غېرىپمەن
ئايشەم سادىر
غېرىپمەن بۇ كېچە،شۇ قەدەرچۈشكۈن،
باسماقتا قەلبىمنى، ھىجىران قىيانى.
تەشۋىشكە يۈزلەنگەن ئارمىنىم خىرە،
خىياللار يۈتكەنچە، بۇ تەن مادارى.
*
مۇڭ باسقان بۇ ھۇجرام، شۇ قەدەر جىمجىت،
ئۈزەمنى ئىزلەيمەن ئەنسىز مۇڭ ئارا.
سەزگۈمدە يەنەشۇ تەنھالىق چۈلى،
بولدىمۇ بىلمەيمەن يۈرىكىم يارا.
*
بىلمەيسەن ھالىمنى ياتقانسەن ئۇخلاپ؟
كۈتسەممۇ –كۈتمەيسەن،پەرۋاسىز قاراپ
بىر ساڭا باغلانغاچ،ئۈمۈد زەنجىرىم،
تاقىتىم قالمىدى ،ھالىم بەك خاراپ
*
بىدار مەن تالاي،ئۇيقۇدىن بىلسەڭ،
ئاقىۋەت بىلەرسەن كۆيگەنلىكىمنى.
كەلسە گەر بېشىڭغا،مېنىڭ تەغدىرىم،
پۈتەرسەن كۈتۈشكە كۆنگەنلىكىمنى.
2015.1.5 كورلا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-8 10:19 AM