مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 10

تاڭنۇر : ئۈچ پارچە شېئىىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239309
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12474 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:08:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


خەيرۇللا قۇربان


پەرىشان كېچە




پەرىشان كېچىگە يەنە ئۇچراشتىم ،


قوشقوللاپ سۇنىدۇ ئازاپلىرىنى .


ئىزدىسەم ئۈمۈتتە تۇرمۇش بىتىمدىن ،


تاپمىدىم كۆڭۈللۈك ۋاراقلىرىمنى .



تاڭلارنىڭ ۋەسلىگە ئىنتىزار بۇلار ،


ئۈمۈتلۈك كۆزلۈرۈم سۈكۈتتە تۇرۇپ .


چۈشۈمنى بۇزىدۇ پەرىشان كېچە ،


خىيالغا يانداشقان ئازاپنى سۇنۇپ .



تالايلاپ چۈشلۈرۈم بۇزۇلغان بىلەن ،


ھەمراھىم بوپ قالدى پەرىشان كېچە .


ھەي دۇنيا كۆزۈمدىن قاچان تامىدۇ ،


خۇشاللىق كۆز يېشى تېزدىن ئېيتقىنە !.



چىچەكسىز سۆيگۈ





مەن ساڭا ئامراقتىم سەنمۇ ماڭا ھەم ،


بەئەينى جۇپ بولۇپ ئېچىلغان گۈلدەك .


بىلمىدىم بۇ كېچە تەگدىمۇ بوران ،


شۈنچە تېز چېچىلدۇق تۇزىغان كۈلدەك .



كۈلىشىپ ، سىردىشىپ ئۆتەتتۇق ئىناق ،


پىشايۋان ئۈستىدە سايرىغان قۇشتەك .


سەن ماڭا ، مەن ساڭا قىلمىغاچ سۈكۈت ،


بوپ قالدۇق بەئەينى توڭلىغان مۇزدەك .



سەيلىگە چىقاتتۇق قوللار تۇتۇشۇپ ،


يىلتىزى تۇتاشقان قوشماق تىرەكتەك .


مۇھەببەت سىنىقى پايانداز سېلىپ ،


ئايرىدى بىزلەرنى ئازاپ كېرەكتەك .



ئايرىلدۇق ئىككىمىز ئازاپ قۇچاغلاپ ،


گوياكى ئۈشۈگەن دەرەخ بىخىدەك .


مەنزىللەر يولىدا قايتا ئۇچرىشىپ ،


بىلىمەن يوق پۇرسەت دەرتلەر تۆككۈدەك .


ئوتتۇز يېشىم


خەيرۇللا قۇربان




ئوتتۇز يېشىم ئوتتۇز باھارىم ،


ئاق ۋاراققا يېزىلمىغان سىر .


ئوتتۇز قىشتا توڭلىغان بىرىگە ،


ئەجرىم بىلەن بەردىممۇ مىھىر ؟.




قېتىلماقتا ھەر يىلى بىر ياش ،


كەچمىشلەرنى يۇشۇرماق بولۇپ .


ئوتتۇز يازنىڭ غۇنچىسى كەبى ،


كىملەر ئۈچۈن ئېچىلدىم كۈلۈپ .




ئوتتۇز كۈزنىڭ شاھىدى بولۇپ ،


يۇپۇرماقتەك تۆكۈلدى كۆز- ياش .


ئەتىيازدا كۆكلىگەن بىختەك ،


ئوتتۇز يېشىم ئۈمۈتكە يانداش .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 11:12 AM  


مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:56:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239309
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12474 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 01:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە قالايمىقانچىلىق بۇ  مۇنبەرنىڭ سېستىمىسىدا چاتاق بارمۇ نىمە ؟

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1547
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 01:55:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىرلار ئىكەن.ياقتۇردۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 02:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز... بولۇپمۇ بۇ كوبلىتىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم :

ئوتتۇز كۈزنىڭ شاھىدى بولۇپ ،
يۇپۇرماقتەك تۆكۈلدى كۆز- ياش .
ئەتىيازدا كۆكلىگەن بىختەك ،
ئوتتۇز يېشىم ئۈمۈتكە يانداش .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 02:24:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرىشان كېچە دىگەن شېئىردا سەل تەكرارلىنىش باردەك بىلىندى،
قالغان شېئىرلار ياخشى چىقىپتۇ.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7164
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 02:57:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
30 ياش دىگەن شىئېر ھەجەپ بىر خىل يېقىملىق بىلىنىپ كەتتىيا ماڭا...

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1704
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 03:03:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى چىقىپتۇ

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40560
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4097
تۆھپە نۇمۇرى: 145
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 03:17:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئوتتۇز يېشىم›تېمىسىدىكى شىېىڭىز ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 04:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ممە شىئىرىڭىز مەنچە شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.
‹‹رەھمەت››بىزگەمۇشۇنداق شىئىرىڭىزنى سۇنغانلىقىڭىزغا!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش