ياش تۆكمە گۈلۈم
غەنىزات ئۇيغۇر
مۇڭلانغان چېھرىمگە باققىن بىر قېتىم، ئازابنىڭ تەكتىدىن قۇتۇلسۇن كۆڭۈل. قۇياشتەك ھۆسنۈڭگە قانسۇن كۆزلىرىم، بولمىسۇن ئاشىقىڭ يۈرەك-باغرى كۈل.
پاچاقلاپ تاشلانسۇن ھېجران ھەيكىلى، سايرىسۇن بۇلبۇلۇم ۋىسال بېغىڭدا.. نۇر تۆكسۇن چاراقلاپ ئۈمىد ئاپتىپى، يالتىراپ ئۇپۇقتا تۇرغان ئىزىڭدا .
شادلانسۇن قەلبىمىز بولغاندەك ئايەم، سائادەت كۆكىدە زۇھەلدەك يېنىپ. بەختكە قايتىدىن بىرەيلى تەبىر، سۆيگۈگە-لەززەتكە يېنىشلاپ قېنىپ.
كەل دىلدار ئىشقىمنىڭ گۈلىستانىغا، ساداقەت گۈلىنى چېھرىڭگە قىسىپ. ۋىسال دەپ ياش تۆكۈش ئەمدى ساڭا يات، ئەقىدە، ئارمىنىم بىر ساڭا نېسىپ.
مۇڭلانغان چېھرىمگە باققىن بىر قېتىم، ئازابنىڭ تەكتىدىن قۇتۇلسۇن كۆڭۈل.. ئىشقىمىز باغلىرى مېھرىڭدە ياشناپ، مېھرىمدىن چېھرىڭدە پورەكلىسۇن گۈل. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 11:19 PM
|