常熟服装城
جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشۇ شەھىرىگە جايلاشقان << چاڭشۇ كىيىم - كېچەك بازىرى >> 1985 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، 100 مىڭدىن كۆپرەك تىجارەتچى يىغىلغان بازار . 2001-يىلىدىن باشلاپ 2010-يىلىغىچە ئۇدا ئون يىل ھەر يىللىق تىجارەت سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان . 2010-يىلى 65 مىليارد يۈەنلىك سودا سوممىسى بىلەن ئون يىللىق رىكونت بۇزۇپ تاشلانغان.
2007-يىلى << دۆلەتنىڭ تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت ، مال سېتىۋېلىش ئورنى >> بولۇپ باھالانغان.چاڭشۇدا ئاساسلىقى ئەرلەر،ئاياللار،بالىلار كىيىملىرى ۋە تۈرلۈك رەختلەر سېتىلىدۇ.
چاڭشۇغا دىيارىمىزدىن بىۋاستە پويىز ياكى ئايروپىلان يوق.
پويىزدا ئولتۇرماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن سۇجۇدىن چاڭشۇغا بارسىڭىز بولىدۇ.
ئايروپىلاندا كەلسىڭىز ئاۋۋال شاڭخەيگە كېلىپ ئاندىن شاڭخەيدىن چاڭشۇغا پويىزدا بارسىڭىز بولىدۇ.
ئادرىسى :چاڭشۇ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا سودا يولى ۋە جەنۇبىي سودا يولى كېسىشكەن جايدا
常熟市商城中路与商城南路交汇处
***************************************************
3.خاڭجۇ يىپەك كىيىملەر بازىرى
杭州环北丝绸服装城
خاڭجۇ شەھىرى فېڭچى يولىغا جايلاشقان << خاڭجۇ يىپەك كىيىملەر بازىرى >> جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ يىپەك كىيىملەر بازىرى بولۇپ ، 11 قەۋەتلىك بازارنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن ئۈچۈنچى قەۋىتىگىچە ئاياللار كىيىمىلىرى ، تۆتىنچى قەۋەتتە تەنتەربىيە كىيىملىرى ، بەشىنچى ئالتىنچى قەۋەتتە يىپەك كىيىملەر .... قاتارلىقلار سېتىلىدۇ.
ئادرىسى :خاڭجۇ شەھىرى فېڭچى يولى 160-نۇمۇر
杭州市凤起路160号
*******************************************************************
خەينىڭ خۇرۇم كىيىملەر بازىرى
海宁浙江皮革服装城
جېجىياڭ ئۆلكىسى خەينىڭ خۇرۇم كىيىملەر بازىرى 1994 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ خەينىڭ پويىز ئىستانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا . بازاردا 8500 يايما ، 4200 كارخانا ، 25 مىڭ تىجارەتچى بار . يىللىق سودا سوممىسى ئون مىلياردتىن ئاشىدۇ.
خەينىڭ شەھىرى - جۇڭگۇدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان يۈز ناھىيە - شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ ، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ 10 % خۇرۇم كىيىم سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئادرىسى : خەينىڭ شەھىرى پويىز ئىستانىسى ئۇدۇلىدا
浙江海宁市火车站对面
ئۈرۈمچىدىن پويىزدا جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن پويىز ئاملىشىپ خەينىڭ شەھىرىگە بارسىڭىز بولىدۇ.
*************************************************************
يىۋۇ ۋۇئەي كىيىم - كېچەك بازىرى
义乌五爱服装市场
يىۋۇ شەھىرىگە جايلاشقان ۋۇئەي كىيىم - كېچەك بازىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ ئەرزان باھالىق كىيىم كېچەكلەر كۆپ. تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ‹ئامبار قالدۇقى › بولۇپ قالغان كىيىم -كېچەك ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تاۋارلار بۇ بازاردىن جوڭگۇ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ .بۇ جايدىن دىيارىمىزغا كىيىم ئاپىرىپ سېتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . بازارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا ، تاللا بازىرى بولۇپ بازار ئايلىنىش جەريانىدا تاماقتىن قىينالمايسىز.
ئادرىسى : جېجىياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرى ۋۇئەي رايۇنى
浙江省义乌市五爱区
ئۈرۈمچىدىن پويىز ئارقىلىق جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن پويىز ئاملىشىپ يىۋۇغا كەلسىڭىز بولىدۇ
ماقالە تەييارلىغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن ئادالەت
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى