نېمىشقا تۆۋەن نېفىت باھاسى جۇڭگوغا ھېچقانچە نەپ يەتكۈزەلمىدى
ۋول كوچىسى گېزىتى تورى نىڭ 5-فېۋرال خەۋىرى (برېيىن سپېگېلى): جۇڭگونىڭ %60 نېفىت ئېھتىياجى ئىمپورتقا تايىنىپ قانائەتلەندۈرىدۇ، كەلگۈسىدە يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ، بەزى كۆرسەتكۈچلەر بىلەن ئۆلچىگەندە جۇڭگو ھەتتا شۇنداق بولۇپ بولدى. شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگو نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن زور نەپكە ئېرىشىشى كېرەك.
لېكىن،«ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەن نېفىت باھاسىنىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نەپ بېرىشى ئۇنچە ئېنىق بولمىغان، مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى (قىسمەن سەۋەبى ئېنېرگىيە باھاسى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا) ئىستېمال چىقىمى ۋە كارخانا مەبلىغىنى چەكلەپ قويۇشىغا ئالاقىدار ئەندىشىلىك كەيپىيات ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا قويغان.
جۇڭگوداتۆۋەن نېفىت باھاسىنىڭ ئىقتىسادقا كەلتۈرىدىغان پايدىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكىدەك بولمىدى، بۇنى كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھۆكۈمەت باھانى كونترول قىلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ ماي باھاسىنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى خەلقئارا خام نېفىت باھاسى بازىرىدىن كېيىن قالىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىلغۇ ماي ئىستېمال بېجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ماي باھاسى چۈشىشىنىڭ تەسىرىنى يوققا چىقاردى.
ئىككى ئامىل قوشۇلۇپ كەتتى: پېرېۋوت نىسبىتى ۋە باشقا ئامىللارنى ئويلاشقاندا، بېيجىڭدائاساسىي بېنزىن باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر گالونى تەخمىنەن3.50 ئامېرىكا دوللىرى، لېكىن ئامېرىكىدا ھەر گالون بېنزىننىڭ پەقەت 2.07 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېشىپ قېلىش قاتارلىق تۆۋەن نېفىت باھاسى ھەل قىلالمايدىغان قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.
CreditSuisseتەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەھلىلچىسى چېن چاڭخۇانىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، نەزەرىيە جەھەتتىن نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى جۇڭگوغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر قاتارلىق باشقا مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر جۇڭگودا تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.
نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئەڭ ئاخىرقى تەسىرى: گەرچە ئىستېمالچىلار ۋە بىر قىسىم كەسپلەر نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك مەنپەئەتلەنسىمۇ، ئەمما مەنپەئەتلىنىش دەرىجىسى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش سەۋەبلىك يوققا چىقىدۇ. ئوخشاشلا، ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەتلەر نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، مۇرەككەپ ھەم قىممەت يېقىلغۇ تولۇقلىمىسىنى بىكار قىلدى؛ ئاسىيالىق نۇرغۇن ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،يېقىنقى يىللاردىكى ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسىنى تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.
نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ تۆۋەن پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش بېسىمىنى چوڭايتتى. جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش قارارى مەركىزىي بانكىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگونىڭ يېقىلغۇ ماي باھاسىغا بولغان مۇتەئەسسىپ ئۇسۇلى باھادا قاچان ئۆرلەش كۆرۈلىدىغانلىقى ھەمدە قانچىلىك ئۆسەلەيدىغانلىقىغا قارىتا مۇجمەللىك مەۋجۇتلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئەكسىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەخسۇس نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىستراتېگىيەلىك خام نېفىت زاپىسىنى تولۇقلاشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنى ھەمدە باشقا پىلانلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
گەرچە شى جىنپىڭ رەھبەرلىكدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بازار كۈچلىرىنىڭ بېنزىن باھاسىدىن تۇرۇبا سۈيىگىچە بولغان ھەرخىل تاۋارلارنىڭ باھاسىنى بەلگىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى دۇچ كەلگىنى ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋاقىت جەھەتتە خەلقئارا بازاردىن كېيىن قالىدۇ، تەڭشەش دەرىجىسىمۇ خەلقئارا بازارنىڭكىدەك چوڭ ئەمەس.
تەرجىمىدە:ئوكيان تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-6 04:51 PM