلەن بۇ دەرەخلەر كىسىلدى .لىكىن تولۇقلاپ تىكىلمىدى .بىغىمىزدا ئۈرۈك ،شاپتۇل ،بىھى دىگەندەك مىۋىلەر بەك ئوخشايتتى ،ھازىر ئۇلارنىڭ غولىغا بىر خىل ئاق كىسەل تىگىپ ،ئاساسەن قۇرۇدى ،ياكى كىسىلدى .ئىشىك ئالدىمىزدىكى ئۆستەڭنىڭ سۈيى پامىر ئىگىزلىكىدىن باشلانغان  چاقماق دەرياسىدىن كىلەتتى .بەك پاك ،ۋە ساپ سۇ ئىدى .ئوچۇملاپ ئىچسە ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىراتتى .ھازىر شۇ قەدەر بۇلغاندىكى ،ھەممىمىزنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلاندى .ئۆي-ئۆيلەردىن چىققان ھەر قانداق بۇ سۇغا تاشلاندى .ھازىر بۇ سۇنى ئىچىش ئەمەس .يىنىغا كىلىپ تۇرۇشمۇ تەس بولۇپ قالدى ..

سەھراسىم تەرەققى قىلىپ ئۆزگەردى، لىكىن شۇ قەدەر بۇلغاندى . خەلقىم باي بولدى .لىكىن تەبىئى مۇھىتىم  نامراتلاشتى .خاراپلاشتى .مانا سەھراسىمىىڭ مۇھىتى مۇشۇ دەرجىگە يىتىپ  باردى ،بىرمۇ ئادەم نىمە ئۈچۈن قۇشلار ئازلاپ قالىدۇ ؟نىمىشقا پايدىلىق ھاشاراتلەر يوقۇلىدۇ ؟ نىمىشقا ھەرخىل كىسەللىك ۋە تەبىئى ئاپەتلەر يۈز بىرىدۇ ؟؟؟ دەپ ئۆزىگە سۇئال قويۇپ باقمىدى .

ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ،يۇرۇت چوڭلىرى بۇ نىڭغا كۆڭۈل بۆلمىدى .

ئەگەر مۇشۇنداق شۇنداق سۇئاللار سورالسا ،كۆپ قىرىنداشلىرىمىز ،قويە ،قۇش ئۆلسە نىمە كارىم ؟

سۈيۈڭ بۇلغانسا نىمە بوپتۇ ،تۇربا سۈيى باغۇ ؟ دىگەندە پوزىتسيە تۇتۇشى تەبىئى ئىدى  .

لىكىن ئەمدى ئويلانمىساق بولمايدىغان  .ھەركەتلەنمىسەك بولمايدىغان چاغ يىتىپ كەلدى ،ئۇنداق قىلمىساق كىچىكىمىز ،پۇشايمان قىلىمىز  .چۈنكى بىز بەھىر ئىلىۋاتقان بۇ يەر شارىدا باشقىلارنىڭمۇ ،ئەۋلادلارنىڭمۇ ھەققى بار .

ھاياتلىقتىكى بارلىق ماددىلار نۇرمال تەبىئى مۇھىتقا مۇھتاج،بۇ خىل نۇرمال مۇھىت شارائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ،جانلىقلار ۋە ئادەملەر توپىدا تۈرلۈك كىسەللىڭ ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ .

ئاخىر ھاياتلىققا خەۋىپ يىتىدۇ .مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئادەم تىنىگە بولغان خەۋپى ئىنتايىن مۇرەككەپ

ئۇنى ئادەتتە ،جىددى خاراكتىرلىك ،ئاستا خاراكتىرلىق ،ۋە توپلانما خاراكتىرلىق دەپ 3 تۈرگە بۆلۈشكە مۈمكىن .توپلانما خاراكتىرلىك خەۋىپ .كەلگۈسى خەۋىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ .ئۇ ئاساسلىقى راك ،نۇرمالسىزلىق پەيدا قىلىش ،توساتتىن ئۆزگىرش پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ .دۇنيا بويىچە ھەر يىلى 5 مىليون ئادەم راك كىسەللىكى بىلەن ئۆلىدۇ ،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە ،ئىنسانلاردىكى راكنىڭ زور قىسمىنى مۇھىت ئامىلى پەيدا قىلغان ئىكەن .

ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك .؟؟؟؟بەزىلەر دەيدۇ ،مەن مۇھىت قوغدىغانغا ،ئەخلەت تاشلىمىغانغا

يەر شارى بۇلغانماسمۇ دەپ ،راس گەرچە بىر ئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بولسىمۇ ،ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارساق چوقۇم ياخشىلىنىش بولىدۇ .

ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپلىرىمۇ زور كۈچ چىقىرىشى كىرەك .مۇھىت ھەققىدە تەشۋىقات ۋە خەۋەرلەرنى كۆپەيتىشى كىرەك .تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنى تەڭ نىسپەتتە ئىلىپ بىرىش كىرەك ،تەبىئى بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئىچىش كىرەك ،مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىغان تۈرلەرنى تەستىقلىماسلىق كىرەك .قاتتىق نازارەت قىلىپ قاتتىق تۇتۇش ۋە تۈزەش كىرەك.

