نەسىھەت
سۆيگۈ دەپ ئاھ ئۇرۇپ تەغدىردىن زارلاپ،
كۆڭۈل دەپ يۈرمىگىن قاۋاقنى ئارلاپ.
بىلەكنى تۈرگەندە بەختنى كۆزلەپ
كېلىدۇ بىر گۈزەل قەلبىڭنى مارىلاپ.
كېچىلەر ئۇيقۇدىن باتناپ قاچمېغىن،
تۈگىمەس خىيالغا ئشىك ئاچمېغىن
زارلېنىپ ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۈنلېرى
ھاياتلىق يولۇڭغا تىكەن چاچمېغىن.
ئۈمۈدلۈك كۆزلەرنىڭ نۇرى ئۆچمېسۇن،
قەلبىڭدە ئارزۇغا ئىشەنىچ يۈتمېسۇن.
تىرىشقىن ،ئالدېرا،بۇ ئۆمۈر چەكلىك
ئىقبالىڭ يىراقتا سېنى كۈتمېسۇن.
ئالدىنىپ خۇمار كۆز،شېرىن سۆزىگە،
كۆيمېگىن يالغاندىن ئايدەك يۈزىگە.
ئەخلاقنىڭ گۈللېرى بولسا نېگارنىڭ
بۇلبۇلدەك كۈيلېگىن گۈلنىڭ ئۆزىگە.
دوست ئۈچۈن جىنىڭنى تەسەددۇق ئەيلە،
قالدۇرۇپ يېگانە، قىلمىغىن سەيلە.
دەردىڭگە خۇش بولۇپ كۈلكە قاتقانلار
تاشلايدۇ بىر كۈنى، دوست ئەمەس زەللە.
دوست شۇدۇر دەردىڭگە دەرمان ئەيلىگەن،
كۈلكەڭنى ئۆز بىلىپ تىنماي كۈيلېگەن.
دوست ئەمەس بارىڭدا كەينىڭدىن يۈرۈپ
يوقۇڭدا ماز قىلىپ تىنماي پەللىگەن.
كەلمېگىن كەل دېسە،خىللاپ دوست دېگىن،
ھۇشيار بول تۈلكىنى دوست دەپ يۈرمېگىن.
دوست دېگەن سوغۇقتا ئىسسىق يېپىنچا
ۋاپاسىز دوستلېرىڭ كېرلەشكەن ئىگىن.
2014-10-22
ئاپتۇرى ئاقتۇ ناھىيە كوسىراپ يېزىسىدىن مۇھەممەدرېھىم ئابلىز (ئۆچمەس)