فېۋرال لېۋىدە كۈلدى بىر تال قار
چىمدىدى تېرەكنىڭ تېنىنى قۇشقاچ ،
ھۆپۈپلەر ئاپتاپتا سالماقتا پايپاق .
كەچقۇرۇن دوقمۇشقا ئېيتار ھېكايە ،
قاغىلار تېنىنى قىلماقتا ئاپئاق .
قاراياغاچ شېخىدا ئۇخلار توك سىمى ،
بۇلتۇرقى ئۆتمۈشنى ئەسلەر قوناق شاخ .
قاراغۇجا توپلىىشپ ئوقۇشار شېئىر ،
مۈشۈكلەر چىشلىشىپ قىلىشار چاخچاق .
سىيىرنىڭ تۇغۇتى قالدى يىقىنلاپ ،
ئېغىلدىن ئاڭلىنار ئەللەي ئاۋازى .
كۆزئەينەك تاقاشتىن يالتايدى قوشقار ،
كۈنسىرى كۈچىيەر ساغلىقنىڭ نازى .
ساپما كەش ئىچىدە ئالدىراش تۇرمۇش ،
چاشقانلار قوناققا قويماقتا بەلگە ،
كەلگەچكە ئالدىراپ پەسىل ھارپىسى ،
جاندارلار چاندۇرماي كۈچىدى يەلگە .
رومالنى يەشكەندەك قىلماقتا قۇياش ،
نۇرلارنىڭ كۆزىدىن قاچتى مىليۇن ئوت .
لەگلەكنى سېغىنىپ كەلسە غۇر شامال ،
ئاز ئۆتمەي زىمىننى يالايدۇ قۇرۇت .
مۇزلارنىڭ كۆزىدىن قايتتى مىسرالار ،
يوللارنىڭ چېتىدە قىش پەسلى ئاقار .
ئېرىگەن تېنىگە ياساپ قوش تىرناق ،
فېۋرال لېۋىدە كۈلدى بىر تال قار .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 12:07 AM