بىزمۇ ھۈكۈمەتكە قاراپ تۇرماي ،ھەممەيلەن ئورتاق ھەركەتلىنىپ ،بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ،ئاز-ئازدىن كۈچ چىقارساق چوقۇم ياخشى ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ قارايمەن .

ئەزىز قىرىنداشلىرىمغا بىز قىلالىغۇدەك تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەۋسيە قىلىمەن .

تەبىئى مۇھىتىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز ،چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشىمىز كىرەك .ئائىلىدە ئىقتىسادچىل بولۇش ،ئىنىرگىيە تىجەش كىرەك .ئىشقا بارغاندا ،كەلگەندە ،ماشنىنىڭ ئورنىغا ،ۋىلسىپىت ياكى ئاممىۋى قاتناش ئىشلىتىش كىرەك .ئەخلەتنى ئاز چىقىرىش كىرەك .تاشلىغان ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ،يەنى ،ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ،قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ،ۋە زەھەرلىك باتارىيە تۈرىدىكىلەرنى ئايرىپ تاشلاش كىرەك .سۇلياۋ خالتىلارنى ئامال بار ئشلەتمەسلىك ۋە قالايمىقان تاشلىماسلىق كىرەك .ئىتىزلارغا خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئازراق ،ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپ ئىشلىتىش كىرەك .زەھەرلىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك .ئۇچار قۇش ۋە ھايۋانلارنى ئاسراش ۋە ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەش .دەرەخ ۋە ئورمانلارنى قالايمىقان كەسمەسلىك .كۆچەت تىكىپ ،ئورمان بەرپا قىلىش دەريا –ئىقىنلارنى ئاسراش قوغداش .يەنە سىلەر بىلىدىغان نۇرغۇن ئاماللار بار .

مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى مەسىلىسدە دۆلەت مىللەت ئىرق چىگرىسى بولمايدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەر ،كۆپلىگەن مىللەتلەر ھەتتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە  توغرا كىلىدۇ .شۇڭا ھەممەيلەن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى .كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ياخشى مۇھىت قالدۇرايلى .بىزنىڭ بىرلا يەر شارىمىز بار .يەر شارى مۇھىتىنى قوغداش ،ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى .

   ئاتاۋۇللا ئەداخون (سۈتچى )

             2014 –يىل 2-ئاينىڭ 5 –كۈنى           ئۈستۈنئاتۇش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 09:57 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 l1 j8 X; r. e" O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' W9 q$ c1 v( i

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3419
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12715
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1037 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-1
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 08:59:47 PM |ئايرىم كۆرۈش |
بىر ياخشى تېما يوللاپسىز، رەھمەت!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; u* q* u6 V) T5 h  h
تەبىئى مۇھىتنى ئاسراش ھازىر پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىق مەسىلە بوپ قالغاندەك تۇردۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" a; G7 ?; n9 x* E/ N4 \( D$ r
1. ماشىنا ئازايسا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' l2 |6 r' l# \2. زاۋۇتلار كېرەكسىز ماددىلارنى ياخشى بىر تەرپ قىلسا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 U* a. F# S8 d+ O0 r5 @( k3. دەرەخلەر ئاز كېسىلسەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( m7 o( G6 v3 O% L- t
4. ياۋايى ھايۋاناتلار ياخشى قوغدالسابۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# r+ v7 ^+ j3 K1 I/ |; U: ]; C& l  C
5. بولۇپمۇ ھەر كۈنى تۆكۈلىۋاتقان ئەخلەتلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا ....دىگەندەك....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' p- \; W/ g: D2 b. H0 f
( بولمىسا يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن بۇ يەر شارى ئەخلەت شارى بوپ كېتەمۇ...)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Y* K4 t1 u- y) Dباشقىلىرى دەررۇ ئېسىمگە كەلمىدى، ئىشقىپ يۇقۇردىكىلەرنى قايسى ئورۇنلار باشقۇرۇپ، قايسى ئورۇنلار قوغدايدىكىن، شۇ ئورۇنلار كۈچىمىسە، بىز خەلق نىمە قىلالايمىز بىلمىدىم.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-1
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 11:33:24 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنسا،ئېرىق ئۆستەڭلەرگە ئەخلەت تۈكۈلمىسە.كان كارخانىلار بۇلغىغان سۇلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلسا ،دۆلەت مۇھىت ئاسىراش جەھەتتە كۆپلىگەن ياخشى سىياسەتلەرنى چىقاردى ،ئەمما بىز ئامال قىلىپ شۇ سىياسەتلەردىن يۇچۇق ئىزلەپ ئۆز مەنپەتىمىزنى دەپ تەبىئەتنى بۇزىۋاتىمىز.ھەممىمىز تىرىشساقلا چۇقۇم تەبىئەت مۇھىتىمىز ياخشىلنىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1059
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5286
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-2
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 12:38:52 PM |ئايرىم كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار يازمىنى تەھرىرلەپ قويسا بولۇپتىكەن، سولغا توغۇرلىنىپ قاپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش