ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر...
قاراخان
توپقا قاراپ تاش ئاتسام ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر،
ياتقا قاراپ قاش ئاتسام ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
باغلاپ باقساڭ بۆرە دەپ،كۆزۈم بولسا جاڭگالدا،
ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس دەپ ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر ،
دوستقا زار ،دۈشمەنگە خار،نامەردكە بولسام ئىنتىزار،
مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىل ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
بىلەكتىكى باتۇرلۇق, يۈرىگىمدە بولمىسا،
مەيدان ئارا سىناپ يۈرمەي ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
تۆمۈرچىمەن قولۇمدا تۆمۈر ئىمان ئېيتمىسا،
يىڭنىچىدىن پەس كۆرۈپ ، ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر .
چىچەن يىگىت يىلاننىڭ‹‹ كۆشىگى››نى بىلىدۇ،
غاپىل دىسەڭ، غەمخان بوپ ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
چالا قاقسام غاڭزامنى ،ئات ھارۋامغا تارتىشىپ،
كاۋاك ئىشتا نە خەير دەپ ئۆلتۈر! قاتىلىم ئۆلتۈر.
قار ,يامغۇردا پولو، شورپا،بوراندا خوپ ئۇيقۇ دىسەم،
نەپسىگە قۇل ،ئاۋارە دەپ ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
رەمبالنىڭ رەم-قۇرىدىن،بىر خىيالىم مىڭ دۇرۇس،
ئالدىنىپ يۈرسەم چۈشۈمگە ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
كېتىمەن دەپ ئوتۇمنى ئۆچۈرمىدىم ھېچقاچان،
كۆرۈنگەن تاغ يىراق دىسەم ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
سۆز قوغلىشىپ يولۇقسام خەزىنە ياق كاشالغا،
باشقا چىققان ئېغىز دەپ ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
تىرىكلىكنىڭ نىشانى دەپ خەت- خالتاڭنى ئىۋەرتسەڭ،
ئاڭا جاۋاپ بېرەلمىسەم ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
كۆزدىن ئاۋۋال ئاشىق بولسا قۇلاقلىرىم ئۇچۇرغا،
مەجنۇن دىسە دىلى كورلار ،ئۆلتۈر، قاتىلىم ئۆلتۈر.
ياخشى ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چاڭ چىقامدۇ قاراپ باق،
خەشىكى يوق دۆڭ ئاتالسام ئۆلتۈر قاتىلىم ئۆلتۈر.
2015-يىلى 3-فېۋرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 07:05 PM