مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14517|ئىنكاس: 102
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

« مەھمۇد » تىن مەن ئەۋزەل ، « مەھمۇت » ناھايىتى بىر لوغەت تۈزگەن .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 01:21:54 AM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
ئەلى ئەپەندىم : «مەھمۇت » تىن مەن ئەۋزەل ، مەن ھەممىدىن ئۈستۈن ، مەن بىزنىڭ جەمىيىتىمىزنىڭ مەرگىزى . ھەر بىر ئۇيغۇر بىر مەرگەز ، ئۆزىمىزدىن ھالقىيلى .
ئۈمۈت ئەپەندىم : «مەھمۇت » ناھايىتى بىر لوغەت تۈزگەن ، ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇمايلى ، يازغۇچىللىرىمىز شالللانغاندىلا ھىس قىلىپ يىتىدۇ .
ئۇستاز ئادبدۇقادىر جالالىدىننىڭ ، « تارىخ دەرسى » ناملىق ماقالىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، بىر يۈرۈش ماقالىللىرى ( توپلام ) ، ئەسەت سۇلايماننىڭ « ئۆزلۈك ۋە كىملىك »، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ « ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە » ، بۇكىتاپلار بىزگە بىۋاستە ھالدا ئۆزىمىزنى تۇنۇش ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىشنى ئۈگۈتىپ ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىمىزنى قوزغۇتۇشىمىز ئۈچۈن ، روھى يۆلەنچۈك بولماقتا . بۇلار كىمگە سۆزلەۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئۇيغۇرغا ، شەخسكە خىتاپ قىلىۋاتىدۇ . مەخسدىچۇ ؟  ئۇيغۇرنى قوزغاش ، ئادەمدەك ياشاشقا دەۋەت قىلىش ، ھەقىقى بىر مىللەت سۈپۈتىدە ياشاشقا ئۈندەش . مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى » ، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى » . ئابلىمىت ئۆمەر بىلگىنىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى » قاتارلىق كىتاپلار ، بىزگە ئەجداتتىن پەخرلىنىش ، ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز ، ھەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ، ئىزدىنىشلىرىنى بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىز ئۈچۈندۇر . مەرھۇم ئۆتكۈر ئاكىمىزنىڭ قىسقىغىنە « ئىز » ناملىق شېئىرى ، بىزگە نىمىگە ئىنتىلىشىمىزنى ، نىمىنى نىشان قىلىشىمىزنى ئەسكەرتىدۇ . سەيمىل خانتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ، ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى » ناملىق كىتاۋى ، بىزگە بىر تەشۋىشلىك سىگىنالنى ۋە سەزگۈرلۈكنى يەتكۈزىدۇ . بۈگۈنكى دۇنيادا 4000 دىن ئارتۇق مىللەت ، بۇ مىللەتلەر سۆزلىشىدىغان 2500 خىل ئەتىراپىدا تىل ( نەبىجان تۇرسۇننىڭ يازمىسىدىن ) بار ئىكەن . بىراق بۇ مىللەتلەرنىڭ ، ئاجىزلىرىمۇ كۈچلۈكلىرىمۇ بار . بەزىللىرى مىللەت سۈپۈتىدە ياشاۋاتىدۇ ، بەزىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىرە ، بەزىللىرى بولسا مىللەت سۈپۈتىدىلا ئەمەس ، بەلكى بىر مىللى دۆلەت سۈپۈتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ !
مىنىڭچە بولغاندا ئەلى ئەپەندىم ۋە ئۈمۈد ئەپەندىم يۇقارقىلارنىڭ نەزەرىيەۋى  يۇپۇق ئاستىدىكى بايانلىرىنى ، بىۋاستە ھالدا يالىڭاچ ، ئاددى ئەمما ئادەمنىڭ يېغىرىغا تىگىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ، بىزنى كۈچلۈك زەرەت بىلەن زىۋىتلاۋاتىدۇ ، چۈنكى بۇلار ئەمدى يەنە داۋاملىق كۈتۈپ تۇرۇشقا ، تاقەت قىلالمىغانلاردۇر . بۇ بۇرۇختۇرمىچىلىقنى ، نەپەسنىڭ بوغۇلۇشىنى ، تېزراق ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغانلاردۇر !
ئەلى ئەپەندىم ، « مەھمۇت قەشقەرى » ۋە « يۈسۈپ » بوۋىمىزدىن ئاشايلى ، بۈگۈنكى ھەر بىر ئۇيغۇر  ئۇلاردىن مۇھىم ، دىيىش ئارقىلىق شەخسنىڭ ئىدىيە ھۆرلۈكىنى ، ئىدىيەگە ۋەكىللىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، ھەر بىر كىشى ئىنسان ۋە مۇستەقىل مىڭىگە ئىگە بولۇش سۈپۈتى بىلەن ، پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ، بىر توپنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر يەككىلىك غەلبىگە ئىرىشسە ، يەككىلىك تەۋە بولغان شۇ توپنىڭ ، تەبىئى ھالدا غەلبىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ . مىللەتنىڭ ئەقىل بۇلۇقىنى تۇلۇقى بىلەن قوزغۇتۇشنى مەخسەت قىلىۋاتىدۇ .
ئۈمۈت ئەپەندىم ، ئامال قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئىددىيەۋى  يىتەكچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان ، سەركىلەر قاتلىمىغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق ، بۇ توپتا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بىزدە بىر سەكرەشكە تۈرتكە بولماقچى بولۇۋاتىدۇ .
ئۈمۈت ئەپەندىم نىمە دىگەن بولمىسۇن ، كىتاپنى تاللاپ ئوقۇغان ياخشى ، يەنە شۇ تاللاپ ئوقۇغان كىتاپ ئىچىدىكىنى ، يەنە بىر قېتىم تاللاپ ، تەدبىقلاپ قوبۇل قىلغان ياخشى دەۋاتىدۇ .
مەندەك باشقا تىلدا ساۋاتسىزلار ، يەنىلا مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە كىتاپ ئوقۇغۇنىمىز ياخشى .
ئۈمۈت ئەپەندىم شۇ سۆزى ئارقىلىق ، نەشىريات ساھىەسىدە بىر سىلكىنىشنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىنى ئۈمۈد قىلغان دەپ ئويلايمەن . بۇ نوقتىدىن ئۈمۈت ئەپەندىمنىڭ سۆزى جەمىيىتىمىز ئۈچۈن ، يوللۇق ۋە تەخرسىز  تۇلۇقلىما . بۇ سىلكىنىش ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىگە تەسىر قىلسا ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ سىلكىنىشىنى پەيدا قىلسا !
  كەتكەنلەردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن . بۈگۈنكىلەردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئازات سۇلتان ، ئەسەت سۇلايمان ئۇيغۇرنىڭ مىللى ئېدولوگىيىسىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدۇر . ئۇلار يازغان ،  يېزىۋاتىدۇ ، سۆزلەۋاتىدۇ نىمە ئۈچۈن ئۇلار ھارمايدۇ ؟ ئۇلار يېزىشنى جان بېقىش ياكى پۇل تېپىش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرىۋاتامدۇ ؟ ياق ! بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا  يېزىپ جان باققىلى ، پۇل تاپقىلى بولمايدۇ . ھەتتا بەزى ياتلار ، بىزنىڭ ئارىمىزدىن مۇشۇنداق ھارماي يازىدىغان ، سۆزلەيدىغانلارنىڭ نىمىشقا ھازىرغىچە داۋاملىق چىقىۋاتقانلىقىغا ھەيران قالىدىغاندۇ ....... چۈنكى ئۇلارنىڭچە بولسا ، بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئەمدى بۇنداق ساراڭلار چىقمىسا بولاتتى ! دەل شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىزدە ئىددىيە بىرلىكى پاخاللىشاتتى ، بىر پۈتۈنلۈك يوقۇلاتتى ، نەتىجە ئايدىڭ ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىز ئۇيغۇرلار ، ئۇيغۇر بولۇشتىن يەر شارى ئادەملىرى بولۇشقا ئۆزگۈرەتتۇق !
مەن تاسقاپ تەھلىل قىلىپ باقسام ، جەمىيىتىمىزدە يېقىن كەلگۈسىدە بىر يېڭىلىق ، سىلكىنىش ، ئىدىيە جەھەتتە بىر سەكرەش بولۇدىغاندەك قىلىدۇ . مەن بىر پارلاق كەلگۈسىنى كۆرىۋاتقاندەك بولىۋاتىمەن !
ئەلى ئەپەندىم ، ئۈمۈت ئەپەندىم :  بۈگۈنكى ئۇيغۇر پۇت تىرەپ تۇرالمىسا ، بۇ بۈيۈك بوۋىللىرىمىز  ئۇيغۇر تىرىك تۇرۇپ ، ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەجدادى بولامماسلىق تەھلىكىسىگە دۇچ كەلگەن يەردە . ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپقىيىتى بولمىسا ، ئەتىكى ئۇيغۇر ۋە شۇ ئەجدادى بۈيۈك بوۋىللىرىمىزنىڭ  ھەقىقى مەنىدىكى مەۋجۇتلۇقى بولمايدۇ دەۋاتىدۇ . دىمەك ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى مەۋجۇتلۇقى ،  كەلگۈسىمىزنىلا ئەمەس بەلكى  ھەتتا ئۆتمۈشىمىزنىمۇ  بەلگۈلەيدۇ دەۋاتىدۇ .
ماھىيەتتە بۇ ئىككى ياش ئىزدەنگۈچىللىرىمىز ، بىزگە نۇرغۇن قىسىلچىلىقلار ، ئىدىيە چەكلىمىچىلىكى ................................. ئاراشلىرىدىن ، بىزگە بىرنىمىلەرنى دەۋاتقاندەك ، بىز بولساق مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تاشلاپ ، يۈزەكى قىسمىغا ئېسىلىۋېلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن .
جەمىيىتىزدە بىر يېڭى ئېقىم پەيدا بولىۋاتقاندەك بۇ ئېقىم تۇنجۇقتۇرۇلمىسۇن .............
20 يىلنىڭ ئالدىدا ئەختەم ئۆمەر تۇنجۇقتۇرۇلغاندەك ......................ئەختەم ئۆمەر يالغۇز قالغان ............................  ئۇ بىرنىمە دىمەكچى ئىدى .
10 يىلنىڭ ئالدىدا يالقۇن روزىنىڭ تەپەككۈرىگە پالتا چېپىلدى ، ئۇمۇ بىرنەرسە دىمەكچى ئىدى ....................................
بۈگۈنكى كۈندە ، ئەلى ئەپەندىم بىلەن ئۈمۈد ئەپەندىم ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندەك  قىلغان بىلەن ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرلىرىنىڭ ئاخىرى بىر نوقتىنى كۆزلەۋاتقاندەك . بۇ نوقتا زادى قانداق نوقتىدۇ ؟ ......................................
ئۇلار بۇ نوقتىنى ئۆزى بىلىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ تىلى ، كېكەچ .
بۇ تاغلار ئىگىز تاغلار........................


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
دەرۋىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 02:32:50 AM |ئايرىم كۆرۈش |
جىنىم قىرىندىشىم sawda571، سىز ئويلىغان بۇ نەزەرىيىلەرنى ئۇلار تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز تەپەككۈر قىلىپ بىقىڭ... مەيلى ئەلى مۇئەللىم بولسۇن ياكى ئۈمىد غىنى بولسۇن ئۇلارنىڭ بۇنى بىلمەي ‹‹ سەھنىگە ›› چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ دەرىجىدە تىرىشقان ئادەم سىز رەدىيە بەرگەن شۇ نوقتىنى بىلمەي قالارمۇ؟  ئۇلاردا قەستەنلىك بار، ئۇلار بىزنىڭ ‹ تۇسۇغان ئىشنى قىلىشقا شۇنچە خۇمار ئىكەنلىكىمىزدەك › پىسخىك ئالاھىدىلىكىمىزگە قارىتا شۇ سۆزلەرنى قىلىپ بەدەل تۆلىگۈچىلەردۇر.... ئۇلارنىڭ مەقسىدى شۇ سۆزلەر ئارقىلىق بىر قىتىملىق ئويغۇنۇشنى ئىلىپ بىرىش دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-27
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 02:33:58 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مەن پىكرىڭىزگە قوشۇلىۋاتىمەن. رەددىيە بېرىدىغانلارمۇ بەك قايناپ كەتمىسە-دېگەن ئۈمۈتتە. چۈنكى قايناپ قالساق، تېمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىكەنيا. ماۋۇ نەرسىنى چاپلاپ قويسام، ئىڭەكلىرى ساڭگىلاپ كەتكەننىڭ سىمۋولىكەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107710
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2014-6-14
ئاخىرقى: 2015-5-21
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 02:45:37 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
مۇنازىرە دىگەننى چوقۇم توردا ئېلىپ بېرىش شەرتمىدۇ ؟  بىر ۋاقىتلاردا «ئىلىم چېيى» دىگەندەك بىر ئۇسۇللاردا قىلىنىۋاتاتتى ، لىكىن يېقىندىن بۇيان توردا مۇنازىرىلەر كۆپەيدى لىكىن غەيۋەت شىكايەتمۇ تەڭ كۆپەيدى سەۋەبى  بىلىم ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن چۈشۈنىشمۇ ئوخشاش بولماي شۇڭا بۇ مەسىلىلەر چىقىۋاتىدۇ .  شۇڭا مۇنازىرىلەرنى بىلىم قۇرۇلمىسى ئاساسى جەھەتتىن تەڭلىشىدىغانلار بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ئىلمى قىلىشسا دەيمەن . پەقەت تورغىلا ئېسىلىپ ئولتۇرۇپ جىدەللەشمەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 600
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 03:04:40 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
تىموچىن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 02:45 AM
مۇنازىرە دىگەننى چوقۇم توردا ئېلىپ بېرىش شەرتمىدۇ ؟  ب ...

سىز بىلىم سەۋىيىسى جەھەتتە قايسى قاتلامغا تەۋە؟

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2060
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 03:12:14 AM |ئايرىم كۆرۈش |
......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11730
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8463
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-2-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 03:15:09 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئوخشاش پىكىردىكىلەر بىرلىككە كىلىش،ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر ئۆز پىكىرنى ساقلاپ قىلىش …… دېگەن نەزەرىيەنى بىلمەيدىغانلار بار ئەمەسما !    تېما ئىگىسى دەل مېنىڭ پىكىرىمنى مۇكەممەل ھالەتتە بايان قىلىپتۇ !

بۆرە بول، بولمىسا قوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-25
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 04:00:43 AM |ئايرىم كۆرۈش |
بولدى  بىرە قىتىم تەنقىدلىگەندىكىن  ،      يەنە ئەزۋەيلەشنىڭ ئورنى بارمۇ  ؟

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4773
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2052 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-5-25
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 04:04:17 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئاق قارىنى مۇنازىرە قىلىش يامان ئەمەس ، ئەڭ يامىنى 100 بەت ئىنكاس بىلەن بەس مۇنازىرە قىلىپمۇ ئاق قارىنى يەنە بىلمەي كىتىپ قېلىش ...

ھەقىقىەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ ، لىكىن ما مۇنبەردە ھەقىقەت ھەم سۇنمايدۇ ھەم ئىگىلمەيدۇ ئەڭ ئاخىرىدا بولسا كۈمۈلۈپ قالىدۇ ، سۆزلىگەنلەر سۆزلەپ غەيۋەتلەر غەيۋەت پېتى قالىۋېرىدۇ .





ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112932
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-4-22
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 09:43:17 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەلى  مۇئەللىم  ھەرلىكسىيەدە  ئاڭلىغۇچىلارغا  بوشلۇق تاشلاپ بىرىۋاتىدۇ  مەسلەن :  مەن   كۆپ كىتاب ئوقۇيمەن،  ئىددىيەمگە ماس كەلسە ئۈگۈنىمەن  ماس كەلمىسە  قوبۇل قىلمايمەن دەپ دىگەندەك  ..
مەيلى  ئەلى  ئۈمۈد  قايسى  بولسۇن  خاتا  توغرا دەپ  جارسالماي  قوبۇل  قىلالىدىم  قىلالمىدىم  دەپ  جارسالساق  ياخشى ئىنكاسلار  چىقاتتى  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش