تەجىربىلىك ئەزا
مىجىت ھېمىت ئەپەندىمگە شېئىرى جاۋاپنامە _____ مىجىت ھېمىت ئەپەندىنىڭ " دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قىيىن دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرگەجاۋاپ تاپقان تەتقىقاتلار توغىرسىدا" سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ۋە ماڭا يازغان شېئىرى سالامنامىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن. قاسىم سىدىق ۋەزنى چاغلىق بولسىمۇ،ئەمگەكنى ھۆرمەت قىلدىڭىز، ئەمگىكىمدىن چارچىسام،قەلەمدە رىغبەت قىلدىڭىز. تا ئەزەلدىن بۇ ھەكىملەر دەپتىرىدە سىر تۇلا، قېرى بېمارغا بۈگۆن،مىسرانى شەربەت قىلدىڭىز. ئىلمى تەھسىل،ئىجتىھاتتا مۈشكۈلكى سىزگە يەتمىكىم، كۈللى ئالەمنى گويا بىر يىپقا پەيۋەنىد قىلدىڭىز. ئۇ ئەرەستۇ،ئىبنى سىنا ھەمدە لوقمان...بارچىسى، زىكرىڭىزدە ھەرقاچان،دەرقەمتەسۆھبەت قىلدىڭىز. جانلىقى ھەم جانسىزى،زەررىسى،ئالەمچىسى، بارچىسىنىڭ سىرىنى يەشمەككە جۈرئەت قىلدىڭىز. باغلىبان تۆت زاتقا بارلىق قانۇنىنى دەۋرىنىڭ، قاي تەرىقە دەۋرىدۇر؟ -"دەۋرى سائەت" قىلدىڭىز.
ئىلمى تەھسىلنى ئىسلام بىر ئىبادەت دەپ بىلۆر، ھەر تەپەككۈر پەيتىدە تائەت-ئىبادەت قىلدىڭىز. تاكى ئەجدات خەزنىسى بولدى تەھسىل قىبلىسى، تا فارابى...بارچىنىڭ روھىنى خۇرسەنىت قىلدىڭىز. ئاقىلنى چىللارباغرىغا سىرۇ -ئەسرارجىلۋىسى ، بەلكى ئاياق تەگمىگەن باغنى زىيارەت قىلدىڭىز.
مەيلى غالىپۇ- مەغلۇپ،خوپ سۈكۈتتىن ھەر سەپەر،
جىسمىڭىزنى ئۆرتىبان،روھنى راھەت قىلدىڭىز. ئۆزگىلەردىن ئۆزگىچە بىر يولنى ئەيلەپ مۇددىئا، ئېيتىپ تەۋەككۈل ناخشىسى،ئالەمچە غەيرەت قىلدىڭىز. ئەلگە تالىق توغرىسى،بىزگە قالسۇن سەھۋىنى، ئۆزگە زىننەت نە كىرەك،مەرىتلىكنى زىننەت قىلدىڭىز. 2015.2.6
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
ھايات
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