ئەنگىلىيە پارلامېنتى «3 ئاتا-ئانىلىق بوۋاق» تېخنىكىسىنى قانۇنلۇق ھالدا ماقۇللىدى
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە
دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئاۋانگارتلىق بىلەن ئىجاد قىلغان «3 ئاتا-ئانىلىق بوۋاق» تېخنىكىسى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى كەسكىن مۇنازىرىگە قويۇلغان ئىدى. بۈگۈن ئەنگىلىيە پارلامېنتى بۇ تېخنىكىنى ئاخىرقى قېتىم ئاۋاز تاشلاشقا قويۇپ 128 كە قارشى 382 ئاۋاز بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك ھالدا بۇ تېخنىكىنى ماقۇللاپ دۇنيادىكى تۇنجى «3 ئاتا-ئانىلىق بوۋاق» تېخنىكىسىنى قانۇنلاشتۇرغان دۆلەت بولۇپ قالدى.
بۇ قارار ئەنگىلىيەدە 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ماقۇللىنىشى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولغان ۋاشىڭگىتون پوچتا گېزىتى، BBC, CNN، بايقاش، NBC.... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئالدىنقى تۆت سائەتتىن بۇيان خەۋەرلەر ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ تور دۇنياسىنى بىر ئالدى. بۇ پارتلاش خاراكتېرلىك زور خەۋەرگە قارىتا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى، سىياسىئونلار، رىم چېركاۋى، ئەنگىلىيە باش چېركاۋى، ئىلم-پەن ئالىملىرى ۋە ئامما كۈچلۈك ۋە جىددىي ئىنكاسلارنى قايتۇرماقتا.
BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشقا كۈچلۈك قارشى تۇرغان رىم چېركاۋى، قوللىماسلىق تەرەپدارى بولغان ئەنگىلىيە باش چېركاۋى قاتارلىق ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە دىننىي تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قارارنى ئەيىپلىشىگە قارىتا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كامىرون ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
بىز بۇ يەردە خۇدا بىلەن ھەپىلىشۋاتمايمىز، بەلكى بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىككى ئاتا-ئانىنىڭ ساغلام پەرزەنت كۆرەلىشىنى كاپالەندۈرۋاتىمىز.
ئۈچ ئاتا-ئانىلىق بوۋاق تېخنىكىسى زادى قانداق ئىش؟
بۇ تېخنىكا ئانا ئىلىپ يۈرىدىغان خوندىرىئوسوملۇق گېنلاردىكى كەمتۈكلەردن كىلىپ چىقىدىغان خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا بولۇپ، ئاۋۋال ئانا بولغۇچىنىڭ كېسەل ئىلىپ يۈرگۈچى خوندىرىئوسومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇخۇمنىڭ سىتوپلازما قىسمى چىقىرىپ تاشلىنىپ ئانا تۇخۇم ھۈجەيرە يادروسى ئىككىنچى بىر تۇخۇم تەقدىم قىلغۇچى ئايالنىڭ يادروسى چىقىرىپ تاشلانغان ساغلام تۇخۇم ھۈجەيرىسى سىتوپلازمىسىغا كۆچۈرۈلۈپ بىر ئىككى ئايالنىڭ گېنلىرى بىرىككەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى ھاسىل قىلىنىدۇ، ئاندىن تەن سىرتىدا دادا ئىسپىرمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تۆرەلمە يېتىلگەندىن كېيىن ئانا تېنىگە سېلىپ قويۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئانىنىڭ كېسەل ئىلىپ يۈرگۈچى گېنلىرى ساغلام بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىدىكى شۇ خىل خوندىرىئوسوملۇق گېنلار بىلەن ئالماشتۇرۇلغان بولغاچقا تۇغۇلغان بالىدا بۇ خىل ئېرسىي كېسەل كۆرۈلمەيدۇ.
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈشى
خوندىرىئوسوم بولسا ھەر بىر ھۆجەيرىدە بولىدىغان ھۆجەيرە ئاپپاراتى. ئۇلارنىڭ خوندىرىئوسوملۇق DNA يەنى mtDNA دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزىنىڭ گېنلىرى بار. بىز ئىنسانلار ۋە كۆپ قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئەمەليەتتە ئىككى يۈرۈش گېنومى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى: يادرو گېنومى بولۇپ بىز بىلىدىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم گېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بىرى: خوندىرىئوسوم گېنومى (mtDNA) بولۇپ ئۇلار يادرو گېنلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ چۈنكى ئۇلار ھۆجەيرە يادورسى ئەمەس ھۆجەيرە سىتوپلازمىسىغا جايلاشقان چەمبەر شەكىلىدىكى كىچىك DNA لاردىن ئىبارەت. ئەمما خوندىرىئوسوم بىز قىلىدىغان ھەر بىر ئىش ئۈچۈن ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا خوندىرىئوسوم گېنلىرىنىڭ ناھايتى مۇھىم رولى بار. ئاددىيسى، مەن ھازىر سىلەرگە سۆز قىلىۋاتقىنىمدا توختىماي ھاۋادىن نەپەس ئالىمەن ۋە توختىماي شۇنداق قىلىشىمغا توغرا كىلىدۇ چۈنكى مېنىڭ ھۆجەيرىلىرىمدىكى خوندىرىئوسوملار ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق. خوندىرىئوسومنىڭ رولى بولسا ئوكسىگېن ۋە بىز يىگەن يىمەكلىكلەردىن كەلگەن گىلۇكوزىنى ATP دەپ ئاتىلىدىغان ئۇنىۋىرسال ھالدا بەدىنىمىز، جۈملىدىن بارلىق ھۆجەيرىلىرىمىز ھەر بىر فۇنكىسىيىسىنى ئىلىپ بىرىشتا بولمىسا بولمايدىغان بىر مولىكۇلاغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭىلاشقا، خوندىرىئوسوم ھاياتلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ تۈپكى بىر فۇنكىسىيەنى ئۆتەيدۇ.
بىز پەقەت ئانىمىزنىڭ خوندىرىئوسوملۇق گېنلىرىغا ۋارىسلىق قىلىمىز چۈنكى پەقەت تۇخۇم ھۆجەيرىسىلا خوندىرىئوسوملۇق گېننى تەمىنلەيدىغان بولۇپ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىسپىرما ھۆجەيرىسى خوندىرىئوسوم گېنلىرى ئۈچۈن ھىچقانداق تۆھپە قوشمايدۇ.
mtDNA نىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ئەسلىدىن چوڭراق بولىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا يادرو گېنلىرىغا قارىغاندا توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنىڭ سانىمۇ كۆپرەك. نەتىجىدە خىلمۇ-خىل گېن ئۆزگىرىشلىرى خوندىرىئوسومدا يىغىلىپ قالىدۇ. خوندىرىئوسوم گېنلىرىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ھۆجەيرىنىڭ ئېنىرگىيە ئىشلىتىش ئەھۋالىغا باغلىق دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا يۈرەك، مېڭىگە ئوخشاش ناھايتى كۆپ ئېنرگىيە ئىشلىتىدىغان توقۇلمىلاردىكى ھۆجەيرىلەر خوندىرىئوسوم ئارقىلىق ناھايتى ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار تىز قېرىيدۇ، شۇڭا قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى قېرىلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر شۇ توقۇلمىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ مەسىلەن، يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە قان-تومۇر يېرىلىش دىگەندەكلەر.
بىز بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچەپ كىلىۋاتىمىز. مەسىلەن، ئەگەر بىر ئائىلىدە بۇ خىل توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلار بولسا ھەم بىر بالىسىغا ئېرسىيەت قالغان بولسا، كىيىنكى بالا ساغلام تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ مەسلىگە قارىتا، بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بولسا بىز ئالدىنئالا كېسەل ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ۋە بۇ گېندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تۆرەلمىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇنلا داۋالىساق بولىدۇ. بۇ خىل خوندىرىئوسوملۇق گېنلار پەقەت تۇخۇم ئارقىلىق ئېرسىيەت قالىدۇ، ئايال تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى تەمىنلەيدۇ. دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئىسپىرمىدىن ئازراقمۇ خوندىرىئوسوم تۆرەلمىگە كىرمەيدۇ. ئانا تۇخۇمىدىكى بارلىق خوندىرىئوسوملار بالىغا قالىدۇ.
بىز مۇنداق بىر ئامالنى ئويلاپ چىقتۇق:
بىز خوندىرىئوسوم گېنلىرىنى ئالماشتۇراساق بولىدىغۇ؟ مەسىلەن، بۇ بىر خوندىرىئوسوم گېنلىرىدا توساتتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن تۇخۇم بولسا، بىز بۇ تۇخۇمنىڭ يادروسىنى ئايرىۋىلىپ ئۆزگەرگەن گېنلار جايلاشقان سىتوپلازمىسىنى تاشلىۋەتسەك، ئاندىن باشقا بىر ساغلام سىتوپلازما تەقدىم قىلغۇچى تۇخۇمدىن بىرنى تىپىپ شۇ تۇخۇمنىڭ سىتوپلازمىسى بىلەن ئانا بولغۇچىنىڭ ھۆجەيرە يادروسىنى بىرلەشتۈرسەك بولىدۇ.
شۇنداق قىلساق بىز يىڭى بىر سۈنئىي ھۆجەيرە ھاسىل قىلغاننىڭ ئورنىغا، پەقەت باشقا بىر تەقدىم قىلغۇچى تۇخۇمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلالايدىكەنمىز. بۇ خۇددى ئەزا تەقدىم قىلىش ياكى توقۇلما تەقدىم قىلغاندەكلا ئىش، پەقەت بۇ خىل داۋالاشتا ئۇنىڭ ئورنىغا تۇخۇم ھۆجەيرىسى تەقدىم قىلىنسىلا بولىدۇ. بۇ دەل نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بىز تەتقىق قىلىۋاتقان نەزەرىيەدۇر. ئەلۋەتتە، بىز ئالدى بىلەن ھايۋانات مودىلىنى ئىشلىتىپ بۇ پەرىزىمىزنى سىناق قىلدۇق ۋە بۇ مەشغۇلاتنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى غەلبىلىك ھالدا مۇئەييەنلەشتۇردۇق.
بىز مايمۇنلاردا بۇ تەتقىقاتنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن، ھىچبولمىغاندا بۇ تەتقىقاتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىنسان ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدۇق. بۇ ئەھۋالدا، بىزگە ئىنسان تۆرەلمىسىنى بىمارغا كۆچۈرۈشكە تولۇق رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن بىز تەن سىرتىدا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تۆرەلمىلەرنى يىتىشتۈردۇق. بۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا مايمۇندىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خوندىرىئوسوم گېنلىرىدا توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ئىلىپ يۈرگۈچى بىمارلارنى ۋە ساغلام سىتوپلازما ياكى ساغلام خوندىرىئوسومى بار تۇخۇم ھۆجەيرىسى تەقدىم قىلغۇچىلارنى تاپتۇق. بىز خوندىرىئوسومنى ئالماشتۇرۇغاندىن كىيىن يىتىلگەن ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ پۈتۈنلەي يىڭى خوندىرىئوسوم گېنلىرىغا ئىگە ساغلام تۆرەلمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق ۋە بۇ تۆرەلمىلەردىن بوۋاقلارنى يىتىشتۈرۈش ئورنىغا بۇ تۆرەلمىلەردىن غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ شۇ غول ھۆجەيرىلەردە بىر قاتار سىناقلارنى ئىشلىدۇق. بۇ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى.
جاننى قۇتقۇزغۇچى تېخنىكا
بۈگۈن بۇ قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئانىلار ھاياجانلانغانلىقىدىن ياش تۆكتى. گەرچە ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى دىننىي تەشكىلاتلار، ئىنسان ئەخلاقشۇناسلىرى بۇ قارارغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئالىملار بۇ تېخنىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئامېرىكىدا يىلدا 4000 بوۋاق خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەر بىلەن تۇغۇلىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ ۋە ئېچىنىشلىق كېسەل ئازابىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇغىنىسى، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA ) ئۆتكەن يىلى بۇ تېخنىكىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قارارغا قويغاندا تېخى بىخەتەرلىك جەھەتتە پىشىپ يېتىلمىگەن دەپ قاراپ بۇ يىل داۋاملىق مۇنازىرىگە قويماقچى بولغان. ئەنگىلىيەنىڭ بۇ قارارى بەلكىم ئامېرىكىدا بۇ تېخنىكىنىڭ قانۇنىي ماقۇللۇققا ئېرىشىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
بايا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى مۇبارەكلىگەچ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشكىنىمدا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ بۇنچە تىز قانۇندىن ئۆتەر دەپ ئويلىمىغاچقا ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مېنىڭ بۇ ئىشنى ئۇيغۇر تىلىدا خەۋەر قىلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە سالام يوللىدى. ئاخىرىدا ئالىمىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىنسانلارغا بەخىت-سائادەت ئىلىپ كىلىشىنى ۋە بۇ تېخىنىكىنىڭ كېڭىىيىپ پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىلگەجان
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر:
http://www.bbc.com/news/health-31069173
http://blogs.discovermagazine.com/d-brief/2015/02/03/uk-becomes-first-country-approve-three-parent-babies/#.VNFK-MZwOWa
http://www.cnn.com/2015/02/03/health/uk-ivf-3-person-babies/
http://www.washingtonpost.com/news/speaking-of-science/wp/2015/02/03/british-parliament-is-voting-on-three-parent-babies-today-heres-how-one-baby-can-have-three-peoples-dna/
http://www.nbcnews.com/health/health-news/britain-votes-allow-worlds-first-three-parent-ivf-babies-n299076
http://www.theguardian.com/science/2014/dec/17/three-parent-babies-uk-mitochondrial-transfer-dna-ivf
http://www.independent.co.uk/news/uk/politics/threeparent-babies-britain-votes-strongly-in-favour-of-law-change-10021265.html
http://www.telegraph.co.uk/news/ ... -to-law-change.html
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە شەخسىي بىلوگىم بىلگە بىلوگى دا دەسلەپ ئېلان قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 12:10 PM