مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2170|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالتۇن باھاسى نېمە سەۋەبدىن ئۆسۈپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-5-11
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 08:22:18 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ئالتۇن باھاسى نېمە سەۋەبدىن ئۆسۈپ كەتتى


190729vozwod35ph9jo3do.jpg


         خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1273 دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرەنگەن . تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكا PCE ۋە IMS ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقىپ دوللارغا بېسىم ئېلىپ كەلدىن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا زاۋۇت زاكاز مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات دوللارنىڭ كەچلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .





ئالتۇن سودا تەھلىلى 03-2


ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى  1294.6   دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1299.34    دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1252.06 بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1283.66 دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.63     دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1276   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلار ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 :30 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ئەگەر ئاۋسترالىيە  فېدېراتسىيىسى  ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتسە ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن . لېكىن ئالتۇن كۈمۈشكە بولغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ .

ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئەنگلىيە ئۆي باھا كۆرسەتكۈچ ۋە بىناكارلىقPMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ئاجىز چىقسا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .

ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا زاۋۇت زاكاز مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات دوللارنىڭ كەچلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . كەچتە ئېلان قىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا فېدېراتسىيە سىياسىتىنىڭ يۆلىنىشىگە كۆرسەتمە بېرىدۇ .

121459y4g426yy4oipdtoi.png



مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئالتۇن باھاسىنىڭ 4 سائەتلىك سىزىقىدىن كۆرۈشكە بۇلىدىكى 1285 دوللار ئەتىراپىدا يەنىلا توسالغۇ بىسىم مەۋجۇت ، ئەگەر 1285 دوللاردىكى توسالغۇدىن ئىشىپ كەتسە 1293-1297 دوللارغىچە ئۆرلەيدۇ ،  ئەگەر بۈگۈن يەنىلا 1285 دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلمىسە بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1260 دوللارغا  سۈرۈلىدۇ .   

2.  ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا  ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىشى سۇس بولدى ، چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا 1270 دوللاردىن چۈشۈشپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىپ  ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1280-1285  دوللار ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ  .

3.  ياۋرۇپا  بازىرىدا  1285 ياكى 1280 دوللاردىن  ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە  ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1270  دوللار ئەتىراپىدا  چىقىرىشقا بولىدۇ .  ئەگەر  ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1270 دوللار دىن چۈشۈپ كەتسە  1260 دوللار ئەتىراپىنى كۆرۈشكە بولىدۇ . بۈگۈن سودا بازىرى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىدۇ ،  ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1268-1285 تەۋرىنىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار    1280   1287
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار     1260 1270

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى  1263-1287
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1260
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1285   

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






   

نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ قەغەز ئالتۇن سودىسى  بىلەن  بولغان پەرقى


200602sc72c767h1279z6r.jpg


        قەغەز ئالتۇن سودىسىدا پەقەت ئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇندا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ ،  چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ .  

        قەغەز ئالتۇن سودىسىدا پىشاڭلىق تاناسىپلىق شەكلى بولمايدۇ ، بىر كىلوگرام ئالتۇن سېتىۋالسىڭىز بىر كىلوگرامنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ ، لېكىن نەق ئالتۇن سودىسىدا پەقەت 1% تىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بىر كىلوگرام ئالتۇن سېتىۋالغىلى بولىدۇ .

       قەغەز ئالتۇن سودىسىنىڭ ۋاقتى بانكىلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى بىلەن بىردەك بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا كۈنىگە 24 سائەت  سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ .






ئىقتىساد ئامىلنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى  


194946vecnstchvtcvdxzv.jpg


       ھەرخىل ئاساسى يۈزدىكى ئامىللار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىقتىساد ئامىلى ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد يۈزى شۇ دۆلەتنىڭ  پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ھېسابلىنىدۇ ،  پېرېۋوتنىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . ئىقتىساد ئاساسى يۈزىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ئاساسلىقى  تۈرلۈك ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىپادىلىنىدۇ ،  شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات بىلىملىرىنى چۈشىنىش ، ھەمدە  سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك ، بۇ ئاساسى يۈزنى تەھلىل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى .
       ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئادەتتە تاشقى پېرېۋوت ۋە ئالتۇن بازىرىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بىر قىسىم مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇتلار ھەتتا شۇ كۈنلۈك مۇناسىۋەتلىك بازارنىڭ مۇھىم بولغان تەسىر كۈچى ھېسابلىنىدۇ ، بازار يۆلىنىشىدە  غايەت زور ئۆزگىرىشلەرمۇ كۆرۈلىدۇ .




خەلق پۇلى نېمىشقا قايتا ئۆرلىمەيدۇ ؟


u=4241113381,1559478303&fm=21&gp=0.jpg


       جۇڭگونىڭ چوڭ سوممىلىق سودىدىكى ئوڭ پەرق خەلق پۇلنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تىرەش كۈچى بولغان ؛ بۈگۈنكى كۈندە خەلق پۇلى قىممىتى چۈشۈش بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ ، بۇ خىل بېسىم مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ۋە ياۋرو ، ياپونىيە يېنى ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردىكى پۇللارنىڭ قىممىتى چۈشۈش قاتارلىق سەۋەبلەر ئېلىپ كەلگەن زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ؛
بۇ يىل بۈگۈنگە قەدەر ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 0.7% تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، دوللارنىڭ خەلق پۇلغا بولغان نىسبىتى 6.25 يۈەن ئەتىراپىدا بولغان ؛ 2014 - يىلى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 2.4% تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، بۇ 2005 - يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم پۈتۈن يىل چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتكەن .
      تاشقى پېرېۋوت سودىگەرلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن ، سودىدىكى ئوڭ پەرق بولسا پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قايتا ئۆرلىمەسلىكىگە ۋە مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل ؛ بۇنىڭ بىلەن قارىمۇ قارشى بولغىنى ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ۋە ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ سىياسەت تەدبىرى ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى  ۋە دوللار مەبلىغىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىگە تۈرتكە بولىشى قاتارلىقلار .




دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى


QQ截图20150203200235.png


     2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.6983 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 94.4111 ، ئوتتۇرچە باھاسى 94.57 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.29% ‏- بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 94.8148 بولۇپ ، ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 94.60 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 94.503 ، سېتىلىش باھاسى 94.513 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  94.8818 بولدى .

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 08:23 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-25
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 03:10:50 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئالتۇن باھاسى تىخىمۇ چۈشسۇن جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-26
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 03:24:31 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئالتۇننىڭ باھاسى قەدەممۇ - قەدەم چۈشسە ، يېڭى نۇسخىدىكى ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلەردىن كۆپرەك ئېلىۋالسام بولاتتى . ئەمدى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدىغان بولسا ئالتۇن سودىسى قىلىدىغانلارغىمۇ ياخشى ئەمەسقۇ دەيمەن .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 812 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-25
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 04:46:14 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئالتۇننىڭ  گىرامى 100 يۈئەنگە چۈشسىغۇ بەك بەك بەك.................ياخشى بۇلاتتى.ئەڭ بولمىغاندا ھازىرقى باھادىن 100 كوي تۆۋەنلىسىمۇ بۇلاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87476
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 05:09:04 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
    undak  ta  har  bir  girami   naqqa    puldu   ???

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 05:14:53 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئالتۇنغا مەنمۇ ئامراق 、ئالغۇدەك جىق پۇلۇم يوق.لىكىن ئۆيدىكى سېرىق مۈشۈكنى كۆرسەم ئالتۇن ئىسىمگە كىلىدۇ

ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ ، ئاتاڭنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8996
يازما سانى: 1557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12584
تۆھپە نۇمۇرى: 781
توردا: 1182 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2015-2-4
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 06:09:01 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئالتۇننىڭ باھاسى چۇشسە ، قىزلارنىڭمۇ ھالى پەسلەپ قالاتتى .....................

ئىسىلنىڭ ئەسلىمۇ-ۋەسلىمۇ ئىسىل ، قىش-ياز باھارى ھەممىسى ئىسىل .  ئېسىلساڭ ئاشۇنداق ئىسىلغا ئېسىل ،ساپ ۋىجدان غورۇرى نەسلىمۇ ئىسىل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-5-11
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 10:54:07 AM |ئايرىم كۆرۈش |
delazar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 05:09 PM
undak  ta  har  bir  girami   naqqa    puldu   ???

ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، بۇ يەردىكى باھا نەق ئالتۇن كۈمۈشنىڭ  باھاسى بولۇپ ، ھازىر 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 251.45 يۈەن ؛ 1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.44 يۈەن ؛
سىزنىڭ سورىغىنڭىز زىبۇ - زىننەت باھاسىمۇ ياكى نەق ئالتۇن كۈمۈش باھاسىمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103833
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:07:38 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مۇشۇ ئالتۇننىڭ گېپى چىقسىلا يىگىتلەرنىڭ ئېسىگە قىزلار كېلىپ قالىدىكەن دىسە توۋا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 03:29:09 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
uyaltun يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 10:54 AM
ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، بۇ يەردىكى باھا نەق ...

زىببۇ زىننەت باھاسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش