مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 675|ئىنكاس: 9

ھەق-ناھەق توغرىسىدا رۇبائىيلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2812
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2518 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 06:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناھەق ،يالغان ،خاتاغا  ...


قاراخان


ھالالدىن ئاش تاپقان ھەقنىڭ رىزقى نەق،

تۇزنى يەپ تۇزداننى چاقما دىگەن ھەق.

ھەق -ناھەق ئارىسى بىر غېرىچ پەقەت،

ھەق سۆزلە بىئەجەل ئۆلسەڭمۇ ناھەق.


**************************


راستنى كۆرسە قاچىدۇ يالغان،

يولۋاسنى كۆرسە قاچىدۇ تايغان.

تۇغۇلاركەن قۇۋلۇقتىن شۇملۇق،

كۆرگەن راستمۇ ياكى ئاڭلىغان.


***************************


توغرىغا توغرا بول خاتاغا خاتا،

ھەق سۆزنىڭ ئالدىدا بولمىغىن گاچا.

ئاق-قارا، ئوڭ-تەتۈر ئايان ھەممىگە،

بىل ئەگرى كۆڭۈلدە ئەگمە ،جىن تولا .


*****************************


يالغانغا، خاتاغا، ناھەققە سۈكۈت،

قىلما دەپ قىلساممۇ بىر تالاي ئۈگۈت.

ئىمانىڭ، ۋىجدانىڭ بەرمىسە بىر كۈچ،

ئۆتىسەن قاغىدەك بولالماي بۈركۈت.



داۋامى بار.



2015-يىلى 2-فېۋرال


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 11:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2812
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2518 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:35:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاراقسىز چاچنىڭ زىننىتى بولماس،
سوراقسىز كۈننىڭ قىممىتى بولماس.
قارارسىز ئىنسان ئۇ -پايدىسىز بوران،
پايدىسىز بوراندا نىچۈن باغ سولماس.
*********************************
ئېلىنى تاپالماس ئايدىڭدا ئازغان،
ئات ئازسا تايغا ئەگىشەر ھامان.
ئەقىلسىز باشقا يارىشامدۇ تاج،
ئەقىل-ئات ،بۇ ئاتتا مەنزىلىڭ قايان.
**********************************
ئالەمنىڭ تۈۋرۈگى بىلسەڭ ھەقىقەت،
ئادەمنىڭ كۆۋرۈگى ئەمەلدۇر ئەبەد.
ئادەملەر تۈگەپ قالسىمۇ ئالەم،
نام ئەمەل سورىقى بولار قىيامەت.
********************************
ئاي،كۈنگە باقىدۇ ھەر ئاپتاپپەرەس،
دىمىگىن سەن ئۇنى بەك پۇرسەتپەرەس.
نۇر زىيا ئالەمگە ،ئادەمگە قۇدرەت-
بېغىشلار، سەن ئۇنى بىلگىن مۇقەددەس.
*******************************
تەدبىرىڭ قانداق ،تەقدىرىڭ شۇنداق،
ئەزەلدە سەن ئەمەس يارالغان بۇراق.
دورىغىن،سورىغىن بىلمىسەڭ ئەلدىن ،
مىڭىسىز كاللىدىن قاپاق ياخشىراق.

داۋامى بار




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 11:40 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:57:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1683
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  چىقىپتۇ ،

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2812
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2518 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:15:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمىتى ئۈستۈندۇر سۆزى توغرىنىڭ،
يۈزى ئەل ئالدىدا سۆرۈن ئوغرىنىڭ.
تەييار گۆش يولۋاسنى قىلالماس رازى،
تىلىگىن ،تېرىغىن ھىممەت تەڭرىنىڭ.
***********************************
داۋامى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 12:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:19:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسز.قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 07:24:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز رۇبائىنى ياخشى كۆرەتتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96557
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 12:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقنى تونۇپ قالارسەن بەزەن ئاددى پاراڭدا ،
ۋاپا ، ھېممەت بولمايدۇ سۈخەنچىدە ، ساراڭدا .
قاراڭلارچۇ دوستلۇرۇم ، بال قوغۇنلار چۆنەكتە ،
ئىچى قۇرۇق قاپاقلار تۇرار ئېگىز باراڭدا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110968
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-11-17
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 06:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بارمۇ قارىخان ؟ قالتىس يېزىپسىز ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2812
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2518 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 01:40:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
poliknur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 06:07 PM
داۋامى بارمۇ قارىخان ؟ قالتىس يېزىپسىز ....

قاراخان : ئەركىن تىنىقلار...
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=25929&fromuid=4207

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش